- تىزىملاتقان
- 2015-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 458
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
79%
|
مەن ھەممىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ... جىدەلگە كەلسەك سىز باشتا يەنى سىزنى سەن دىيىشتىن ئىلگىرلا شالۇكىڭىزنى چېچېپسىز ‹‹ سەن مىنى سەن دىسەڭ مەنمۇ سىنى سەن دەيمەن ›› دەپ جىدەلگە ئوت يېقىلىپتۇ ... دىمەك چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ دىگەن كونا قائىدىمىز بويىچە گۇناھنى ئىككىلىڭلاردىن تەڭ كۆرۈشكە بولىدۇ .
ھەرقانداق قەلەم تەۋرەتكەن ئادەمنى ھۆرمەت قىلىش كىرەك ! شەخسەن سىزنىڭ نەچچە يىللىق ئەجرىڭىزگە بارىكاللاھ ... ھەقىقەت كۈن نۇرىغا ئوخشاش ئۇنى ھېچكىم توسىۋالالمايدۇ ... ئەگەر سىزنىڭ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ياكى سىز دىگەندەك ئالتۇندەك بىباھا بولسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قەدرىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىز بىلىدۇ قەدىرلەيدۇ ... نەشىرياتتىمۇ ئۇنچىلىك ساپاسىز ئادەم يوق ھامان بىركۈنى قەدىرلىنىپ بېسىلىشى ياكى باشقا تورداشلار ئېيتقاندەك بىر نەچچە بەتلىك قائىدە بىلەن كۇپايىلىنىپ بېسىلماسلىقى مۇمكىن ...
سىزگە تەكلىۋىم ‹‹ ئالتۇن ياتىدۇ سايدا تۇنىمىسا نىمە پايدا ›› دىگەن ناخشىڭىزنى تولاۋەرمەي ياكى ئاتايەن بىر شەخىسكە رەددىيە بىرىپ ئايرىم تىما يوللاپ ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماي شۇ تۈزگەن لوغىتىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قايسى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ خەلىققە قانداق قۇلايلىقلارنى يارىتىپ قانچىلىك پايدىسى بارلىقىنى ۋە ئەھمىيتىنى چۈشەندۈرۈپ ھېچ بولمىسا شۇ لۇغەتتىن بىر نەچچە بەت ئۈزۈندە ئېلىپ مۇنبەردىكىلەرگە ئىلمى چۈشەندۇرسىڭىز بەلكىم قوللاشقا ئىرىشىپمۇ قالارسىز .
يەنە بىر تەكلىۋىم سىزنى قوللىغان ياكى قوللىمىغان ھەممە ئۇيغۇرغا مىھرى مۇھەببەت بىلەن قارىسىڭىز ...ئۆزىڭىز دىگەندەك ئۇيغۇرغا بىر ئىش قىلىپ بەرگۈم بار دىگەن ئارزۇيىڭىزنىڭ تېخىمۇ چىنلىقى نامايەن بۇلىدۇ . بىر ئىش قىلساق ئەلۋەتتە ئۇ ئىشنى قوللايدىغانلارمۇ قوللىمايدىغانلارمۇ چىقىدۇ بۇ نۇرمال ئەھۋال ... بۇ يەدە نۇرمال بولمىغىنى سەن پەن دىيىشىپ قىلىش مۇشۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇنبەردىكىلەرنى تېخىمۇ سەۋېرچان بۇلۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەمدى ئوغۇزخانغا كەلسەك سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق ئىنكاسلىرىڭىزدا دەلىل كەلتۈرۈپ نەقىل كەلتۈرۈشلىرىڭىز ئادەمنى خۇرسەن قىلىپ قايىل قىلسىمۇ بىراق ئىلىم ئەھلىگە جۈملىدىن ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق ھاياتىنى شۇ ئەسىرىگە بېغىشلىغان بىر ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىڭىز كەمچىل بۇلۇپ قالغان شۇنداقلا بەزى ئەيىپلىرىنى ئاشكارلاشقا ئۇرۇنۇپسىز بۇ تەرەپلىرىڭز كۆڭلىمىزنى غەش قىلىۋاتىدۇ ...
ھەر ئىككىلىڭلار قەلەم ئىگىسى سىلەرگە ھۆرمەت قىىلىش سىلەرنى ئاسراش ھەر كىشىنىڭ مەجبۇريىتى دەپ قارايمەن ...
شۇڭا بۇ جىدەل مۇشۇ يەرگىچە بولسا دىگەن ئۈمۈتتە بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەر ئىككىلىڭلارغا مىھرى مۇھەببەت تىلەيمەن !
............ بىلىمزادە .............. |
|