ئەسسالامۇ ئەلەيكوم باغداش ئەھلى! يېقىندا قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاقار يېڭى ئېچىشرايونىدىن قارادۆۋە بازىرىنىڭ لاپچۇق كەنتىگە بىۋاستە بارىدىغان يېڭى تاشيولياسالغان بولۇپ، تاشيولغا ئورنىتىلغان بۇ يول كۆرسىتىش تاختىسىغا يېزىلغان تەرجىمەئىنتايىن خاتا بولغان. مانا مۇشۇنداق خاتالىقلارنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ كىم مەسئۇلبولۇپ ئوڭشايدۇ؟ بىز ھېچقاچان لاپچۇقنى «سىباۋ كەنتى» دەپ ئاتاپباقمىغان. قۇمۇلدا ياشىغان ھەر قانداق ئۇيغۇر بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇنداق خاتالىقنىچوقۇم ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك! بەلكىم باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ھېچقانچە نەرسەئەمەس بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ خاتالىق قۇمۇلدىكى 130 مىڭدەك ئۇيغۇر خەلقى ۋە 50مىڭدەك قازاق خەلقىگە زور قۇلايسىزلىقلارنى، خاتا چۈشەنچىلەرنى، ھەتتا غورۇرىدەپسەندە بولغاندەك تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. قازاق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى يېقىن. بىر كۈنىبانكىغا پۇل ئالغىلى كىرسەم، بىر قازاق يىگىت ئاقچالغۇ (取款机، يەنى ئاقچا ئالغۇ)دىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلاتنى ئىشلىتىۋېتىپتۇ. دېمىسىمۇ،بەزىدە ئۇيغۇرلارمۇ قازاقچە خەتكە قاراپ بىر نەرسىلەرنى تونىۋالىدۇ. شۇڭا، بۇنداقخاتا يېزىش پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، قىسمەن قازاق قېرىنداشلارغىمۇقۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك. بولمىساكېيىنلەردىن قۇمۇل شەھىرىنى ئۇيغۇرچە «خامى شەھىرى» دەپ يازىدىغان كۈلكىلىكئەھۋاللارنى چىقمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ!
|