قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: sirdaxim

پەرىشىتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirdaxim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 11:14  

ئە سەرنى مۇنبەرگە يوللاشتا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەچكە  داۋامى كىچىكىپ يوللىنىۋاتىدۇ. توغرا چۇشەنگەيسىلەر.

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirdaxim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 11:17  

ئالدىراپ تىزلا قايتىپ كەلگەن دىلناز  ئاپىسىنىڭ <ئىشى باركەن ، قايتىپ كەتتى...> دىگەن گىپىدىن ھەيران قالدى. ئاپىسىنىڭ چىرايىدىكى سۇغۇق كۇلكىگە قاراپ كۆڭلى قانداقتۇر بىر كۆڭۇلسىزلىكنى سىزىپ يەتتى. ئۇ ئاپىسىدىن گەپ ئېلىش ئۇچۇن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاپىسىنىڭ < جىددى ئىشى باركەن> دىگەن ئىرەنسىز جاۋابىدىن  كۆڭلى ئەمىن تاپماي بەكمۇ يېرىم بولدى.  ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئاجايىپ مىھرىبان،  دائىم <قىزىم، قىزىم> دەپلا ئۆتىدىغان ئاپىسىنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى چۇشەنمەيلا قالدى.  ئۇ ئامالسىز بىر كىچىنى ئازاپ ئىچىدە، ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزدى. كۆز يېشى بىلەن ئاپئاق ياستۇقنى ھۆللەپ ئۆتكۇزدى. ئۆزىنىڭ نازىرنىڭ قىزى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئازاپلىنىپ، ئاغرىنىپ ، قاخشاپ ئۆتكۇزدى. ئۇنىڭ ئۇچۇن بۇ كىچە شۇنچىلىك ئۇزۇن، شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق بىلىنىپ كەتتى. تاڭ ئېتىشقا ، ۋارس بىلەن كۆرۇشۇشكە، ھەقىقى ئەھۋالنى ۋارس ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ئالدىرىۋاتاتتى.
    دىلناز ئەتىسى كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ھالدا يۇك تاقلىرىنى ئەكىلىشنى باھانە قىلىپ  مەكتەپكە ماڭدى.  ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتە دەرھال ۋارسىنى تېپىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بەرمىسە بولمايتتى.  دادىسىنى قايىل قىلمىسا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى رازىلىقىغا ئىرىشمىسە بولمايتتى. ئۇ پۇرسەتنى ئۆتكۇزىۋەتسە ئۆزىنىڭ گۇزەل كەلگۇسىنىڭ پۇتۇنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ۋارستىن مەڭگۇلۇك ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ مۇشۇ كۇنلەردە بىشەملىشىپ قېلىۋاتقان ئاپىسىنى قايىل قىلالمىسمۇ، ئۆزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ، قىزىنىڭ كۆز يېشىغا ئەسلا چىدىيالمايدىغان مىھرىبان دادىسىنى   چۇقۇم قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن دەرھال ۋارسقا مەدەت بىرىشى، ئىلھام بىرىشى، ئىشەنچ بىرىشى كېرەك ئىدى.
    جىمجىتلا بولۇپ قالغان مەكتەپ قورۇسىغا كىرگەن دىلناز ۋارسىنىڭ ياتىقى تەرەپكە ئىلداملا ماڭدى. لېكىن قۇلۇپلانغان ئىشىكنى كۆرۇپ ، دەرھاللا پۇتۇن مەكتەپنى ئايلىنىپ چىقتى. لېكىن ۋارىسنى تاپالمىدى . ئۇ ۋارس خۇددى كونا گۇللۇكتە ساقلاپ تۇرغاندەكلا ھىس قىلىپ ئۇ يەرگە بېرىپمۇ ئىزدىدى. لېكىن ۋارىسنىڭ ھېچقانداق ئىز-دىرىكى بولمىدى.   يۇرىكى ئېغىپ، ھىجران ياشلىرى چاناقلىرىدا يالتىرىۋاتقان   دىلنازنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىدى. ئۆزىنى بىرسى كۆكتىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەكلا شۇنچىلىك غېرىپسىندى . ئۇ ۋارىستىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كىيىن، كاللىسىغا <قايتىپ كەتتىمۇيە ؟> دىگەن قورقۇنۇچلۇق خىيال  كىرىۋالدى. <ياق،ياق...ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. چۇقۇم مىنى بىر يەردە كۇتىۋاتقان گەپ. ..> دىلناز ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگەچ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى.
     -دىلناز قىز، سىزنىڭ خېتىڭىز.
    ياتاق دىجۇرنى ئۆيىدىكى سىمىزغىنا كەلگەن ، خۇشچىراي  ئايال خىزمەتچى  تەڭلىگەن خەتنى تەئەججۇپ ئىچىدە ئالغان دىلناز كونۋىرتتىكى تۇنۇش پوچوركىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى. ئۇ ۋارسىنىڭ خەۋىرىگە ئىرىشكەندەك خوشال بولۇپ دەرھاللا ئايالدىن سورىدى.
    - بۇ خەتنى كىم بەردى؟
    - بىر يىگىت، سەھەردىلا <ئەدىبىيات كەسپىدىكى دىلنازغا بىرىپ قويۇڭ> دەپ ئەكىرىپتىكەن.
    - ھە، رەخمەت.- دىلناز شۇنداق دىدى- دە يۇرەك ھەركىتىگە ئوخشاشلا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ياتىقىغا ئالدىراپ ماڭدى.  قەلبى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ، تىترەپ تۇرغان نازۇك بارماقلىرى بىلەن كونۋىرت ئىچىدىن  خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدى.
    << ئەسسالام دىلناز:
    كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم ھالدا ، سىز ئۇچۇن ئىككىنچى بىر خەتنى يېزىۋاتىمەن. بىرىنچى خېتىم سىزگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمنىڭ تاتلىق پىچىرىلىشى بولسا، بۇ خېتىم ئۇنىڭغا ئەسلا ئوخشىماس. بۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى قەدىرلەش، ئۆز سۆيگۇمنى بەخىتكە ئىرىشتۇرۇشكە ئاجىزلىق قىلغان نىمجان يۇرۇكۇمنىڭ ھەسرەتلىك پىچىرلىشى. ئاچچىق نىداسى.
    مەن كەتتىم دىلناز، سىزگە خوش دىمەيلا، بۇلاقتەك سىھىرلىك كۆزلىرىڭىزگە تىكىلمەيلا، شىرىن مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىمايلا كەتتىم. بىر پۇتۇن قەلبىمنى سىزگە قالدۇرۇپ ، شۇ ئاجىز، كىرەكسىز، نامرات جىسمىمنى ئېلىپ كەتتىم. ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىق بەرگەن، ئۇمۇت بەرگەن كۇنلىرىمنى ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇپ ، كىيىنكى ئۆمۇرلۇك ھەسرەتنى، پىراقنى ، ئازاپنى ئېلىپ كەتتىم.
    ئاپىڭىز توغرا ئېيتىدۇ دىلناز، بەكمۇ توغرا ئېيتىدۇ. مىنىڭ سىزگە تەقدىم قىلغۇدەك مۇشۇ ئاددى ، سەمىمى  يۇرۇكۇمدىن باشقا يەنە نىمەم بار؟ زادى نىمەم بار؟... مىنىڭ ھېچنەرسەم يوق، كاتتا ئائىلە كىلىپ چىقىشىم يوق، كادىر ئاتا-ئانام يوق، تۇمەن-تۇمەن پۇلۇم  يوق، ھەشەمەتلىك قورو-جايىم  يوق... شۇ مىسكىن ئاتا-ئانام، دىھقانغا  يۇرەك بولغان كىچىككىنە تۇپراقتىن   باشقا  ھېچنەرسەم يوق.  بۇلارنى بۇرۇنلا ھىس قىلىشىم كېرەك ئىدى دىلناز. لېكىن كۇڭۇل ، مۇھەببەت كۆزلەرنى كور قىلىۋەتكەن ئىكەن . ئەپسۇس، مەن راستىنلا سىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى بۇرۇنلا بىلسەممۇ ، بۇگۇن باشقىدىن ھەقىقى تۇنۇپ يەتتىم. تۇرمۇشنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدەك ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
    ئۆيىڭىزگە بارغىنىمغا ، ئاپىڭىزدىن يۇرۇگۇمگە پىچاق بولغان گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمغا ئەسلا ئەپسۇسلانمايمەن دىلناز . مەن پەقەت سىزدەك بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمدىن، سىزدەك بىر قىزنىڭمۇ مەن ئۇچۇن  گۆھەردەك قەلبىڭىزنى تەقدىم ئەيلىگەنلىكىڭىزدىن ئۆزەمنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن. بۇ بەلكىم مىنىڭ  ھاياتىمدىكى بىردىنبىر ھەقىقى بەخىت بۇلۇپ قالار. مەن سىزنىڭ گۇزەل رۇخسارىڭىزنى ئۇنتۇيالمايمەن، ماڭا بەرگەن ئىلھاملىرىڭىزنى  ئۇنتۇيالمايمەن. پەرىشتىدەك پاك قەلبىڭىزنى ، ساداقەتمەن يۇرىكىڭىزنى ئۇنتۇيالمايمەن. بىلىمەن ، سىز مەن ئۇچۇن زور بەدەللەرنى بەردىڭىز، بىزنىڭ كەلگۇسى بەختىمىز ئۇچۇن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز، قىزلىق تەبىئىتىڭىزنى قايرىپ قويۇپ ، ئاتا-ئانىڭىز ئالدىدا مەن ئۇچۇن يالۋۇردىڭىز، كۆز يېشى قىلدىڭىز...مانا مۇشۇلار مىنىڭ بەختىم.
    تەقدىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دىلناز. «مىنى ۋىجدانسىزلىق قىلدى، خوش دىمەيلا كەتتى، بىر يىللىق مۇھەببەتنىڭ زەررىچە قەدرىنى قىلمىدى » دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىزمۇ يالغۇز قىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۇرىكى سىز. ئۇلارمۇ سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئويلىدى. سىزدەك قەلبى قاشتېشىدەك سۇزۇك قىزىنىڭ كىيىنكى خوشاللىقىنى ئويلىدى. ساپ مۇھەببىتىڭىز ، ساپ كۆڭلىڭىز ئۇچۇن جانىمنى قۇربان قىلغۇم بار. لېكىن رىئاللىق يول قويمايدۇ. ئاتا-ئانا ئارزۇسى يول قويمايدۇ. جەمىيەت يول قويمايدۇ. سىزنىڭ ئازاپلىنىدىغانلىقىڭىز كۆڭلۇمگە ئايان، لېكىن تەقدىرگە باش ئىگىش كېرەك. نۇردۇندەك ھەر جەھەتتىن لاياقەتلىك يىگىت بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ، بۇ ئازاپلارمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ بارار...
     تۇنۇگۇن بىر كىچىنى قانداق ئۆتكۇزگۇنۇمنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز دىلناز ، ساراڭ بۇلايلا دەپ قالدىم. قىستا-قىستاڭ سوراقلار ئىچىدە جىنايەتچى ئورنىدا جاۋاپ بىرىپ چىقتىم. بىچارە ئاتا-ئانام ئالدىدىكى قەرزىمنى ئويلاپ چىقتىم. سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى يىگىتلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئويلاپ چىقتىم. بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى ئويلاپ چىقتىم...ئويلىغىنىم بەك كۆپ، بەك كۆپ دىلناز. يۇرەكلىرىم سۇ ، ياشلىرىم قان ھالدا ئويلۇدۇم: مەن زادى سەھرانى تېپىشىم كېرەككەن، ساددىلىقىمنى تېپىشىم كېرەككەن، نامراتلىقىمنى تېپىشىم كېرەككەن...
    مەن كەتتىم دىلناز. سىزگە  <خوش> دىمەيلا، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كەتتىم. لېكىن گۇللۇكتىكى تاتلىق پىچىرلاش، مىھىرلىك قۇچاقلاش، شىرىن لەۋلەر...ماڭا ھەمرا. ئۇ ھاياتىمنىڭ يالدامىسى، ياشلىقىمنىڭ يالدامىسى، مۇھەببىىتمنىڭ يالدامىسى... تۇنجى ھىسلىرىمنىڭ يۇرەك باغرىمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن لەززىتى....
    مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ دىلناز، ئەزىزىم، كۆز نۇرۇم... مىنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كىتىڭ. سىزدەك قەلبى ئەينەكتەك سۇزۇك قىزنىڭ ئۇلۇغ ئاللا چۇقۇم بەختىنى بىرىدۇ. سىزگە  ھەمراھ بولىدۇ. مەن ئامالسىزلىق ئىچىدە شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر ... ئاللا كۆڭلۇمگە سالغان مۇھەببەت ئالدىدا تۇلەيدىغان بەدەل، قەرزىم بار ئوخشايدۇ...
    مەن كۆرۇشمەيلا ماڭدىم. كۆرۇشكەندىكى ئازاپلىق مىنۇتلارنى ئەسلا كۆرگۇم يوق. ئايرىلىش دىگەن سۆزنى ئويلىغۇممۇ يوق. يەنە دىسەم: سىزدىن ئايرىلىش ماڭا ئۇلۇمدۇر. مەن پەقەت روھسىز مۇزدەك جىسمىمنىلا ئېلىپ ماڭدىم.
     خەير دىلناز. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، غەيرەتلىك بولۇڭ. ئاتا-ئانا ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىڭ. ئۇلار قانداق پۇزۇتسىيەدە بولسۇن،  يەنىلا پەرزەنت بەختىنى ئويلايدۇ. سىزگە مەڭگۇ بەخىت تىلەيمەن.
                     - ۋارس ...>>

    خەت دىلنازنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرىدىن ئاجراپ ، ئاستا-ئاستا لەيلەپ يەرگە چۇشتى. بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان كۆزلەرنىڭ جىيەكلىرىدىن مارجاندەك ياشلار ئاستا-ئاستا سىرغىشقا باشلىدى. ئۆمۇرلۇك ئازاپنىڭ ئاچچىق نىدالىرىنى ئاڭلاۋاتقان يۇرەك لەختە-لەختە بولدى. پۇتۇن دۇنيانىڭ ھەسرىتى پەقەت دىلنازغىلا مۇجەسسەملەنگەندەك ، ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سۇلغۇن، شۇنچىلىك تاتىراڭغۇ كۆرۇنەتتى. ئۇ شۇ تاپ يۇقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرى ئۇستىدە ئويلىنىۋاتاتتى. يۇرىكىگە نەقىش بولۇپ ئورناپ كەتكەن بىر سەمىمى سىمانى ، ئۇنىڭدىكى ئالىجاناپلىقنى، تىرىشچانلىقنى ، سەمىملىكنى ئويلىنىۋاتاتتى. پۇل-ھۇقۇق، ئابروي...غا ھەۋەس قىلغان ئاپىسىنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئويلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئەسلى بۇ خىل رىئاللىقنى كۇتمىگەن ئىدى. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ئاتا-ئانىسىنى چۇقۇم قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ۋارىستىن بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا، سەھرادىن بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا، مەنىۋىلىككە تولغان ساپ قەلىبتىن  كەلگۇسى  بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. لېكىن شۇ تاپ تۇيۇقسىز ھەممە نەرسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ ،ئېغىر تەنھالىققا يۇلۇققان دىلنازنىڭ ھالى بەك خاراپ. بەك خاراپ. بۇ ئەجەللىك ئايرىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى. خۇدىنى يۇقاتقان دىلناز كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ  بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .  ئۇ شۇ تاپ   < ۋارس نىمانداق ئىرادىسىز، نىمانداق يەڭگىلتەك...  نىمە ئۇچۇن ئۆز بەختى ئۇچۇن قۇربان بىرىشكە، باش ئىگىشكە، خورلۇقلارغا چىداشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ ؟> دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەجنۇنلاردەك  سۇئال قۇياتتى .  ئۇ ئۆزىگە ئومۇرلۇك دەرت-ھەسرەت، ئوت-پىراقنى سېلىپ  قويۇپ يۇرتىغا راۋان بولغان، ئۆز كەلگۇسىگە  يىنىكلىك بىلەن قارار چىقارغان ۋارسىتىن ئاغرىنىپ نەپرەتلىنىشنى  ياكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىغا ھىسداشلىق قىلىشنى ئەسلا بىلمەيتتى....

