- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
بىزدىكى ئەڭ زور خاتالىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى خەققە زورلاپ تېڭىش ، ئەمەلىيەتتە بەش قول بىردەك ئەمەس ، شۇڭا ھەر كاللىدا ھەر خىيال بولىدۇ ، ئوخشاش بىر شەيئىيگە نىسبەتەنمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار بولىدۇ ، شۇڭا تېما ھەم ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئىشنى ھەر تەرەپتىن ئويلاپ ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . مۇشۇنداق كېتىۋېرىپ بىكار ئومۇم ئاۋامنىڭ يۈرەك ساداسى بۇلۇۋاتقان باغداش ئۆزلۈكىدىن ئۆزۈمىزنىڭ ناچارلىقىدىن چۆلدەرەپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن . دېمىسەممۇ كۆپچىلىك بەك ياخشى بىلىدۇ ، مىللەت خەلق غېمىنى توختىماي يەۋاتقان نۇرغۇن كاتتىلىرىمىزنىڭ ئىزنالىرى ھېلى باغداشتا كۆرۈلمەيدىغان ، كۆرۈلسىمۇ كەمدىن كەم بولىدىغان ۋەزىيەت بالىققا كەلدى . بۇ بىز ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىشنىڭ باشلانمىسى بوپقالمىسىلا بولاتتىغۇ . باغداش بىر قېتىم تاقالغاندا دەل مۇشۇنداق چۆچۈتكىدەك گەپلەر بولۇنغانىدى ، لېكىن يەنىلە قەددىنى رۇسلىيالىدى ، بۇ قېتىمقىسى بۇ ئوخشىمايدۇ ، يەنى پىكىرىمىزنىڭ بىرلىككە كەلمەسلىكىدىن ئارىدا زىددىيەت ئۇرۇقى تېرىلىپ ، ‹‹ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق ›› تارىخىنى تەكرارلاپ ، ‹‹ قوش مەسچىت ›› تېرىتورىيىسىنى قۇرۇشقا باشلىغىلى تۇرساق كېيىنكىلەرگە نېمە قالار ، بىز مۇشۇنچە بولغان يەردە ئۇلار نېمە بولماقچىدى ، ‹‹ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق ›› دېگەندەك قاندا گېندا بۇرۇندىلا بار نەرسە تاشقى مۇھىتنىڭ سىڭىشچانلىقى تەسىرىدە ئىچكى ئۆچمەس نىدانى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بوپكېتىدۇ دە ئىسمى-جىسمى يوق غايىپ بولۇپ ، شۇڭا ئۆزۈمىزنىڭكىنىلا توغرا دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالمايلى ، مەن بىلىمەن دەپ كىبىرلىكمۇ قىلمايلى ، ‹‹ قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىرى بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ ›› . پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۆكۈمى ئىشلەمدۇ ئىشلىمەمدۇ بىزگە ، ئەلۋەتتە ئىشلەيدۇ شۇنداققۇ . ئاللاتائالا ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ ئىچىدە ئىككى گۇناھنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ ، بۇنىڭ بىرى ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈش ، يەنە بىرسى پىتنە-پاسات ، غەيۋەت-شىكايەت تارقىتىش . يائاللا بىزنى شەيتان ئازدۇرغان ئەمەس بەلكى ، سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا مۇستەھكەم ماڭغانلارنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا نىسىب قىلغىن ! |
|