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇرمە مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ يەنىلا ئەركىنلىك بۇغۇلغان جاي. ھايات قەدرىگە يەتمىگەن ، ئاللانىڭ بەرگەن مەئىشەتلىرىگە، شادلىقىغا ، بەختىگە شۇكرى قىلمىغان ئىنسان  پەقەت شۇ جايغا قەدەم بېسىپ ، ئاچچىق كۆز ياشلارنى تۆككەن ۋاقتىدا ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يىتىشى مۇمكىن. ئۆزىنى مەڭگۇ نوچى چاغلايدىغان، مەڭگۇ باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇتىدىغان ئەكرەم بۇنداق كۇنلەرنىڭ بېشىغا كىلىپ قېلىشىنى راسلا ئويلىمىغان ئىدى. مۇدىر ئائىلىسدە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە ئەركە چوڭ بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشاپ كەلگەن ئەكرەم تۇرمىنىڭ قاتتىق تۇزۇمى ، كونا تۇرمىداشلارنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشى ئاستىدا ، خورلۇق ئىچىدە كۇن ئۆتكۇزۇشكە مەجبۇر بولدى. بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش، يۇگۇرۇش، تاماق يىيىش، ئۇگۇنۇش، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىش، ھەتتا يېتىپ-قۇپۇشتىن تارتىپ تەرەت قىلغۇچىلىك ھەممىسىدە قاتتىق تۇزۇم-بەلگۇلىمە بار. خىلاپلىق قىلىش قەتئى مۇمكىن ئەمەس. باشباشتاقلىق، ھۇقۇق، پۇل ھېچقايسىسى بۇ يەردە ئەسقاتمايدۇ. مۇشۇ خىل ھەربىچە تۇزۇم ۋە  كامىردىكى جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئىش تۇتۇپ كەلگەن، كۆزلىرىدىن ۋەھشىلىك چىقىپ  تۇرىدىغان قاتىل، بولاڭچى، باسقۇنچى ، ئاقچى، بالا بىدىكى ...قاتارلىق جىنايەتچىلەرنىڭ  ئالدىدا ئۆنىڭ بۇرۇنقى نوچىلىقلىرى جىمجىتلا يۇقالغان ئىدى. كامىردىكى  جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زومىگەرلىك خاراكتىرىنى تۇرمە ئىچىدىمۇ يۇقاتمىغان، يېڭى كەلداخۇنلارنى مالىيىدەك ئىشقا سېلىپ ، بوزەك قىلىپ كۆنگەن ئىدى. ئۇلار گەرچە ساقچىلار ئالدىدا ناھايىتى ئىتائەتمەندەك قىلسىمۇ، لېكىن كامىر ئىچىدە بىلگىنىنى قىلاتتى. نوچىلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ خوررىكى بىلەن  تەبىئىلا <غوجام، ئاكا، باشلىق...> بولۇپ ھۇقۇق تۇتىشاتتى.
    تۇرمىگە قامالغان يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە  ئەكرەمنىڭ تارتمىغان كۇنلىرى قالمىدى. ئۇ كىرىپ 2 كۇن ئۆتمەيلا  كامىرنىڭ <غوجىسى>-سادىر ئاقچى نىڭ «سۇيدۇكۇمنى تۇكىۋەت» دىگەن گىپىنى  ھار ئېلىپ ، پوچىلىق قىلىپ تاكاللىشىپ  بولغۇچە تاياق يىدى. ئۇ بۇلارنى كۆتىرەلمەي غۇلغۇلا كۆتىرىپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلغاچقا، سادىر ئاقچىنىڭ  چۇماقچىلىرى ئۇنى يەنە بوش قويماي ئادەم بولغىنىغا تويغۇزدى. ئۇ ئاخىرى بۇنداق قىلىشنىڭ ئەخمىقانلىقلىقىنى ھىس قىلىپ تاياق يىسىمۇ، بوزەك قىلىنسىمۇ سۇكۇتتە يۇرۇشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ تۇرمىنىڭ بۇ ئۆزگىچە قائىدىسىگە ئاستا-ئاستا كۆندى. ھەر قېتىم چوڭلارنىڭ بۆزەك قىلىشىغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى زومىگەرلىكىنى ئەسلەيتتى. يېڭى ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇيۇن ئوينىدا بوزەك قىلغان، قالايمىقان ئۇرغان، ئۇلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى خالىغانچە بۇزغان، ناتىۋان قىزلارغا بولمىغۇر چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئاچقان ...ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيتتى. ئوزىنىڭ شۇ نوچى ۋاقىتلىرىنى سېغىناتتى. ئۇ سادىر ئاقچىنىڭ  خاس مالىيىدەكلا كۇن ئۆتكۇزدى، <خوش،خوش...> دىيىش، سادىرنىڭ يېنىدا ئىتتەك يۇرۇش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى. ئۇ بۇ يەردە كۇن ئۆتكۇزۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى بىلىپ يەتكەچكە  مۇشۇ خىل يولنى تۇتۇشنى ، ئۆزىگە يۇلەك تېپىشنى ئويلىدى. ئۇ ئۆيىدىكلەر ئەكەلگەن ياخشى يىمىلىك، تۇرمۇش بويۇملىرىنى، خىراجىتىنى ئاۋال <خوجايىنى> غا بىرىپ، ئۇنىڭدىن ئاشقىنى يەپ، ئىشلىتىپ، <خوجايىن> ئالدىدىكى ئورنىنى خېلى ئۆستۇرىۋالدى. ئۇ شۇ تەرىزدە بۇ ئازاپلىق تۇرمە ھاياتىنى يۇۋاشلارچە ئۆتكۇزۇشكە مەجبور بولدى.
     ئەكرەمنى يوقلاپ كىلىۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمىگەنلىكىنى كۆرۇپ تۇرغان، ئۇنىڭ نىئمەتلىرىنى تېتىپ كۇنۇپ قالغان،  ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خېلىلا باياشات ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەن  سادىر ئاقچى ئۆزىگە يۇشۇرۇن سېلىۋاتقان شىفىرىسنىڭ ئەكرەم ئۇچۇنمۇ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى. ئۇنى بۇ <لەززەت> كە خۇمار قىلسا ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى، <ئاق ئالتۇن> نى تېپىشقا ئەكرەمنىڭ ئوزىلا باش قاتۇرۇپ يول ماڭىدىغانلىقىنى ، ئۆز خۇمارىنى پۇل خەجلىمەيلا قاندۇرۇپ، تەبىئىلا ئەكرەمدىن يەنە  نۇرغۇن ئىقتىسادلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. ئۇ پۇرسەت كۇتىۋاتقان پەيتلەردە، بىر كۇنى ئازاپلىنىپ بىر بۇلۇڭدا شۇمشۇيۇپلا ئولتۇرغان ئەكرەمنى كۆرۇپ ئۇنىڭ قېشىغا ئاستا كەلدى.
     -ئەكرەم ئۇكا.
     -خوش، خوش ئاكا. بىرەر ئىش بارمىدى.
    - قارىسام بەكلا چۇشكۇن كۆرىنىسەنغۇ؟ ئىچىڭ پۇشۇپ تۇرامدا؟
    - ھە، بۇ يەرگە كىرگىلى 3-4ئاي  بوپ قاپتۇ  ئاكا. بۇرۇن بەك ئەركىن يۇرۇپ كۇنۇپ قالغاچقا پەقەت كۆنەلمەيۋاتىمەن. ئىچىم بەك ئاچچىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. بەك ئازاپلىنىپ تۇرىمەن. تىزراق چىكىتىشنى، ئەركىن دۇنيانىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.
   - بولدى. بولدى. قۇرۇق خىيال قىلما. سەن قانچە ئارزۇ قىلساڭمۇ ئۇ دىگەن خىيال . ۋاقتىڭ توشمىسا بىكار. بۇنداق چۇشكۇنلۇك، ئازاپ ئىچىدە ئۆتسەڭ يەنە 2 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتنى  قانداق ئۆتكۇزۇپ بولىسەن، بىزدەك بول ، بىزدەك...
   - قانداق دەيسىز ئاكا؟
   - قانداق دەيتتىم. تۇرمۇدىمىچۇ، قىلاي دىسەڭ نى-نى خوشال ئىشلارنى قىلالايسەن، ماڭا قارا ئۇكا. ئازاپلانغان ۋاقتىڭدا، ئىچىڭ دەرتكە تولغاندا تۇيۇقسىز كۆڭلۇڭنىڭ خۇش كەيىپ بۇلۇشىنى، كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك ھۇزۇرلىنىشىنى، تاتلىق ئۇيقىغا كىتىپ شىرىن چۇش كۆرۇشنى ئارزۇ قىلامسەن؟
    -ئەلبەتتە. ئاكا. ئەلبەتتە. شۇنداق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. بۇ ئازاپلىق كۇنلەرنى شۇنداق غەمسىز ئۆتكۇزىۋالسام دەيمەن.
    -بولىدۇ. ئاسان بۇ ئۇكا. ماڭا قارا، بۇرۇن <ئاق ئالتۇن> دىن تېتىپ باققانمۇ؟
   - ئاق ئالتۇن؟ ياق، ياق... لېكىن ئاغىنىلەرنىڭ چەككىنى، ئۇرغۇزغىنىنى كۆرگەن. لېكىن مەن قىلىپ باقمىغان.
    -ساددا بالا، ساددا بالا... بىزنىڭ ئەكرەمدەك بولغىن. سەندەك نوچى يىگىتلەر قىلىدىغان نەرسە بۇ...
    -قانداق بۇلار ھە ئاكا.
    -قانداق بولاتتى. ئوبدان بۇلىدۇ ئۇكام، ئوبدان بۇلىدۇ. ئازاپلىرىڭ  لەززەتكە ئايلىنىدۇ. كۆكتە پەرىلەر بىلەن بىرگە پەرۋاز قىلىسەن ...قالغان پەيزى يەرلىرىنى چىكىپ باققاندا بىلىپ قالىسەن. چىكىپ باققاندا...
    سادىر ئاقچىنىڭ مۇغەمبەرلەرچە كۇلگەن كۇلكىسىگە دىققەت قىلماي، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان ئەكرەمنىڭ  راستىنلا بىر چىكىپ باققۇسى كىلىپ قالدى. جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ئاغىنىلىرىنىڭ چىكىپ ھۇزۇرلانغان ۋاقىتتىكى مەسخۇش سىمالىرى كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن <ئۇغۇل بالىغۇ مەن، نىمە ئىشلارنى قىلمىغان بىز، كۇنلەرنى بۇنداق ئۆتكۇزگەندىن چىكىپ باقسام باقاي...> دىگەن نىيەتكە كەلدى.
    -بولىدۇ ئاكا. لېكىن بۇ دىگەن تۇرما تۇرسا، ئۇ گۆھەرنى نەدىن تاپىمىز؟
    -ئاخماق بالا... قىلاي دىگەن نىيەت بولسىچۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. مەن كىم؟ مىنى بەك بوش چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن؟
    -يا..ق ، ياق...سىزگە قول قويىمەن ئاكا. ئەمدى دەيمىنا...
   -سىنى يوقلاپ كەلگەندەك بىزنىمۇ دوس-بۇرادەرلەر تاشلاپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ ھىممىتى ھازىرمۇ بار...كۆردىڭمۇ؟- سادىر ئاقچى كۆرپە بۇرجۇكىگە چاندۇرماي تىقىپ قويغان بىر كىچىك بولاق بىلەن شىفىرىسنى ئاستا ئېلىپ ئەكرەمگە كۆرسەتتى. - مانا ، ساڭا ھەقسىز... بۇگۇن كىچە جىممىدە يېنىمغا كەل .
    - ماقۇل ئاكا، ماقۇل، ئىچىمگە بىر ئوت سېلىپ قويدىڭىز...
    سادىر ئاقچى ئىشنى ئاجايىپ ئۇستۇلۇق بىلەن پۇتتۇرگىنىگە ، ئەكرەمنى تىزلا قايىل قىلغىنىغا خوشال بولدى. بۇرۇندىن يامان يول ئىچىدە ياشاپ، يامان يول ئىچىدە ھۇزۇر سۇرۇپ كەلگەن بۇ ئاقچى نوچى  بۇ ئۆزگەرتىش مەيدانىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى يۇقاتمىغان ئىدى. شۇ كۇنى كىچە ئەكرەم  دادىسىنىڭ تۇرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن مىھرىبانلىق بىلەن قىلغان  ئۇمۇتلىرىنى يەنە بىر قېتىم يەردە قويۇپ، قىلغان گۇناھلىرى ، خاتالىقلىرى ئۇستىگە يەنە بىر ئېغىر خاتالىقنى ئۆتكۇزۇپ، ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ سىڭدۇرگەن ئەجىرلىرىنى بىر پۇل قىلىپ ، زەھەرنىڭ ئالتۇن يالىتىلىغان تىغىنى ئانا سۇتى كەتمىگەن قان تۇمۇرىغا خوشاللىق بىلەن سانجىدى. ئۇنىڭ تىنىگە شىرىن لەززەت بىلەن بىرگە ، مەڭگۇلۇك ئازاپلىق ھەسرەتنىڭ يىلتىزى ئۇستىلىق بىلەن كۆچۇرۇلۇپ، قان-ياشلىق قىسمەتكە  ئەڭ ئەزىز <ئاق ئۇغۇت> چېچىلدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس...بۇ زەھەرلىك تىغنىڭ  ئۆز  تۇمۇرىغا سانجىلىشىنىڭ  كىيىن نۇرغۇن بىگۇناھ ئەزىز جانلارنى ئۇلۇم  سەپىرىگە ئېلىپ ماڭىدىغان يول ئىكەنلىكىنى   بۇ نادان يىگىت تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىز ئىدى...
    كۇنلەر ئۆتكەنسىرى ئەكرەم  بۇ سىھىرلىك نەرسىنىڭ ئۆزى ئۇچۇن ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمىدىكى ئازاپلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ ماڭغانلىقىدىن خوشال ئىدى. ئۇ شىفىرىسىنى خۇددى ئېغىر كىسەل بولغان بىمار ھاياتلىق ئۇچۇن قىممەتلىك ئۇكۇل سالدۇرىۋاتقاندەك بەخىت، ئۇمۇت، خوشاللىق ئىچىدە تۇمۇرىغا سانجىپ مېڭىۋەردى. ئۇ بۇ بىر قېتىملىق باشلىنىشنىڭ ئاخىرىدا يەنە نۇرغۇن باشلىنىش بارلىغىنى بىلىدىغاندەكلا  سادىر ئاقچىنىڭ كۆزلىرىگە ئۇمۇت بىلەن يىلىنىپ قارايدىغان بولدى. ئۇنى خۇددى ئەزىز نىجاتكارىدەك، ھاياتىنى قۇتقۇزغۇچى، بەخت ئاتا قىلغۇچى تەڭرىدەكلا كۆرىدىغان بولدى. لېكىن جاھاندا نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟ نەدە ئۇنداق بىكار لەززەت بار؟... سادىر ئاقچى ئاخىرى مەقسىدىنى ئۇچۇق ئىپادىلەشكە باشلىدى. ئۆزىدىكى بۇ نەرسىلەرنىڭ بىكارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، پۇل بولمىسا سىرتتىن ئەكىرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، ھۇزۇر ئۇچۇن بەدەل تۇلەش كېرەكلىكىنى ...خۇمار تۇتۇپ ، سۇغا تەشنا بولغان بېلىقتەك بۇلۇپ كىتىۋاتقان ئەكرەمگە بىلدۇردى. ئەكرەم ئامالسىز يۇرىكى پەرزەنت غېىمىدە پارە بولغان  مۇدىرنى ئالداشقا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى قاقتى-سوقتى قىلىشقا باشلىدى، تۇرلۇك باھانىلەرنى دەپ پۇل ئەكەلدۇرىدىغان بولىۋالدى.
     ئەكرەمنىڭ ئىقتىسادى ئۇنىڭ كۇنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان خۇمارىغا يىتىشىپ  بۇلالمايۋاتاتتى. ئۇ بەزىدە ئامالسىز سادىر  ئاقچى غا بىچارىلەرچە يىلىنشىقا، تىزلىنىشقا، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قۇيۇشقا مەجبۇر بولۇشقا باشلىدى. ئۇ سادىر  ئاقچىنىڭ مەقسىدىنى مۇشۇ پەيتلەردە ئاندا-مۇندا چۇشەنگەندەك بولدى. لېكىن تۇلىمۇ كىچىككەن ئىدى. ئۇ پەقەت مۇشۇنداق يىلىنمىسا ئازاپلىرى ئۇستىگە ئازاپ قوشۇلاتتى، ئۇستىخانلىرى سىقىراپ ئاغىرىپ كىتەتتى. دىر-دىر تىترەپ يۇرىكى مۇجۇلاتتى... ئۇ ئەمدى نىجاتكارىدىنلا ياردەم سورىمىسا ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئاغرىقلىرىنى تارتىشىپ بىرەلمەيتتى. سادىر ئاقچى مەيلى قانداق رەزىل بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، شۇ تاپ ئەكرەمنىڭ مەبۇدىسى ئىدى...  
    بۇ تۇرمۇشتا ئېچىلمايدىغان سىر بولمىغىنىدەك، ئەكرەمنىڭ يۇشۇرۇن چىكىش، ئۇكۇل سېلىشىلىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ھەپتە پۇلسىز قالغان ئەكرەم <ئاق ئالتۇن> غا زار بولدى. پۇتۇن ئەزايى سىقىراپ ئاغرىپ، يۇرىكى ھالسىزلاندى، تاماق يىيىشكە ئەسلا رايى بارمىدى، قورساقلىرى تۇرۇپ-تۇرۇپ قاتتىق مۇجۇلدى. ئۆرە تۇرغىدەكمۇ  ھالى قالمىدى، ئۇ سادىر  ئاقچىغا كۇچۇكتەك يىغلاپ تۇرۇپ يىلىنغان بولسىمۇ، سادىر ئۇنى قۇپاللا سىلكىۋەتتى، پۇتىغا ئېسىلغاندا كۇچەپ ئىتتىرىۋەتتى.< مەندە ئېلىشىڭ بارمىدى؟ ماڭا ئەمدى ئېسىلىۋالما. مەن ساخاۋەت ئورنىنىڭ  باشلىقى ئەمەس، بىلىدىڭمۇ؟ بىلدىڭمۇ؟...> دەپ ھۆكىرەپ قورقۇتتى. كامىردىكى باشقا جىنايەتچىلەر ئەكرەمنىڭ ئېچىنشلىق ھالىغا، ئازاپلىق يىغىىسغا قاراپ تۇرسىمۇ، لېكىن <سادىر غوجام> نىڭ ئالدىدا ھېچقايسى مىت قىلالمىدى. قىينىلىپ ھالى قالمىغان ئەكرەم ئاخىرى بۇلالماي قاتتىق ۋاقىراشقا ، ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى. كامىرنى ساراڭلاردەكلا بېشىغا كىيدى.
    نۆۋەتچى ساقچى بۇ كامىردىكى ۋارقىراپ-جاقىراشتىن ئەجەپلىنىپ ئۇنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، لېكىن مۇمكىن بولمىدى. ئەكرەمنىڭ ھالى ياخشىلىنىش تۇگۇل تېخىمۇ غالجىرلىشىپ بېرىۋاتاتتى. كامىردىكى جىنايەتچىلەردىن ئەھۋال ئۇقۇشقا ئامالسىز قالغان ساقچى دەرھال تۇرمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەر ۋە دوختۇرلىرىنى چاقىرىپ ، ھالسىزلىنىپ يېقىلغان ئەكرەمنى كۆتۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى...

ۋارس بۇ 5 يىللىق ئۇقۇشىدىن ئاجايىپ مول تەجرىبە-بىلىم بىلەن بىرگە مەڭگۇ ئۇنتۇلماس ئازاپلىق مۇھەببەت ئەسلىمىسىنى، دەرتلىك ھەسرەتلەرنى  ئېلىپ يۇرتىغا قايتتى.  يۇرىكى دىلناز بىلەن بىرگە قالغان بولسىمۇ، ئۆزى ئۇچۇن بارلىغىنى تەقدىم قىلغان، كەتمەن  بىلەن بىر ئۆمۇر دوس بۇلۇپ ئۆتكەن ئاتا-ئانىسىغا ھەمرا بۇلۇشنىڭ  ھەقىقەتەن زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى. كۆز ئالدىدىكى دىلنازنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىغان ئائىلە مۇھىتىغا قايتا سەپسالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۆزىنى مىھرى بىلەن باغرىغا باسقان قاداق-قاداق قوللارنى، يۇزلىرىگە يېقىلغان  تۇپا ھىدى سىڭگەن چىرايلارنى ،  ئوغلىنى كۆرۇپ بارلىق جەۋر-جاپالىرىنى ئۇنتۇغان، پەرزەنت بەختىدىن شات كۇلگەن مىھرىبانلارنى كۆرۇپ ئۇ ئاتا-ئانا قەدرىگە يىتىۋاتاتتى.  مۇھەببەتمۇ مۇھىم، ئاتا-ئانا ئۇنىڭدىن مۇھىم دىگەن يەكۇنگە كىلەتتى. ئۇ ئەمدى چۇقۇم يېزىلىق ئوتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىدۇ. تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، ئازاپلىق كەچمىشىنى ، ئۇنى بىئارام قىلىپ تۇرغان سېغىنىشنى ئۇنتۇش ئۇچۇن بولسىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئەمدى ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت توغرىسىدا ئويلانمايدۇ، بىرەر قىز بىلەن توي ئىشى توغرىسىدىمۇ مەسلىھەتلەشمەيدۇ، چۇنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكى دىلنازنىڭ ئوبرازىنى كىم ئىگەللىيەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ۋارىسقا سالغان ئىشىق ئوتىنى كىم قايتىدىن يالقۇنجىتالايدۇ؟ ...ئۇ ئەمدى دىلنازنىڭ تۇنجى ئارزۇسى، ئىلھامى بويىچە ئاتا-ئانا ئەجرىنى قايتۇرۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ نامراتلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشى  كېرەك، سىڭلىسىنى ئۇقۇتۇشى، ئۆزىدەك ئالى مەكتەپكە ئىبەرتىشى كېرەك. دىلنازنىڭ ئۆمۇرلۇك مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشى كېرەك.
    ۋارس سەھراغا تىزلا ئۆزلىشىۋالدى. ئېتىزنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بۇلۇپ، ھەر سەھەردە دىھقان ئەۋلادىغا خاس جەسۇرلۇق، ئىتائەتمەنلىك، شۇكرىلىك بىلەن ئېتىزغا ماڭاتتى. دەرتلىرىنى كەتمەندىن ئالماقچى بولغاندەك ، پۇتۇن كۇچى بىلەن چاپاتتى، ئېتىزلاردىكى مايسىلارغا پىچىرلايتتى، يۇمران نوتىلارنى كۆرگەندە دىلنازغا بولغان مۇھەببەت مايسىسى بىخ سۇرگەن دەملەرنى ئەسلەيتتى. شۇ يۇمران نوتىلارنىڭمۇ بىر كۇنلەردە مىۋە بەرمەي قۇرۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىشتىن ھارغان ۋاقىتلىرىدا ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا تىكىلىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارنى سۇرەتتى، ئۇرۇمچىدە يىگانە قالغان دىلنازنى سېغىناتتى.< قانداق قىسمەتلەرگە يۇلۇققاندۇ؟ پىراق ئوتىدا يۇرىكى ئىزىلگەنمىدۇ؟ كىچە-كىچە كىرپىك قاقماي ياش تۆككەنمىدۇ؟ ياكى  مەندىن نەپرەتلەنگەنمىدۇ؟ مىنى تىللىغانمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئاخماق بۇلۇپ بىر سەھرالىققا كۇڭۇل بۆلگەنلىكىگە ئۇكۇنگەنمىدۇ؟ رىئاللىققا باش ئىگىپ، زەردار نۇردۇن بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلگەنمىدۇ؟...> دىگەندەك بىر تالاي ئازاپلىق سۇئاللار ئىچىدە قىينىلاتتى. ئۇ بۇ رەھىمسىز رىئاللىقتىن قۇتۇلماقچى  بولۇپ بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا، ھەممە ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن قەلبىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدىن  دىلنازنىڭ خېتىنى كۇتەتتى . ئۇنىڭ بۇ سەھراغا كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كىلىپ، مۇشۇ سەھرادا ئۇنىڭغا ئۆمۇرلۇك مەھبۇبە بولۇپ قېلىشىنى شىرىن خىياللار ئىچىدە ئۇمۇت قىلاتتى.
    ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇگۇنۇشنى توختۇتۇپ قويمىدى، كۇندىزى ئاتا-ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ ئەمگەك قىلسىمۇ، كەچلىرى يەنىلا ئۇرۇمچىدىن ئالغاچ كەلگەن ئىنگىلىز تىلى ئۇقۇشلۇقى، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا قاراپ تىنماي ئۇگەندى. بۇ سەھرادا بۇ تىلنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، تىرىشچان، ئۇمۇتۋار بۇ ياش يەنىلا ئىزدىنەتتى. تىرىشچانلىق تەبىئىتى ئۇنى تىنماي ئۇگۇنۇشكە ئۇندەيتتى...
    بىر كۇنى كەچتە تال بارىڭى ئاستىدىكى سۇس چىراق يۇرىقىدا پۇتۇن ئىشتىياقى بىلەن ماتىرىيال كۆرىۋاتقان ۋارسنىڭ قېشىدا بىر يىگىت پەيدا بولدى.
    - بارمۇ قارى ئاداش، دىلناز  قىزغا بولغان ئاشىقلىق ئەمدى ماۋۇ چەتئەلنىڭ كىتاۋىغا يۆتكەلدىمۇ نىمە؟
    ۋارس چۇچۇگەندەك ،  ئالدىدا كۇلۇمسىرەپ تۇرغان دوستى مۇرادىلنى كۆرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنى كەڭ يەلكىلىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىدى.
   - جېنىم ئاغىنەم. سىنى شۇنداق سېغىنىپ تۇراتتىم.
   -سېغىنغان ئادەم بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە بارار ئىدىڭ. سەن دىلنازدىن باشقا بىرەرىنىمۇ سېغىنامسەن ئاغىنە؟؟؟
    - توۋا دىگىنە، توۋا...ماڭا مۇھەببەتلا ئەمەس دوسلۇقمۇ كېرەك جۇمۇ .
    ئىككى ئاغىنە ئۇزاق مۇڭداشتى، ۋارس يىغىلىپ قالغان دەرتلىرىنى، سېغىنشلىرىنى مۇرادىلغا دەپ خېلى يىنىكلەپ قالدى.
    -ئاجايىپ بىر قىز ئىدى ئۇ. خۇدايىم بەختىنى بىرەر،- ۋارسنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان مۇرادىل ۋارسىنىڭ قولىنى سىقتى.- ياخشىلارنىڭ ھامان بەختىنى بىرىدۇ خۇدايىم، ئىشەنگىن، پەرىشتىدەك قەلبى ئۇچۇن ياخشى بىر ھەمرانى نىسىپ قىلىدۇ .
    - لېكىن، لېكىن...ئۇ مىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. چۇقۇم مەندىن نەپرەتلەنگەن گەپ. مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ ئۇچۇر كەلمىدى. يا بىرەر پارچە خەت يوق.
   - سەن كۆرۇشمەيلا، چۇشەنچە بەرمەيلا كالىدەك قايتىپ كەلگەندىكىن ئۇنىڭغىمۇ نىمە ئامال. سەندەك ئىرادىسىز ئادەمدىن نەپرەتلەنسىمۇ نەپرەتلەنگەندۇ؟
    -بۇ نىمە دىگىنىڭ؟
    -سەن ئويلىمىدىڭما؟ يىگىت دىگەندە پۇلاتتەك ئىرادە، باتۇرلۇق بولىشى كېرەك. دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىككى ئېغىز قاتتىق گىپىنى ئاڭلاپلا سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك بۇلۇپ قالغان تۇرساڭ. خۇددى شۇنداق بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلغاندەك غىپپىدە قېچىپ كىلىۋالساڭ...
  - بولدى، بولدى... يۇرۇكۇمنى ئىزىدىغان گەپلەرنى قىلما . ھازىرقى دەردىممۇ يىتىپ ئاشىدۇ مىنىڭ.
   - ياق، دىمەي بولمايدۇ. سەن خاتا قىلدىڭ. شۇنداق ياخشى بىر قىز پۇتۇن كۇچى بىلەن بەختىڭ ئۇچۇن تىرىشىۋاتسا سەن ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىدىڭ. دۇنيادا ئەسكى ئاتا-ئانا يوق، ھەر قانداق ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى پەرزەنت بەختى. دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ دەل شۇ قىزى ئۇچۇن. يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىنى سەھراغا كىلىن بولمىسۇن، قىينچىلىقتا قالمىسۇن دىگەن گەپ. ھەممە ئادەم ئىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلايدۇ. سەنمۇ ئىرادىلىكراق بولساڭ بۇلاتتى. ئۆزەڭنىڭ چىن مۇھەببىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاشىقىڭ بىلەن مەڭگۇ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۇرۇش ئۇچۇن  سۇكۇت قىلساڭ، يىلىنساڭ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭ نىمە بۇلۇپ قالاتتى. غۇرۇر دىيىشىڭ مۇمكىن. بىلسەڭ ، ئاشۇ قىزنىڭ خوشاللىقى ئۇچۇن قۇربان بىرەلىسەڭ ئاندىن غۇرۇرۇڭ كۇلەتتى.
    ۋارس ئاغىنىسىنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  ئويلۇنۇپ قالدى. يىنىكلىك قىلىپ سالغىنىغا سەل پۇشمانمۇ قىلدى. لېكىن بۇ ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيادىكى ئائىلىنىڭ قۇدا بۇلۇشنىڭ رىئاللىقتىن تۇلىمۇ يىراقلىقىنى ، كىيىنكى يۇز بىرىدىغان نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئويلاپ ئۇكۇنۇپمۇ كەتمىدى.
    - ھە راس، ئاغىنە. مەن 2-3 كۇن ئىچىدە ئۇرۇمچىگە ماڭماقچى، بۇ يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ جاپا تارتقۇچە ، ئۇرۇمچىدىكى بىرەر يىمەك-ئىچمەك كارخانىسىدىن خىزمەت تاپايمىكىن دەيمەن. كەسپىمىزمۇ شۇ ئىشلارغا چۇشۇدىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر شىنجاڭدا بۇ خىل كارخانىلار كۆپلەپ قۇرىلىۋاتىدۇ... قانداق ، توغرا ئويلاپتىمەنمۇ؟
   ۋارس مۇرادىلنىڭ ئىرادىسىدىن  ھەيران قالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە مەسلىگى كەلدى.
    -لېكىن، ئاتا-ئاناڭ...
    -ئۇلارنى قايىل قىلدىم، ئاۋال بېرىپ بىر سىناپ باقاي، تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ چۇقۇم شۇ يەردە قالىمەن. شۇڭا سەن بىلەن كۆرۇشۇپ كىلەي دەپ كەلگەن، ئۇرۇمچىگە ئالغاچ كىتىدىغان خەت-خالتا بارمىكىن دەپ...
    - يو...ق...يوق... كىمگە خەت-خالتا ئىبەرتەرمەن ؟
    - كىمگە ئىبەرتىتتىڭ، يۇرۇگۇڭدىكى پەرىشتەڭگە ئىبەرتەرسەن.
    -بولدى، بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزغۇم يوق. ئۇ بەلكىم ھېلىغىچە ھېلىقى نۇردۇن دىگەن يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ بولغاندۇ، ئۆزىنىڭ كەلگۇسى پىلانلىرىنى تۇزۇپ بولغاندۇ. ئەمدى رىئاللىققا باش  ئىگەي. ئۆزەمنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ بىئارام قىلىپ يۇرمەي.
    - بۇ دىگىنىڭغۇ توغرا. لېكىن كۆرۇشۇپ قالسام نىمە دەرمەن .
    - كۆرۇشەلمىدىم دەپ قۇيغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنتۇش پۇرسىتى بەرمىسەم بولمايدۇ.
    - بولىدۇ ئاغىنە. لېكىن زە ئۆزەڭنى تاشلىۋەتمە جۇمۇ. سەندەك بىلىملىك، تىرىشچان دوستۇمدىن زور ئۇمۇتلەرنى كۇتىمەن...
    مۇرادىل ۋارس بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ۋارس ئۆزىنىڭ كەلگۇسى سەپىرىنى ، بەختىنى ئىزدەپ ماڭغان دوستى ئۇستىدە ئويلۇنۇپ، ئەمدى ئۆزىنىڭ  مۇشۇ ئۇلۇغ سەھرادا، پەرىشتىنىڭ قەلبىدەك مىھرىبان دىھقانلار ئارىسىدا ئۆمۇرلۇك يىلتىز تارتىشى كېرەكلىكىنى ھەقىقى ھىس قىلدى. بەلكىم مۇشۇ جاپاكەش لېكىن مىھرى ئىسسىق زىمىندا ئۇنىڭمۇ گۇزەل كەلگۇسى باردۇر، بەختى باردۇر، دىلنازنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر دىيانەتلىك سەھرا گۇزىلى باردۇر...

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16287
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 18:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىققان ئەسەر ئىدى بۇ،شۇ ۋاقىتلاردا ئەسەردىكى باش قەھرىماننى مۇنىرە غۇپۇرغا ئوخشاتقۇچىلارمۇ چىققىنى ئېسىمدە.سىرداشىم ئىلگىرى يوللىنىپ بولغان بۆلەكلەرنىمۇ يوللاپ بولالماپسىزغۇ؟داۋامىنى يازدىڭىزمۇ يە؟

0

تېما

0

دوست

544

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25786
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 05:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىرداشىم ،
سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئارماندا قالغانلار كۆپ. ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ بالىلىق بولۇپ كىتىپمۇ داۋامىنى ئوقۇيالمىغانلار بار. مەنچە سىز ئەڭ ياخشىسى كەلگەن يەردىنلا يوللاڭ . يەنە بۇرۇنقىدەك يوللاپ يوللاپ بۇرۇنقى يەرگە كەلگەندە يوقاپ كىتىپ بەش يىلغىچە كەينىنى چىقارماي يەنە باشتىن يوللىغىلى تۇرىسىڭىز بۇ ئەسەرنىڭ كەينى چىققۇچە نەۋرىلىك بولۇپ كەتمەيلى يەنە

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزى كۇتمىگەن رىئاللىق ئالدىدا نىمە قىلىشىنى بىلمەي قەلبى ئازاپ ئىچىدە ئۆرتەنگەن دىلناز نەچچە كۇن ھوجرىسىدىن چىقماي ، ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ چىقتى. ئۇ تۇرمۇشىدىن بۇلارنى كۇتمىگەن ئىدى، ئايرىلىشنى ئويلىمىغان ئىدى. ئۆزىگە ئالەمچە كۇيىنىدىغان ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. لېكىن ئەمىلىيەت ئۇنداق بولماي قالدى. ئاپىسى ئۇنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇردى، ۋارىسنى  يېزىغا كىتىشكە ، دىلنازدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۆزىنى تۇۋەن كۆرىدىغان ۋارس بىر قېتىملىق زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئۇن-تىنسىزلا كەتتى. لېكىن دىلناز ۋارىستىن ئەسلا ئاغرىنمىدى. ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتتى ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدىدىكى بىچارە، تاتىراڭغۇ چىرايىنى،يۇرىكى دەرتلىك ئاھ ئۇرغان مىنۇتلارنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئازاپلانغانلىقىنى، ئايرىلىش دەردىدە يۇرىكىنىڭ سۇ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئويلاندى، ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويدى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسى، ئىنتىلىشى، سۆيگۇسى ئۇستىدە باش قاتۇردى. ۋارس بىلەن نۇردۇننىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى سېلىشىتۇرۇپ چىقتى. نۇردۇننىڭ ھەممە تەرەپتىن لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئائىلىنىڭ ھەممە تەرەپتىن ماس كىلىدىغانلىقىنى يەكۇنلىدى. لېكىن نامرات ۋارسىنى يەنىلا ھەممىدىن ئەلا كۆردى. دۇنيادىكى بارلىق خوشاللىقنى پەقەت ۋارستىنلا تاپىدىغانلىقىغا نىمجان يۇرىكى گۇۋاھ ئىدى. ۋارس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر ئۆچمەس ئوت گۇۋاھ ئىدى. ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزىنىڭ بەختىنى ئۆزى يارىتىش قارارىغا كەلدى.
    نازىر قىزىنىڭ مىسكىن چىرايىغا ، ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويىشىغا ، كۆز ياشلىرىغا قاراپ پەقەت چىدىمىدى. دۇنيالىقتىكى بىرلا قىزىنىڭ بۇ خىل چۇشكۇنلۇشۇپ كىتىشدىن يۇرىكى ئەلەم بولدى. ئايالىنىڭ مەسلىھەتىگە قوشۇلۇپ بىر ئېغىر خاتالىقنى ئۆتكۇزۇپ سالغانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى. ئەقىللىق ، تىرىشچان، مۇستەقىل پىكىرگە باي قىزىنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن توغرا ھۇكۇم چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ، ئۇنى يىگىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىغا، ئايالىغا ھە دىيىشىپ بەرگەنلىكىگە ئۇكۇندى. سەھرالىق، نامرات بولسا نىمە بوپتۇ، دىھقان بولسا نىمە بوپتۇ. قېنى كىم دىھقان ئەۋلادى ئەمەس؟ قېنى كىم سەھرالىق ئەمەس؟... مەنمۇ شۇ يېزىدىن كەلگەن، ئاتا-ئاناممۇ  بىر ئۆمۇر شۇ يېزىدا ھالال ئىشلەپ، ھالال ياشاپ ئۆتكەن. ئۇرۇق-تۇققانلىرىممۇ يەنە شۇ يېزىدىغۇ...نازىر پات-پات مۇشۇنداق سۇئاللار ئىچىدە قىينىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىرلا قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ ۋارسىنىڭ ئەخلاقلىق، قائىدىلىك، سەمىمى چىرايى، ئەقىللىق، تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
    بىر كۇنى ئىشتىن قايتىپ كەلگەن نازىر تاماققا چۇشمەي ھوجرىسىغا بىكىنىۋالغان دىلنازغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ھەسرەتلىرى ئىچىگە پاتماي ئازاپلىنىپ ئولتۇرغان دىلناز كۇلۇمسىرەپ ئاستا كىرىپ كەلگەن دادىسىنى كۆرۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، يۇگۇرۇپ بارغىنىچە دادىسىغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. قىزىنىڭ ھالىغا قاراپ چىدىمىغان دادا دىلنازنىڭ  چاچلىرىنى مىھرى بىلەن سىلاپ چاناقلىرىغا لىققىدە ياش ئالدى. كۇندە نۇرغۇن ئادەمنى باشقۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى تەمكىنلىك بىلەن بىجىرىدىغان، باشقىلار ئالدىدا تاغدەك قامەتلىك جىسمىنى تىك تۇتۇپ  كەلگەن نازىر پەرزەنت مۇھەببىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئۇنۇتتى.
     -بولدى، يىغلىما قىزىم . داداڭنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلما.
    -يىغلىماي دىسەممۇ يۇرۇگۇم يىغلايدۇ دادا. بۇ تۇرقۇمدا سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئوبرازىمنىمۇ يۇقۇتۇپ قويدۇم. پەخىرلىنىدىغان قىزىڭىز ئامالسىز قالدى.
    - بولدى دىمە. مەن چۇشۇنىمەن.
    -چۇشەنسىڭىزلا بولدىغۇ دادا. مىنى ئەيىپلىمىسىڭىز، مىنى نادانكەن دىمىسىڭىز، ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دىمىسىڭىزلا بولدى.
  - ياق قىزىم. ياق. مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم. مەن سىنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىڭغا  ئىشىنىمەن. ھىسيات ئالدىدا ھەر قانداق ئىرادىلىك ئادەممۇ باش ئىگىدۇ.
    دىلناز قىزارغان كۆزلىرىنى دادىسىغا تىكتى. ئۆزىنى توغرا چۇشەنگەن دادىسىدىن شۇنچىلىك سۇيۇندى.
    - رەخمەت دادا. رەخمەت .
    - ئولتۇر قىزىم. مەن سەن بىلەن مەسلىھەتلىشپ باقاي. قېنى دىگىنە، بىزنىڭ بەختىڭنى ئويلاپ شۇنداق قىلغىنىمىزنى بىلەمسەن؟
    - بەلكىم.
    - نۇردۇن ئاكاڭ توغرىسىدا ئويلۇنۇپ باقتىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسىل بالىلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان، ئاتا-ئانىسىمۇ بەك ئوبدان ئادەملەر. ئۇ ھەممە تەرەپتىن ساڭا ماس كىلەتتى.
    -بىلىمەن دادا. نۇردۇن ئاكامنىڭ پەزىلىتىنى بىلىمەن. بەلكىم ۋارس بىلەن تۇنۇشۇپ قالمىغان بولسام چۇقۇم نۇردۇن ئاكامنى تاللىغان بولاتتىم. لېكىن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايمەن. مەن ھەرگىزمۇ مەكتەپ ھاياتىمدا بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان. مىنىڭ پۇتۇن خىيالىم ئۇقۇش ئىدى. لېكىن تەقدىر شۇنداق بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ بىلىمى ، ئەخلاقى، سەمىمىلىكى مىنى قايىل قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى بالا...
     - بۇنى مەن بىر قاراپلا بىلگەن قىزىم . ئادەم دىگەننى تۇرقىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ.
    - لېكىن دادا...بىر ياخشى يىگىتتىن ئايرىلىپ قالدىم.
    - ئۇمۇتۋار بول قىزىم. نۇردۇن ئاكاڭ بىلەن كۆپرەك كۆرۇشۇپ ، سىردىشىپ ئۆتسەڭ ئۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىشىڭ مۇمكىن. ئالدىڭدا خىزمەت ئىشلىرىڭ بار. خىزمەت دىگەنگە باشتىن تارتىپ مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك. شۇ ئىشلار بىلەن بەنت بولساڭ ھەممە ئىش ئۇتۇپ كىتىدۇ.
    -ئۇنداق ئاددى ئەمەس دادا. ئۇنداق ئاددى ئەمەس... مەن مەيلى نىمىگە ئىرىشەي قەلبىم مەڭگۇ يىتىم قالىدۇ...
    نازىر قىزىدىكى ئۆزگۇرۇشتىن بەك ھەيرانمۇ قالمىدى. ئۇمۇ شۇنداق بىر كۇنلەرنى ئۆتكۇزگەن، ئالى مەكتەپ ھاياتىدا شۇنداق مەنىلىك مۇھەببەت ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرغان، شۇ كۇنلىرىدىن خوشاللىق تاپقان، تۇنجى سۆيگەن قىزىدىن ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلگەن. لېكىن ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە ئامالسىز يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان... خىزمەت ئىچىدە ھازىرقى ئايالى بىلەن تۇنۇشقان، شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ توي قىلغان، خىزمەتتىكى نەتىجىسى بىلەن قاتلاممۇ قاتلام ئۆسۇپ ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان، نازىر بولغان...لېكىن مۇشۇ ياشتىمۇ مەكتەپتىكى شۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئىزلىرى يۇرىكىدىن ئۇچۇپ بۇلالمىغان. قەلبىدىكى پىنھان سىرلار بىر ئوزىگىلا ھەمرا بولۇپ كەلگەن... نازىر قىزىنى بەزلەپ تاماققا ئېلىپ چۇشتى. دادىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى خېلىلا كۆتۇرۇلۇپ قالغان دىلناز بۇگۇن باشقىچە ئىشتىھا بىلەن غىزالاندى.
    نازىر يەنە بىر مەزگىللەرگىچە قىزىنى كۇزۇتۇپ تۇردى. ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم ئىزدەپ كەلگەن نۇردۇنمۇ جاۋاپسىز قايتىپ كەتتى. قايتا-قايتىلاپ مىھمان بۇلۇپ كەلگەن ئۆمەر ۋالى ۋە ئايالىمۇ دىلناز بىلەن كۆرۇشەلمەي، نازىر ۋە پەرىدە خانىمدىن ئىنىق بىر نەتىجىنى ئۇقالماي قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. دىلنازنىڭ ئۇتەر يوللىرىدا <بىك> ماركىلىق ئىسىل ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ساقلىغان نۇردۇن دىلنازنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىدىن ، تۇتۇلغان چىرايىدىن ئاستا-ئاستا سۇۋۇشقا باشلىدى. مەلۇماتلىق بۇ يىگىت بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى چۇشەنگەندەك بولدى. ئۆزى بىلەن ۋارسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۇپ ، قىزنىڭ ۋىجدانلىقلىغا، سادىقلىقىغا ھەۋەس قىلدى. نازىر ئەسلىدە مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قىزىنىڭ رىئاللىققا يۇزلىنىشىنى، ۋارسىنى ئۇنتۇشىنى ئۇمۇت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان قەتئىلىكنى، ئىرادىنى كۆرۇپ ئويلۇنۇشقا باشلىدى. ئۇ دىلنازنىڭ بەختى، كۇلكىسى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىشى كىرەكلىنى ھەقىقى ھىس قىلدى.
    كارۋاتتا  يۇلۇنۇپ  ئايالىنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى  توختىماي كىيىم ئالماشتۇرىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ياتقان نازىر ئۇكۇنگەندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. ئۇ كوڭلىدىكى تۇگۇننى يەشمەكچى بولغاندەك ئۇدۇللا ئېغىز ئاچتى.
    -ئەينەككە بوشراق قاراپ، قىزىڭنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئويلاپ قويساڭ بولمامدۇ؟
    -ئويلىدىمغۇ  دادىسى، ئويلۇدۇم. ئولتۇرسام-قوپسام شۇنىڭ غېمىدە مەن .  
  - راسما؟
   -توۋا، قانداق بىر ئانا قىزىنىڭ غىېمىنى قىلمايدۇ. شۇنى بەختلىك بولسىكەن، ياخشى بىر يەرگە تۇرمۇشقا چىقسىكەن دەپ خېزمەت ئىشلەپ ھېرىپ كەتتىم. نۇردۇندەك شۇنداق ياخشى بالا ئىشىك ئالدىمىزغا كەلسە ، ساراڭدەك يەنە شۇ سەھرانى سېغىنىدۇ. ۋارس دىگەن بالا كاللىسىنى ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ بۇنىڭ.
   - ئاشۇمۇ غەمما. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەختىنى ئويلاپ قويايلى.
    -ۋۇي ، دادىسى. نىمە دىگەنلىرى بۇ؟ كاتتا ئائىلىگە كىلىن بولسۇن، ئىستىقباللىق يىگىتنى جۇپتى قىلسۇن دەپ چاپقىنىم خاتا بولغان ئوخشىمامدۇ؟
   - خاتا دىمىدىم. سەنمۇ ئۇنىڭ باي-باياشات تۇرمۇش كەچۇرىشىنى خالايسەن. لېكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ، ھېلىقى ۋارس دىگەن يىگىتمۇ ناھايىتى ياخشى ئۇقۇغان بالىكەن، ئۇمۇ چۇقۇم خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ  ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى مۇمكىن.
    -ھە؟ ...نىمە؟ كاللىرى ئاينىپ قالمىغاندۇ. ئاران دىگەندە ئاجرىتىپ يولغا سالغان تۇرسام، يەنە شۇ بالىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاملا. ئەمدى ئۇ ئىشلار تۇگۇسۇن دادىسى.
   - لېكىن بىز تۇگەتكىنىمىز بىلەن ئاۋۇ قىزىمىز تۇگەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ساڭا باتناپ گەپ قىلمىغىنى بىلەن ماڭا كۆڭلۇدىكى ھەممە گەپلىرىنى دىدى. كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى.
     -ئۇنتۇيدۇ. نۇردۇننىڭ ئىسىل ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئىسىل رىستۇرانلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ قەدىرلىشىگە، ئارزۇلىشىغا ئىرىشىپ ماڭغانسىرى ھەممىسنى ئۇنتۇيدۇ. بەلكىم كىيىن ئۆزىنىڭ ئاخماقلىقىغا پۇشايمانمۇ قىلىدۇ تېخى.
   - بىكار گەپ. ئۇ ئۇنداق پۇل-مالغا دۇم چۇشكەن قىز ئەمەس . بىلىسەنغۇ ئۇنىڭ خاراكتىرىنى. ئۇنىڭ نۇرغۇن مىجەزى مىنى پەخىرلەندۇرىدۇ.
    -لېكىن چۇقۇم نۇردۇن بىلەن تويىنى قىلىپ، ئۆمەر ۋالى بىلەن قۇدىلىق بولمىساق قەتئى بولمايدۇ. جان دوس ئاغىنىلىرىگە  بەرگەن ۋەدىلىرىنى  ئۇنتۇپ قالمىسىلا جۇمۇ.
    -ھەي خۇتۇن ،ھەي خۇتۇن. سەنمۇ مەن بىلەن توي قىلغاندا ئاشۇ  سەھرادىن ئەمەسمىدىڭ . ئاشۇ كۇنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ بىز كۆرمىگەن نىمە كۇنلەر قالغان شۇ ۋاقىتلاردا...بىر يوتقان، بىر كۆرپە بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەنتۇق. مانا ھازىر خۇدايىم شۇنداق بەختىيار كۇنلەرنى بىرىۋاتمامدۇ؟...قارىغاندا سەنمۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەندىن قاتتىق نارازى بولۇپتىكەنسەندە....
    - ياق ، ياق....- نازىرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا  ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرغان  پەرىدە خانىمنىڭ ئېغىزى تىمتاس توختىدى. ھازىرقى راھەت، غەمسىز تۇرمۇشى ئىچىدە تۇرۇپ، بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرگە ئەسلا چۇمۇپ باقمىغان خانىمنىڭ كۇڭۇل ئىكرانىغا نازىر بىلەن توي قىلغان ۋاقىتتىكى كۇنلەر كەلدى. ئۆزىنىڭ يېزىدىكى تۇرمۇشى كەلدى. دىھقان ئاتا-ئانىسى كەلدى. ئۇ شۇ چاغلاردا يولدىشىنى ھەرگىزمۇ نامرات كۆرمىگەن، سەھرالىق كۆرمىگەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بەختىنى تاپقان، خوشاللىقىنى تاپقان، ئۇماق قىزى دىلناز كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىلىك ئايال ھىس قىلغان...ئۇ شۇ تاپ ۋارسقا دىگەن زەردىلىك گەپلىرىنى كۇڭۇل تارازىسىدا جىڭلاپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىماي غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغىنىنى ئەسلىدى، قائىدىلىك يىگىتنىڭ يەرگە قاراپ تۇرۇپ خىجىللىق ئىچىدە ئولتۇرغان ئاجىز ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇردى...
    كۇنلەر ئۆتتى، قىزىنىڭ قەتئى ئىرادىسى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن نازىر ئاخىرى ئايالىغا نەچچە قېتىم خىزمەت ئىشلىدى. قىزى بەختلىكلا بولسا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردى. مەنسەپ، پۇل تاماسىدا  ئەمەس، ئاساسلىقى قىزىنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى نىشان قىلغان ئانا ئاستا-ئاستا نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى.
دىلناز ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگۇرۇشلەردىن باشقىچىلا خوشال بولدى. ئۇ بۇرۇنلا ئۆزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ئۇ ئەمدى شۇ بەخىتلىك كۇنلەرنى كۇتۇش ئىچىدە ئۆتمەكتە. ۋارس بىلەن ئۇتىدىغان كۇڭۇللۇك مىنۇتلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە. ئۇئەمدى مۇكەممەل دىلنازغا ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسىگە بۇرۇنقى تىرىشچانلىقى، قىزىقىشى بىلەن قارايدۇ. ئەمىن تاپقان قەلبى بىلەن ئەڭ ئۇلۇغۋار غايىگە كىلىدۇ . ۋارس بىلەن ئەڭ يۇكسەك ئىستىقبال ئۇستىدە ئىزدىنىدۇ. تىرىشىدۇ.
     نازىر پەرىدە خانىم بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، خىزمەت ئىشلەپ ۋارسىنى ئۇرۇمچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. دىلنازنىڭ مۇھەببەت ئۇچۇن بەرگەن قۇربانلىقلىرى ئالدىدا ئەسىر بۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا ئاخىرى قىزىنى چاقىرتىپ ۋارسىنىڭ خىزمەت ئىشىنى سۆزلەشتى.
    -قىزىم. سەن بىزنى ئاخىر بويسۇندۇردۇڭ، سىنى خوشال بولسۇن، بەخىتلىك بولسۇن دەپ قىلغان ئەجرىمىز ھەممىسى بىكار بولدى. ئۆمەر تاغاڭمۇ ، نۇردۇن ئاكاڭمۇ ئاخىر ئۇمۇدىنى ئۇزدى. ئۆمەر تاغاڭغا بەرگەن ۋەدەم ئالدىدا، نەچچە 10 يىللىق قەدىناسلىق ئالدىدا يەنىلا سىنىڭ ئارزۇيىڭنى ، سىنىڭ سۆيگۇڭنى مۇھىم دەپ قارىدىم. شۇڭا قىزىم. ۋارىسنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى دىيىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىۋالمىساق بولمايدۇ.  
    دىلناز دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن كەلگۇسىدىكى بەختىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇنىڭ رايىش، مىھرىبانلارچە سۆزلىرىدىن يۇرەكلىرى سۇيۇنۇپ كەتتى.
    -قېنى دادا، قۇلىقىم سىزدە.
   -ئەمىسە ئىنىقلا دەي قىزىم. تۇرمۇش دىگەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس. سەن ئارزۇ قىلغان خوشاللىقلارنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىكلەر بۇلۇشى تەبىئى. مەكتەپتىكى ئاددى مۇھەببەت قارىشى بىلەن ئۆمۇرلۇك ھايات مۇساپەڭنى باغلىۋېلىشىڭ ئاقىلانلىق ئەمەس. شۇڭا ئۇ يىگىتنى يەنىلا چۇشۇنۇشۇڭ، توي ئىشى ئۇچۇن ئالدىرىماسلىقىڭ كېرەك. سەن بىلمەيسەن قىزىم، توي ھېچقانداق بىر ئىشقا ئوخشىمايدۇ، ھەر قانداق ئىشنى خاتا قىلىپ سالغان بولساڭ ئۆزگەرتكىلى ، تۇزەتكىلى، قايتىدىن باشلىغىلى بولىدۇ. لېكىن نىكاھ ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى خاتا مېڭىپ سېپتىمەن دەپ كەينىگە يېنىۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ۋارس خىزمەتكە چىقىپ بىرەر يىلدىن كىيىن ئاندىن توي ئىشىڭلارنى ئويلاشساق.
   - ئەلبەتتە . مەنمۇ ھەرگىز توي قىلىشقا ئالدىرىمايمەن. پەقەت سىلەرنىڭ ماقۇللىقىڭلارلا بولسا بىز كۇتۇشكە رازى. ۋارسمۇ كىينكى ئىشلىرى ئۇچۇن ئاز تۇلا ئىقتىساد جۇغلىمىسا بولمايدۇ. سىلەر ئىشنىڭلار ، بىز چۇقۇم بەختلىك بولىمىز، سىلەرنىڭ ئۇمۇدىڭلارنى  يەردە قويمايمىز . - دىلناز ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھاياجىنىنى باسالماي ئەركىلەپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتى.
    -لېكىن ئىسىڭدە بولسۇن، ئۇنى يەنە بىر يىل ئوبدان كۇزەت، ئۇرۇمچىدە بولغاندىكىن بىزمۇ ئۇنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى، خاراكتىرى ھەققىدە خېلى بىر نەرسىگە ئىگە بولۇپ قالغۇدەكمىز. شۇڭا كەلگۇسىڭگە ھەقىقى ئىشەنگەن ۋاقتىڭدا ئاندىن تويىڭنى قىلىپ قويايلى، توغرا دىدىممۇ؟
   - توغرا دىدىڭىز دادا، سىزماڭا ئىشەنگەن ئىكەنسىز مەن چۇقۇم سىزنىڭ ئۇمۇدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن. لېكىن ئۇنىڭ مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا مەن ئىشنىمەن. دۇنيادا ئۇنىڭدەك بىر ياخشى يىگىتنى مەن ھەرگىز تاپالمايمەن. بۇ ئاللا ماڭا ئاتا قىلغان بەخىت دادا.
    دىلنازنىڭ ھاياجانلىنىپ تىترەپ كىتىۋاتقان جىسمىغا قاراپ دادا مىھرى بىلەن كۇلۇمسىرىدى. قىزىنىڭ كۇلگەن چىرايى ، بەخىتتىن ھاياجانلانغان قىياپىتى نىمىدىگەن ئۇماق ھە. بالاڭنى كۆر جېنىڭنى كۆر دەپ بىكار ئېيتمىغاندە كونىلار. ئۇ پەرىدەك گۇزەل قىزىنىڭ كۆڭلىنى نىمىشقا بۇرۇنراق چۇشەنمىگەن بولغىيتتى ...
    -ھە،ياخشى ...ئەمدى كىيىنكى گەپكە ئۆتەيلى. ۋارسىنىڭ خىزمەت ئىشىنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم، شەھەرلىك سۇپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسغا ئىشقا چۇشىدىغان بولدى.  
    -راسما،- ھەيرانلىق ھەم خوشاللىقتىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن دىلناز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە قايتىدىن سەپسالدى. - راسما دادا. مىنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز. مىنى چۇشەنگىنىڭىزگە، مىنىڭ بەختىمنى ئويلىغىنىڭىزغا ، جاپا چەككىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.- دىلنازنىڭ ھاياجانلىق ياشلىرى يۇرەكلىرىنى يېرىپ مەڭزىگە سىرغىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇتىۋېلىشقا ئاجىز كىلىپ ، نىمىشقىدۇر دادىسىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ ئۆكسۇپ -ئۆكسۇپ يىغلاپ تاشلىدى.
    -بولدى يىغلىما قىزىم، بولدى. يۇرۇكۇمنى يەنە ئىزەي دەمسەن. مىنىڭ ئەمدى ئىككىنچى سىنىڭ ياشلىق كۆزلىرىڭنى، مسكىن چىرايىڭنى كۆرگۇم يوق. خۇدا بەختىڭنى بەرسۇن قىزىم. بەختىڭنى بەرسۇن.- نازىرمۇ قىزىنىڭ ھاياجانلىق يىغىسىغا قاراپ نەمدەلگەن يۇزلىرىنى قول ياغلىقى بىلەن ئاستا سۇرتتى.

    دىلناز غالىپ كەلدى. مۇھەببەت ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى، ۋىجدانىنى ئاقلىدى. ئۇ ھاياجانلىق ياشلىرىنى قارا سىياھقا قېتىپ، ۋارسقا خوشاللىق خېتى يازدى. ئۇ شۇنچىلىك ھاياجان ، شۇنچىلىك تاقەتسىزلىك ئىچىدە يازدى. بىر قىسىم كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشىنى، بەخىت ئالدىدا ، مۇھەببەت ئالدىدا ئۇنچىلىك زەربىنىڭ ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ يازدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ قىز بەختىنى ئىزدەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا مىھرىبانلار ئىكەنلىكىدىن  پەخىرلىنىپ يازدى. ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، نۇپۇس رەسىمىيەتلىرىنى بىجىرىپ، بارلىق ئۇقۇش ئارخىپلىرىنى ئېلىپ كىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ  يازدى. جاپاكەش ئاتا-ئانىسىدىن چۇقۇم رازىلىق ئېلىشنى ، ئۇلارنى ھىجراندا قويماسلىقنى  ئۇمۇت قىلىپ يازدى. كىينكى ئەڭ بەخىتلىك كۇنلەرنىڭ ئەمدى باشلىنىدىغانلىقىنى، ئازاپلىق سۆيگۇ ھەسرەتلىرىنىڭ ، دەرتلىرىنىڭ ئەمدى ئۇنتۇلىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە تىترەپ تۇرۇپ يازدى...دىلناز شۇ قەدەر خوشال ئىدى. ئۇ ۋارسىنىڭ كىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۇتكەچ ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئويلاندى، ئىزدەندى. ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش ئۇچۇن تىرىشتى. نازىر ئۇرۇمچىدىكى ئەڭ نوقتىلىق ئوتۇرا مەكتەپتىن ئۇنىڭغا خىزمەت ئۇقۇشتى. ئۇ دادىسىنىڭ جاپاسىغا قانچىلىك رەخمەت ئېيتسا ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق  ھاياجانلاندى...
    دىلناز ئۇقۇش باشلاشنى ، خىزمەتكە چىقىشنى كۇتىۋاتقان كۇنلەردە تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا دىكتور قۇبۇل قىلىدىغان ئىلاننى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ، تىل قابىلىيىتىنىڭ، چىرايىنىڭ ھەقىقەتەن چۇشۇدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە ئىمتاھان بىرىپ سىناپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتى. ئۇ ئىمتاھانغا قاتناشتى . 100دىن ئارتۇق قىزنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالى مەكتەپتىكى رىياسەتچىلىك ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، گۇزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، تىل قابلىيىتى، سەزگۇر ئىنكاسى بىلەن بىرىنچى بۇلۇپ تاللىنىپ  قالدى. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، دىكتورلۇق خىزمىتىنى تاللىدى. تىلىۋىزىيە ئىستانىسى رەھبەرلىرىنىڭ تەلىۋى بويىچە 1 ھەپتىگە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىكران ئالدىدا گۇزەل ئوبرازى بىلەن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
    ۋارس دىلنازنىڭ خېتىنى، سۇپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن  قاتتىق ھاياجانلاندى. ھەممە ئىشتىن ئۇمۇدىنى ئۇزگەن، سەھرادىكى رىئاللىققا يۇزلەنگەن ۋارس كۆپ ئويلاندى. ئاتا-ئانىسىنى ئويلىدى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئويلىدى، دىلنازنى ئويلىدى، ئۆزىنى ئويلىدى، كەلگۇسى بەختىنى ئويلىدى. ئاخىرى ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ كەچىمىشنى ياش تۇكۇپ تۇرۇپ دىدى، ھازىرقى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى، رىئاللىقنى ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى،يۇرەك تىۋىشىنى دىدى. جاپاكەش ئاتا-ئانا ئوغلىنىڭ بۇ توي ئىشىدا كىيىن نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىققا ، چىگىش مەسىلىلەرگە يۇلۇقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن يەنىلا خوشال بولدى. ئوغلىغا كەلگەن ئامەتتىن يۇرەكلىرى ھاياجان ئىچىدە تىترىدى. ئوغلىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، بىلىمى ئارقىلىق بىر نازىرنىڭ قىزىنى، نازىرنى تەسىرلەندۇرگىنىدىن پەخىرلەندى. ئۇلار ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ يىمەي-ئىچمەي يىققان ئازغىنا تۇگۇنچىنى ۋارسقا تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك، بەخىت، ئۇڭۇشلۇق تىلەپ ، ئۇنى ئېڭىدىكى گۇزەل، باياشات شەھەرگە  ئۇزۇتۇپ قويدى.
    تەقدىر مانا مۇشۇنداق تاساددىپىلىقلارغا تولغان، بىر مەزگىل ئايرىلغان ئاشىق-مەشۇقلار ۋىسالىنى تاپتى. باي-نامراتلىق پەرقى تۇپتىن تۇگىدى. نازىردەك ئاقكۇڭۇل ئادەمنىڭ قوللىشى، ياردىمىگە ئىرىشىپ بۇ ئاۋات، گۇزەل شەھەردە ئۆزىنىڭ دىلكىشى بىلەن ئۇتىۋاتقان ۋارس شۇنچىلىك خوشال بولدى. خىزمەتنى پۇتۇن نىيىتى ، پۇتۇن ئىشقى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى. ئۆز بەختى ئۇچۇن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن دىلنازنى تېخىمۇ ئەزىزلىدى. ئۇنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيدى. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىك ،ئەڭ تەلەيلىك ئادەم دەپ قارىدى. پات-پات تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرغان نازىر ۋە پەرىدە خانىممۇ ، ۋارسىنىڭ ھەقىقى ياخشى يىگىت ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىپ يەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چوڭقۇرلاشقانسىرى ، ۋارىسنى ئۆز ئوغلىدەك ياخشى كۆرۇپ قالدى. ۋارس بۇ خىل ئۇڭۇشلۇق سەپەر داۋامىدا ئۆزىنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى بىلدى، قابىلىيىتىنى ئىشقا سالدى، ئىنگىلىز تىلىدىكى ئالاھىدە قابىلىيىتى بىلەن ئىشتىن سىرت كۇرۇس ئاچتى. ئۇ ھەم خىزمەت قىلىپ  ھەم دەرس ئۆتۇپ  توي تەييارلىقى ئۇچۇن ئىقتىساد توپلاشقا تۇتۇندى. ئۇ نازىر ۋە خانىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ئاستىدا بارغانسىرى ئۇلارغا ئۆزلۇشۇپ، ئۆزىنى تۇۋەن كۆرمەيدىغان بولدى. دەم ئېلىش كۇنلىرىنى بەزىدە دىلناز بىلەن ، بەزىدە دوستى مۇرادىل بىلەن ئۆتكۇزۇپ تۇرمۇشنىڭ ئۆز مەنىسى بىلەن ياشىدى.

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 11:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەكرەم ئازاپلىق قىينىلىشىتىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى. قانۇن دوختۇرلىرى ئۇنى تەپسىلى تەكشۇرۇپ ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ <ئاق> قا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى مۇھىم نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ كىيىنكى كىسىم ۋاقتىنى<زەھەرلىك چىكىملىكنى تاشلاتقۇزۇش ئورنى> دا تەربىيىلىنىش ئىچىدە ئۆتكۇزۇشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئەكرەم جىنايەت ئۇسىتىگە جىنايەت ئۆتكۇزۇپ ، ئۆزگىرىش ئورنىغا يەنە بىر خاتالىقنى يۇدۇپ كامىر ئالماشتى. ئۇ ئەمدى بۇ يەردە <ئاق> نىڭ شىرىن لەززىتىگە ئىرىشەلمىدى. پۇتۇن بەدىنى چاراسلاپ كۆيۇپ، سىقىراپ ئاغرىپ، مىڭىسى ئېتىلىپ كەتكۇدەك چىڭقىلىپ ، كۇندىن -كۇنگە ھالسىزلىنىپ ماڭدى. ئۇ قاتتىق ئازاپلاندى. لەۋلىرىنى ئۇزىۋەتكۇدەك چىشلەپ، جانسىز ئالقانلىرى بىلەن يۇزلىرىگە ئۇرۇپ ئازاپلاندى. دەرىزىدىن كۆككە تەلمۇرۇپ، ئىگىز توساق تاملاردىن سىرتتىكى ئەركىنلىككە تەلمۇرۇپ ئازاپلاندى. قاتتىق تامغا بېشىنى ئۇرۇپ، ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ تۇرۇپ ئازاپلاندى... ئۆزىنىڭ تۇرمىگە كىرىشىگە ھەم  تۇرمىدىكى ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتىگە كىلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان بىر قىزدىن نەپرەتلىنىپ، قىساس ئوتىدا يۇرىكى پۇچۇلۇنۇپ تۇرۇپ ئازاپلاندى...ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلانسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىكى خاراكتىر ، ناچار مىجەز يەنىلا ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تۇنۇتمايۋاتاتتى. ئەكرەم شۇ خىل تەرىزدە ساقچىلارنىڭ پىسخىك تەربىيەسى ئاستىدا ئۆتىۋاتقان بىر كۇنلەردە نۆۋەتچى ساقچى ئۇنى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى.
     -ئەكرەم . سىنى بىرسى يوقلاپ كەپتۇ.
    ئەكرەم ساقچىنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇشۇش ئورنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بالا دەردىدە يۇرىكى پارە-پارە بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ  يوقلاپ كىلىشىنى ئۇمۇت قىلمايتتى . ھالى كۇندىن كۇنگە خاراپ بۇلىۋاتقان شۇ كۇنلەردە ئۇ  ئەڭ مۇھىمى پۇلغا، ئۆزىنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىدىغان ، دوۋزاخ سورىقىدىن، ئېغىر قىينىلىشىتىن قۇتقۇزىدىغان <ئاق> قا مۇھتاج ئىدى. ئۇ دادىسىدىن ئۆزىنى بۇ يەردىن ئەپچىقىپ كىتىشنى يىلىنغان . دادىسىغا بۇ يەردىنلا چىقىپ كەتسە چۇقۇم ياخشى ئادەم بولىدىغانلىقى، ئۆزگىرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم،ۋەدە بەرگەن . مۇدىر جىنايەت ئۇستىگە  يەنە بۇ خىل زەھەرنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغان ئوغلىدىن نەپرەتلەنسىمۇ ، يەنىلا پەرزەنت مۇھەببىتى ئالدىدا ياش توككەن  ، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغان . ئۇنى يول مېڭىپ ئەپچىقىپ كىتىشنىمۇ ئويلىغان بولسىمۇ ،  لېكىن جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن يەنە پاتقاققا پېتىپ كىتىشىتىن، باشقىلارنىمۇ زەھەرلەپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن . «قانۇن دىگەن ھامان قانۇن. دەل مۇشۇ قانۇن جىنايەت يولىغا مېڭىپ سالغان ئادەملەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ » دەپ قارىغان.  دادا بەزىدە يۇشۇرۇن <ئاق> ئەكىلىپ بىرىش توغرىسىدا يىلىنغان ئوغلىنىڭ زەئىپ تۇرقىدىن يۇرىكى ئەلەم بىلەن سىقىلغان بولسىمۇ   لېكىن شۇنچە چوڭ ئالى مەكتەپكە باش بولغان، بىلىملىك، مەدىنىيەتلىك، ئىختىساسلىق  ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان مۇدىر ، بۇنىڭغا قەتئى قۇشۇلمىغان... ئەكرەم شۇلارنى ئويلىغاچ مېڭىپ، <دادام يەنە تەلىم سۆزلىگىلى، مىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقىلى كەلگەن گەپ ، ھەممىسى قۇرۇق ئىشلار...> دىگەنلەرنى ئويلىدى.
    كۇرۇشۇش ئورنىغا كەلگەن ئەكرەم   قولىدىكى كىچىككىنە يۆگەكنى كۆتىرىپ  ھارغىن كۆزلىرى بىلەن بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان ،  قارا ياغلىق  بىلەن  پىشانىسىنى چىڭ ئورىۋالغان   بىر ناتۇنۇش  ئايالنى كۇرۇپ، ئىرەنسىزلا  ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ئىزدىمەكچى بولغاندەك ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە قاراپ چىقتى.
    -ئەكرەم.
    شۇنچىلىك تۇنۇش ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتكەن ئەكرەم  ئالدىدىكى ناتۇنۇش ئايالغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قالدى. يۇرەك رىتىمىنى يۇقاتتى، پۇتلىرى كالۋالاشتى، بەدىنى توك تەپكەندەك تىترەپ كەتتى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ ھۇشىنى يۇقاتقىلى قىل قالدى. ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ باقمىغان، كىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر قىز ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. دىلى سۇنغان، يۇرىكى مۇجۇلغان، بەختى يۇتكەن بەختىسز بىر قىز ياق بىر ئانا ئۇنىڭ <ئاق> قا خۇمار بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە قولىدىكى بوۋاقنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى...
ئەكرەمنىڭ كۆز ئالدى  چاقماق چاققاندەك بولدى. نىرۋىلىرى قالايمىقانلاشتى. <ئاق خۇمارى> دەستىدىن زەئىپلەشكەن تەن ھازىرلا يېقىلىپ چۇشىدىغاندەك قىلاتتى. تۇنۇش ئاۋاز، تۇنۇش چىراي، تۇنۇش كۆزلەر...ئەكرەم ئۆزىگە قادىلىپ قالغان بىر جۇپ كۆزگە تىكىلىشكە بەرداشلىق بىرەلمىدى . ئۇ كۆزلەردىن نەپرەتمۇ، مۇھەببەتمۇ ئىشقىلىپ چۇشۇنۇكسىز بىر خىل نۇر تۇكۇلۇپ تۇراتتى. بۇ قىز ئەمدىلىكتە خۇددى ئاسماندىن چۇشكەندەكلا ئەكرەمنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا خىرس قىلىۋاتقان يولۋاستەكلا بىلىنىپ كەتتى.
     -سەلىمە،- ئەكرەم ئېغىزىدىن بۇ ئسىمنىڭ قانداق بۇلۇپ چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى.
    ئەكرەم نۇرسىز كۆزلىرىنى ئالدىدىكى قىزغا قايتىدىن ئاغدۇردى. قېنى ئۇ گۇزەل چىراي؟ قېنى ئۇ ئوتلۇق كۆزلەر؟ قېنى ئۇ بوستاندەك ئۇزۇن چاچلار، مودىلدەك ئەۋرىشىم  قامەت؟...ئەكرەمنىڭ تاتلىق مۇھەببەتلىك سۆزلىرىگە ئەسىر بولغان ، ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان  گۇزەل قىزنىڭ ئوبرازى قېنى؟...ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىدا ھالسىرىغان بىر تەن بىر بوۋاقنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە پەيدا بولدىغۇ؟... ئۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتمىگەنمىدى؟ يۇرتىغا قايتىپ ئۇن-تىنسىزلا يۇقاپ كەتمىگەنمىدى؟ ئەكرەمنىڭ ئېڭىدا ئاللىبۇرۇن قەبرىگە كۇمۇلمىگەنمىدى؟...ئەكرەمنىڭ بېشى قايدى. دەرت ئۇستىگە كىلىۋاتقان دەرتلەردىن قاتتىق ئاغرىندى...
    -توغرا. مەن سەلىمە. سىزنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرگەن، ئالدانغان، تاشلىۋېتىلگەن ، بەخىتسىز سەلىمە...-قوچىقىدىكى بالىنى باغرىغا چىڭ باسقان قىزنىڭ چاناقلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۇ راستىنلا ئەكرەم تەرىپىدىن خارلانغان، بەختى يۇقالغان، گۇزەل ياشلىقىدىن، ئۇقۇش ھاياتىدىن، كەلگۇسى خىزمىتىدىن ئايرىلغان سەلىمە ئىدى.
    -قېنى ، ئولتۇر...-ئەكرەم دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. ئۇ ئەمدى بۇ رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۆزى قىلغان سەۋەنلىكلەرگە ئۆزى ئىگە بولمىسا بولمايتتى. ئۇ سەلىمەنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاققا ئاستا قاراپ قويۇپ سورىدى ،- مىنى شۇنداق ئەنسىرەتكەنتىڭ . خۇداغا شۇكرى سالامەتكەنسەن .  
    - ئۇھ، پەقەت ئۆلمۇدۇم. لېكىن باشقا دەرتلەرنىڭ، ئازاپلارنىڭ ھەممىسىنى تارتتىم.- سەلىمە ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىرىپ لاسسىدە بولدى. بايامقى كۆزلىرىدىكى نەپرەت قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغان ئىدى .- پەقەت مۇشۇ بالام ئۇچۇنلا...
     -بۇ بالا؟...
    - بۇ مىنىڭ ھاياتىم، مىنىڭ بالام، بىزنىڭ بالىمىز...
    ئەكرەم ھەيرانلىق ئىچىدە ئاجىز كۆزلىرىنى بىردەم سەلىمەگە، بىردەم شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن بوۋاققا تىكتى.
    - سەن ئالدۇرىۋەتكەن دىگەنغۇ؟
    -ياق. مەن ئالدۇرىۋەتمىگەن. پەقەت سىزدىن قورقۇپلا شۇنداق دەپ قويغان.
    -نىمە؟- ئەكرەم ئاۋازىنىڭ يۇقىرى  چىقىپ كەتكىنىگە ئۇكۇنگەندەك ئىشىك تۇۋىدە  تۇرغان ساقچىغا ئۇڭايسىزلىنىپ  قاراپ قويدى.
    -مۇشۇ بالا ئۇچۇنلا ياشاپ كەلدىم. مۇشۇ ئۇماق ئوغلۇم ئۇچۇن.-سەلىمە قۇچىقىدىكى بوۋاققا ئاجايىپ بىر مىھىر بىلەن بېقىپ كۆز جىيەكلىرىدىن ئېقىپ چۇشكەن ياشلىرىنى ئالقىنى بىلەن ئاستا سۇرتتى.
     بالا ئۇ ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى، ئائىلىنىڭ بەختى، خوشاللىقنىڭ مەنبەسى... بۇنى پەقەت ئاتا-ئانا بۇلۇپ باققۇچىلارغا ھىس قىلالايدۇ. پەرزەنت مۇھەببىتى ھەممە دەرت-ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئىنساننى ئۆزلۇكسىز تىرىشىشقا، ئىزدىنىشقا ئۇندەيدۇ. پەرزەنت كۇلكىسى ئاتا-ئانا كۇلكىسى، پەرزەنت يىغىسى ئاتا-ئانا يىغىسى... پەرزەنت مىھرىدە جەننەت مىھرى بار، پەرزەنت چىھرىدىكى سەبى ئۇماق تەبەسسۇمدا ئوتلۇق قۇياشنىڭ ھارارىتى بار.
   -مەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى سىزگە ئىسىمداش بولسۇن دەپ ئەختەم قويدۇم. ئەختەم ئەكرەم...بوپتىمۇ؟
    ئەكرەم تىترەپ تۇرغان ئاجىز، ئۇرۇق قوللىرىنى سەلىمەگە ئۇزاتتى.
- قېنى، بالامنى ماڭا بەر .
    ئەكرەمنىڭ ئېغىزىدىن <بالام> دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان سەلىمە ھاياجاندىن بىر پەس تىترىدى. ئۇ دەل مۇشۇنى كۇتكەن ئىدى. دەل مۇشۇ كۇننى كۇتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپ 1 يىلدىن بىرى چەككەن بارلىق ئازاپلىرى نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. سۇلغۇن چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇ بوۋاقنى ئاستا ئەكرەمگە ئۇزاتقاچ ئۇنىڭ چىرايىغا قايتىدىن سەپسالدى.
    -ئەكرەم، مەن تۇگۇشۇپ كەتتىممىكىن دىسەم ، سىز مەندىنمۇ بەك ئاجىزلاپ كىتىپسىز... سىزگە قاراپ كۆڭلۇم بەك يېرىم بولدى. نىمە بۇلۇپ بۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش  ئورنىغا كىرىپ قالدىڭىز؟...
     ئەكرەم سەلىمەگە <لاپ>  قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇردى. بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئاجايىپ بىر مىھىر بىلەن قاراپ كەتتى. قاشلىرىغا، كۆزلىرىگە ، بۇرنىغا، ئېغىزلىرىغا...ئىشقىلىپ ھەممە يىرىگە تويماي قارىدى. نىمىشقىدۇر كۆڭلى بۇزۇلغاندەك بولۇپ ، ساقال باسقان يۇزىنى بوۋاقنىڭ يۇمران سۇتتەك مەڭزىگە بوشقىنا باستى، چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ئىككى تامچە ياش بوۋاقنىڭ يۇزىگە سىرغىدى. ئۇ شۇ تاپ ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىغا ، ئەسكىلىكلىرىگە تۆۋبە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاجىز بەدىنى تۇرۇپ-تۇرۇپ يىنىڭ تەۋرىنىپ كەتتى .
    سەلىمە  ئۆز ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدا شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن پەرزەنتىگە قاراپ يۇرەكلىرى لەرزىگە كەلدى. ئەكرەمنىڭ مىھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ يۇرىكى ئىزىلدى. ئۇنىڭدىن شۇنچە نەپرەتلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا بولغان ئەسەبىلەرچە ئىنتىلىش، ياخشى كۆرۇش ، مۇھەببەت ئالدىدا ، بۇلۇپمۇ ئاتا-بالا جەم بولغان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشىۋاتاتتى.
   - بۇ بالىغا قورساق كۆتىرىپ، تۇغۇش جەريانىدا قانچىلىك جاپا تارتقانسەن ھە؟
   - ئۇنى بىر خۇدا ، بىر ئۆزەم بىلىمەن. لېكىن مەن يەنىلا ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىساپلايمەن.
   - ئۆيۇڭگە قايتماپسەن، بۇ بالىنى تۇققىچە نەلەردە سەرسان بۇلۇپ يۇردۇڭ؟
   - بۇ دۇنيانىڭ ئىتىكى يەنىلا كەڭرىكەن  ئەكرەم . ۋاپاسىز ئادەملەر بار بۇ دۇنيادا مىھرىبان ئادەملەرمۇ باركەن. خۇدا ئىشلىرىمنى ئاسان قىلدى. كەچمىشلىرىمنى ئاڭلىغۇڭىز كىلىۋاتامدۇ؟
    -ئەلبەتتە. توختاپ تۇر...- ئەكرەم كۆرۇشۇش ۋاقتىنىڭ تۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، ئىشىك تۇۋىدە ساقلاپ تۇرغان ساقچىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
   - سوجاڭ. ئايالىم بالامنى ئېلىپ مىنى يوقلاپ كەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە بالام تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇم. شۇڭا 1 سائەت ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
     <ئايالىم، بالام>... نىمىدىگەن مۇھەببەتلىك سۆز. نىمىدىگەن بەخىتلىك مىنۇتلار. ئۇ كىچە-كىچىلەپ دەل مۇشۇ كۇنلەرنى كۇتمىگەنمىدى. دەل مۇشۇ سۆزلەرگە ئىنتىزار بولمىغانمىدى...سەلىمە ئاجايىپ شاتلىققا تولدى. ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدى. ساقچى بىلەن خوشلۇشۇپ يېنىپ كىرگەن ئەكرەمگە قاراپ ،سۇيۇنۇش ئىچىدە دۇپۇلدەپ سۇقۇپ كەتكەن يۇرىكىنى تۇتۇپ قويدى. ئۇنىڭدا ھاياتقا بولغان ئۇمۇت، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببەت قايتىدىن بىخ سۇرۇشكە باشلىدى. ئۆزىگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچقان، تۇنجى مۇھەببەت بىلەن ھاياتىغا خوشاللىق قاتقان ئەكرەمگە بولغان سېغىنىش، ئىنتىلىش، نەپرەت ئىچىدىكى يۇشۇرۇن مۇھەببەت پۇتۇن جىسمىنى قايتىدىن تەسۋىرلىگۇسىز ھاياجانغا تولدۇردى...دادا قۇچىقىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان تاتلىق ئوغلىغا ئالەمچە بەخىت تىلىدى...
    -سەلىمە، مەن ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلدىم. سىنى ئالدىدىم. سىنى ئەمرىمگە ئالىمەن دەپ قويۇپ سىنى يەنە تاشلىۋەتتىم...مەندىن قانچىلىك نەپرەتلىنىدىغانسەن ھە؟
    -ياق، ئۇنداق دىمەڭ. راست، مەن سىزدىن نەپرەتلەنگەن، ساددا سۆيگۇمگە ئېچىنغان، بۇ ھاياتتىن ياشاش ئۇمۇدۇمنىمۇ ئۇزگەن. ھەممە نەرسەمدىن مەھرۇم قىلغانلىقىڭىز ئۇچۇن سىزدىن يىرگەنگەن. لېكىن بىلەمسىز... شۇ نەپرەت، ئۆچمەنلىك ئىچىدە يەنىلا سىزگە بولغان مۇھەببىتىم بار ئىدى. سىزنى تىللاپ تۇرۇپ سېغىناتتىم، قارغاپ تۇرۇپ گۇزەل كۇنلەرنى ئەسلەيتتىم، ئۆزەمنىڭ ساراڭلىقىمدىن سەسكىنىپ تۇرۇپ ئۆزەمنى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم...-ئاۋازى بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ چىقىۋاتقان سەلىمە، ھاياجاندىن ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى. ياشلىرى تاتارغان ، گىرىمسىز چىرايىنى بويلاپ رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن كۆينىكىگە   تامچىلىدى...
    -بولدى. يىغلىما، زىدە بولۇپ كەتكەن يۇرۇكۇمنى يەنە زىدە قىلما. مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلدىم. نادانلىقىمدىن ئۇكۇنىمەن سەلىمە. بەكمۇ ئۇكۇنىمەن.
    -مەن ئالدانغانلىقىمنى بىلدىم ، سىزنىڭ قورچىقىڭىز بۇلۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلدىم..،- سەلىمە قىزارغان كۆزلىرىنى ئەكرەمگە تىكتى.- سىز كىيىن ماڭا ناتۇنۇش ئادەملەردەك مۇئامىلە قىلغاندىن كىيىن، مەن بەك ئازاپلاندىم. بەك خورلۇق ھىس قىلدىم. ئۆزەمنىڭ ساددىلىقىدىن نەپرەتلەندىم...دىلنازنىڭ مەسلىھەتى بويىچە 10 كۇنلۇك رۇخسەت سوراپ ئۆيۇمگە قايتىم قورسۇقۇمنى يۇغۇشتۇرۇپ كىلىشنى پىلانلىدىم. لېكىن ئۆيگە قايتىش يولىدا كۆپ ئويلاندىم، ئاتا-ئانام ئالدىغا زادى نىمە دەپ بارىمەن؟ ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجرىگە قورسۇقۇمنى كۆتۇرۇپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟...ياق، ياق...مەن ئۇلۇۋېلىشنىمۇ ئويلۇدۇم، ھەممە دەرتتىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كىتىشنى ، جىمجىت ئۇ ئالەمگە كىتىشنىمۇ ئويلۇدۇم. لېكىن ھايات يەنىلا شۇ قەدەر قىممەتلىك ، سۇيۇملۇككەن. بۇلۇپمۇ قورسۇقۇمدىكى كۇندىن-كۇنگە چوڭىيىۋاتقان بالىغا قاراپ ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۆزەم تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بىر خىل مۇھەببەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بارلىق دەرتلىرىمنى ، ئازابىمنى قورسۇقۇمدىكى بالىغا پىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن-ئۇزۇن سىردىشىدىغان بولۇپ قالدىم. پەقەت شۇلا ماڭا ئۇمۇت، ئىشەنچ، مۇھەببەت بىرىپ تۇراتتى... شۇڭا مەن ئاخىرى يۇرتقا قايتماسلىق، بالىنى تۇغۇش قارارىغا كەلدىم. ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ قانداقتۇر بىر خىل كۇچ مىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئارىلىقتا ماشىنىدىن چۇشۇپ ئۆزەمگە ناتۇنۇش بىر شەھەردە قالدىم. ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ ئامالسىز بىر ئاشخانىدا ئىشلىدىم، ئىش ئىزدەپ يۇرتتىن چىققان قىز سۇپىتىدە ئىشلىدىم. شۇ جەرياندا ئاشخانىدىكى بىر قانچە قىز بىلەن بىرگە يېتىپ قۇپۇپ، ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ قالدىم. مەيلى قانچىلىك جاپا تارتساممۇ يەنىلا پۇتۇن كۇچۇم بىلەن ئىشلىدىم، سەھەر قۇپۇپ كەچ ياتتىم، بالام ئۇچۇن ،ئۇزەم ئۇچۇن چۇقۇم پۇل تېپىشىم ، پۇل جۇغلۇشۇم زۇرۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە كۆپ ئىش قىلىپ كۆپ ھەققە ئىرىشىشنى ئويلۇدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا تارتقان جاپالىرىمنى ، ئازاپلىرىمنى  خورلۇقلۇرۇمنى كىمگە ئېيتاي ئەكرەم؟ كىمگە ئېيتاي؟...قورسۇقۇمنى چىڭ تېڭىپ يۇردۇم، ئۆزەمنىڭ ھامىلدارلىقىنى يۇشۇردۇم، كۆز ياشلىرىمنى يۇشۇردۇم... ئىچىمدە سىزدىن ئۆلگۇدەك نەپرەتلەندىم، لېكىن بىر كۆزۇم ئۇرۇمچىدە قالغان ئىكەن، يۇرۇگۇم ئۇرۇمچىدە قالغان ئىكەن...ھاياتىمغا تۇنجى تەسىر كۆرسەتكەن ، نازۇك قەلبىمگە مۇھەببەتلىك كۇيلىرىنى تۇنجى سىڭدۇرگەن بىر ئەبلەخنى ئۇنتۇيالمىدىم، ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىرىنى، كۇيۇنۇشلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇنىڭ ئوت يېنىپ تۇرىدىغان مىھرىلىك كۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇ ئەسلىدە مىنىڭ قەلىپ قەسىرىمنى پۇتۇنلەي ئىگەللەپ بوپتىكەن ئەمەسمۇ؟...كاللامدىكى خىياللارنى ، شۇ ئەبلەخنىڭ سىماسىنى يۇقىتىۋېتىش ئۇچۇن شۇنچە تىرىشساممۇ، پۇتۇن كاللامنى ئىشقىلا بەنت قىلساممۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ماڭا ئاراملىق بەرمىدى. مىنىڭ يۇرۇكۇمنى ئۇن-تىنسىز كۆيدۇرۇپ كەلدى. كىيىن بىلسەم مەن ئۇنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۇپ قاپتىكەنمەن...ئۇنىڭغا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشىم ئالدىدا ئۇنىڭ بارلىق ئەسكىلىكلىرى ، ئازاپلىرىم، كۇلپەتلىرىم ھېچنەرسە ئەمەسكەن ...بىلەمسىز ئەكرەم. ئۇ ئەبلەخ سىز ئىدىڭىز. سىز... قىزىق يىرى مەن نىمىگە سىزىك بولدۇم بىلەمسىز...نىمىگە؟... ئۆزەممۇ شۇ قەدەر ھەيران، مەن سىزگە ، سىزنىڭ مۇھەببەتلىك بېقىشىڭىزغا سىزىك بوپ قاپتىمەن. مىنىڭ ئازاپلىرىمغا سىزىك ئازابى قۇشۇلۇپ  يۇرۇكۇمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. مەن قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن سىمايىڭىزنى ئەسلەپ كۇنلەرنى يىغلاپ ئۆتكۇزدۇم، كۇنسىرى يۇغۇنىۋاتقان قورسۇقۇمغا قاراپ يىغلىدىم، سىزنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭىزغا ھەم نەپرەتلىنىپ ھەم سۇيۇنۇپ تۇرۇپ يىغىلىدىم...
     ئەكرەم سەلىمەنىڭ يامغۇردەك تۇكۇلىۋاتقان ياشلىرىغا قاراپ بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ  لىققىدە ياش لىغىرلايتتى. ئۇ شۇ تاپ سەلىمەنىڭ ئالىجاناپلىقى، پىداكارلىقىدىن سۇيۇنۇپ ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىدىن قاتتىق ئۇكۇنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۇن-تىنسىز ھالدا يەنە سەلىمەنىڭ تىترەڭگۇ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.
-ئاشخانىدىكى كۇنلىرىممۇ ئۇزاققا بارمىدى. سېغىنىش ئىچىدە يىغىدىن ئىششىغان كۆزلىرىم، داغ چۇشكەن چىرايىم ، يۇغۇنىۋاتقان قورسۇقۇم ئاخىرى ھەممىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئايال خوجايىننىڭ يۇرەكنى ئىزىدىغان ھاقارەتلىك تىللىرىغا گۇناھكارلاردەك بېشىمنى تۇۋەن سېلىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ياتاقداش بىر قىز بىلەن شۇنداق ئىچەكىشىپ كىتىپتىكەنمەن  ، ئۇنىڭغا دەرتلىرىمنى تۇكۇپ بەردىم، ھەسرەتلىرىمنى تۇكۇپ بەردىم، ئۇ مىنىڭ يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ ھەس قالدى. بەلكىم مىنى ئەسەبى ساراڭ قاتارىغا چىقىرەتكەندۇ؟...ئۇ قىزنىڭ يالغۇز بىر چوڭ ئاپىسى باركەنتۇق. ئۇماڭا ھىسداشلىق قىلىپ  مىنى يېزىدىكى شۇ چوڭ ئاپىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى. توۋا ، جاھاندا يەنە ياخشىلار كۆپ ئىكەن. سارىخان چوڭ ئانامنىڭ  يىراق ناھىيىدىكى تۇققىنىڭ قىزى بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ھەممە ئادەمگە شۇنداق دىدى.<سەھرانىڭ ھاۋاسىدا بوشىنىۋالاي دەپ كەلدى > دەپ مىنىڭ قىسمەتلىرىمنى يۇشۇردى، مىنى ئەل ئالدىدا تىك ياشىسۇن دەپ شۇنداق  دىدى. مەن ئەنە شۇ يېزىدا ياشاپ قالدىم. ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلغان ئاشۇ نامرات ئايال ئۇچۇن ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە رەخمەت ئېيتىمەن. نامرات بولسىمۇ كۆڭلى-كوكسى نىمىدىگەن كەڭ ھە . مىنى ئۆز قىزىدەكلا ياخشى كۆردى. ئاشخانىدىكى دوستۇممۇ يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىدى. مەن مانا مۇشۇنداق ئاتا-ئانام تۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم تۇرۇپ ئاشۇ يات مەھەللىدە يىتىم بالىدەكلا ياشاپ قالدىم. مەنمۇ بىكارغا ئولتۇرسام بولمايدۇ دە، شۇڭا ئۇلارنىڭ مىھرى ئۇچۇن ئۇن-تىنسىز ئىشلىدىم، بىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسدىن بىراقلا سەھرادىكى دىھقان قىزغا ئايلىنىپ قالدىم. سارىخان ئانام  بىلەن ئوخشاشلا  قورسۇقۇمدىكى بالامنى كۆتۇرۇپ   بۇغداي ئورۇدۇم، ئېغىر تاغارلارنى يۇدۇدۇم، كەتمەن چاپتىم. قوي-كالا باقتىم.  ئىشتىن كىلىپ تاماق ئەتتىم...ئىشقىلىپ شۇ يېزا تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتتىم. ئۆزەمنىڭ قورسىقىدا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىشلىدىم. ھېرىپ چارچاپ كەتكەن، پىشانەمدىن ئاچچىق تەر چىپىلداپ ئاققان دەملەردە ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ يۇمران مايسىدەكلا چېپىۋېتىلگەن تەقدىرىمگە قاراپ يىغلىدىم. مۇشۇنداق كۇنلەرگە مەھكۇم قىلغان سىزدىن نەپرەتلىنىپ يىغلىدىم. قورسۇقۇم چۇڭايغانسىرى، ھەرىكىتىم قۇلاشمىغانسىرى، ئەمگەك قىلىشقا قۇربىتىم قالمىغانسىرى تېخىمۇ ئازاپلاندىم. قورسۇقۇمدا مىدىرلىۋاتقان بەخىتىسز بالامغا قاراپ ئازاپلاندىم. نىكاھسىز بىر بىتەلەي پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا پات ئارىدا ئاپىرىدە بۇلۇدىغانلىقىدىن ئازاپلاندىم. لېكىن شۇ ئازاپلىرىم ئىچىدە يەنىلا سىز بار ئىدىڭىز. تاتلىق بېقىشلىرىڭىز، مىھرى ئىسسىق باغرىڭىز، كەڭ يەلكەنلىرىڭىز، كىلىشكەن قامىتىڭىز ئازاپلىرىمغا ھەمرا ئىدى. ئۇزەمنىڭ مۇشۇنداق كۇلپەتلەردە تۇرۇپ يەنىلا سىزنى سېغىنىدىغانلىقىمغا ئۆزەممۇ ھەيران ئىدىم. ئاشۇنداق نامەرت ئەبلەختىن نىمىشقا يىرگەنمەيسەن؟ نىمىشقا غەزەپلەنمەيسەن...؟ دەپ ئۆز _ئۆزەمگە سۇئال قوياتتىم. لېكىن سۇئاللىرىم ئېڭىمنى قامال قىلىۋالغان شىرىن بىر لەززەت ئىچىگە سىڭىپ كىتەتتى...ئەكرەم، بىلەمسىز...تۇغۇت ئازابىنى تارتقان دەملىرىمنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن...شۇ ۋاقىتلاردا سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز؟ سىزنى يېنىمدا بولسىكەن، ماڭا كۇچ مادار بەرسىكەن دەپ تۇلىمۇ ئۇمۇت قىلدىم. ئىچىمدىن بىر بالا ئەمەس، بىر قاپقاراڭغۇ دۇنيا چىقىدىغاندەك قاتتىق قىينالدىم. لەۋلىرىمدىن قىپ -قىزىل قانلارنىڭ سىرغىغىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن، ئۆزەمنىڭ بىلىكىنى ئۆزەم چىشلەپ ئۆزىۋەتكىلى قىل قاپتىمەن. تۇغۇت دىگەنمۇ ئاشۇنداق قىيىن بۇلامدىغاندۇ ؟ باشقا ئانىلارمۇ ئاشۇنداق ئازاپ ئىچىدە يەڭگىمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ كەتتىم. بەلكىم خۇدا مەندەك بىتەلەي، بەخىتىسز ئانىلارنىڭ نىكاھىسىز بالىسى ئۇچۇن مۇشۇنداق قىيىن تۇغۇتنى بىرىدىغان ئوخشايدۇ...
     سەلىمە ئېغىر جىسمىنى ئاستا كۆتۇرۇپ، كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە ئۆز قىسمىتىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئەكرەمنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئەكرەمنىڭ قوچىقىدىكى بوۋاقنى ئاۋايلاپ ئېلىپ بالىسىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن قايغۇرغاندەك ، ئېچىنغاندەك بېشىنى ئاستا چايقاپ قويۇپ، ئۇنى باغرىغا باستى.
    -ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئاتا-ئانا ئۇچۇن بىر بەخىت ئىدى. لېكىن بۇ بىچارە بالام دۇنياغا كۆز ئاچقاندا سارىخان ئانامدىن باشقا ھېچكىم خوشال بولمىدى. ھەم خوشال بولغۇدەك ئەتراپىمىزدا ئادەممۇ يوق ئىدى. بەلكىم ئۆز ئىززىتىم، قەدرىم، پاكلىغىم بىلەن خەلقى جامائەت ئالدىدا، ئاتا-ئانام رازىلىقى ئاستىدا نىكاھلانغان، پەرزەنتلىك بولغان بولسام ، ئۇلار مۇشۇنداق كۇنلەردە ئەتراپىمدا پەرۋانە بۇلۇپ كىتەر ئىدى. مىنى قۇتلۇقلاپ، بەخىت تىلەپ كىتەر ئىدى. مىنى ئەزىزلەپ ياخشى كۇتەر ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق كۇنلەرگە ، ئۇنداق مىھرىبانلىقلارغا نائىل بۇلالمىدىم. بىر سارىخان ئانامنىڭ كۇتۇنىشىگىلا نىسىپ بولدۇم. بىلەمسىز ؟ مەن شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ مىنى باغرىڭىزغا بېسىشىڭىزنى، ماڭا مۇھەببەت بىلەن تىكىلىشىڭىزنى،<جاپا چەكتىڭ مەھبۇبەم، ماڭا پاقلاندەك بىر ئۇغۇل تۇغۇپ بەردىڭ، ساڭا رەخمەت...> دىيىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلدىم ھە...لېكىن مەن خوشال بۇلۇش ئەمەس، يېڭى تۇغۇلغان بالامنى باغرىمغا بېسىپ قانغۇچە يىغلىدىم. پۇتۇن ئازاپلىرىمنى پەقەت يېشىم يۇيۇپ كىتىدىغاندەكلا يىغلىدىم. سىزگە قۇشۇپ قۇيغاندەك ئوخشايدىغان ئوغلۇمنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن، ئۆزەمنىڭ تەتۇر پىشانىلىقىدىن ئۇكۇنۇپ يىغلىدىم. جىمى ئانا تۇغۇت ۋاقتىدا ياخشى غىزالىنىپ كۇتۇنسە مەن زاغرا يەپ ، ئۇماچ ئىچىپ كۇن ئالدىم. لېكىن شۇنداق كۇنلەرگە ئىرىشكىنىمگىمۇ ئاللاغا مىڭ شۇكرى ئېيتىمەن. ئەگەر ئاشۇ سارىخان ئانام بولمىغان بولسا نەلەردە سەرگەردان بۇلۇپ ، كىملەرنىڭ ئىشكىگە تەلمۇرۇپ، كىملەرنىڭ بۇزەك بۇلۇشىغا ئۇچراپ يۇرەر بولغۇيتتىم. خۇدا ماڭا يەنىلا شۇ مىھرىبان ئانىنى ئۇچراتتى. مىنى يامان كۇنلەرگە قويمىدى...
     ئەكرەم سەلىمە ئالدىدا كەچۇرگۇسىز گۇناھقا لايىق ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ھىسيات ئالدىدا ئېزىشنىڭ  بۇنچىۋالا كۇلپەتلەرنى كەلتۇرىدىغانلىقىنى ،  بىر قىزنى بەربات قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭمۇ بۇ  كۇنلەرگە قالىدىغانلىقىنى  ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى. مانا سەلىمە ئەمدى بالىسىنى كۆتىرىپ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلدى. قارىغاندا سەلىمە ئۆزىنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنى سېغىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ، ياخشى ئادەم بولۇشىنى، مىھرىبان ئاتا بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىدۇ. ئۇنىڭ  بىلەن كەلگۇسىدە بىر ئائىلە قۇرۇپ بەخىتلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن تۇرمۇشقا نىسپەتەن ئىشەنچىسىنى يۇقاتقان ئەكرەم ئۇچۇن بۇ مۇھىممۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالامدۇ؟...ئەكرەم ئاللاغا ھەمدۇسانا ئۇقۇۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرغان سەلىمە قاراپ  جىددىلەشكەندەك سورىدى.
     -قېنى، ئېيتقىنا. مىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭ؟ دوستۇڭ دىلناز بىلەن كۇرۇشكەن ئوخشىمامسەن؟...
  - ياق. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ كۇرۇشەلەيمەن. قۇچىقىمدا بالا كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق بارىمەن. ھېلىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىلىشمەسلىكلەرنى تېپىپ بەردىم. مەن ئەمدى ھەقىقى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشەلىگەندە ، بالامنىڭ ئاتىسى بىلەن جەم بولۇپ بەختلىك ئائىلە قۇرالىغاندا ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن. ئەگەر بولمىسا مەڭگۇ كۆرۇشمەيمەن. مەن تۇغۇتتىن كىيىن ئاتا-ئانامنىمۇ بەك سېغىندىم. ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام  مىنى دەپ ، نام-نىشانسىز يۇقاپ كەتكەن قىزىنى دەپ نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ ؟ دەپ قاتتىق ئازاپلاندىم. قەلبىم يۇرتقا قاراپ تەلپۇنسىمۇ، ئائىلەمنى، ئاتا-ئانام تۇققانلىرىم كۆزۇمگە ئوت كۇرۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھالىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشنى قەتئى لايىق تاپمىدىم. مىنىڭ كۇرۇدىغان كۇنۇم مۇشۇ ئوخشايدۇ؟ تەقدىرىم مۇشۇنداق كاج ئوخشايدۇ؟... دەپ ئويلۇدۇم. لېكىن يەنىلا ئۆزەمنىڭ بۇ دۇنيادا تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش،  ئۇلارنىڭ بالا دەردىدە ساراڭ بۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن يېزىلىق ھۇكۇمەتكە تېلىفۇن قىلىپ ئاكام بىلەن كۆرۇشتۇم...ئاھ ، بىر  يىلدىن كىينكى تۇنۇش ئاۋاز،  ئاكامنىڭ ئاۋازى...مەن شۇ ئازاپلىق كۇنلەردە ئۇلارنى دۇنيانىڭ باشقا بىر بۇرجىكىدىكەكلا ھىس قىلغان ئىدىم. بىلەمسىز ئەكرەم،  شۇ ۋاقىتتا بىر تۇققانلىق مىھىر مىنىڭ قەلبىمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقىنى، ئۆزەمنىڭ ھاياجىنىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ... ئۇنىڭدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم. بىچارە دىلناز دوستۇم ئامالسىز سىرلارنى ئاكامغا دىيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئاكام سىز بىلەن سۇقۇشۇپتۇ. سىز ئاكامنى شۇنداق قاتتىق زەخمىلەندۇرۇپسىز...مانا ئاقىۋەت تۇرمىغا كىرىپ قاپسىز...مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم. يۇرۇكۇم سۇ بۇلۇپ كەتتى. ئازاپلىرىمغا قۇشۇلۇپ كەلگەن بۇ شۇم خەۋەرلەردىن ئۆزەمنى يۇقۇتۇپ قويدۇم...سىزگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىم تاشتى. سىزنى چاناپ-چاناپ كۆيدۇرىۋەتكۇدەك بولدۇم. لېكىن سېغىنىش، كۆڭلۇمنىڭ نازۇك ھىسلىرىدە قالغان ھاياجان، مۇھەببەت ئالدىدا ھەممە نەپرىتىم ئاجىزلارچە تەسلىم بولدى. مەن يەنىلا يېڭىلدىم...ئاكامغا ئۆزەمنىڭ ناھايىتى ساق تۇرىۋاتقانلىقىمنى ، ئاتا-ئانامنىڭ قەتئى ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ  ، ئۇنىڭ يىلىنشىلىرىگە قارىماي ئۆزەمنىڭ نەدىلىكىنى سىر تۇتۇپلا تېلىفۇننى قۇيىۋەتتىم...شۇ ۋاقىتتا غېرىپلىق، ئازاپ ئىچىدە قانچىلىك يىغلىغىنىمنى سىز ئەسلا بىلمەيسىز...ھېلىمۇ كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ، كۆزۇم كور بۇلۇپ قالمىغىنىغا ھەيرانمەن...
     ھاسىراپ تۇرغان سەلىمە، تاراملاپ چۇشىۋاتقان يېشىنىمۇ سۇرتمەيلا ،قوچىقىدىكى بالا بىلەن ئەكرەمنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى ئاستا قويدى. ئۇ قارىماققا شۇ قەدەر ئاجىز، شۇ قەدەر مىسكىن ئىدى. ئۇ شۇ تۇرقىدا مىھىرلىك تەسەللىگە، ئوتلۇق مۇھەببەتكە، ئەكرەمنىڭ قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىشىغا ، قېنىپ -قېنىپ سۇيىشىگە تەشنا ئىدى.
- ئەكرەم ، سىز بىلەمسىز...مەن سىزنى راستىنلا ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۇپ قاپتىكەنمەن...شۇنچىلىك نەپرەت ئالدىدا مەن يەنە تىز پۇكۇشكە مەجبۇر بولدۇم. تارتقان كۇلپەتلىرىم سىزنىڭ سۇيۇشىڭىز ئالدىدا  ھېچ نەرسە ئەمەستەكلا بىلىنىدۇ...مەن سىزگە مۇھتاج...سىزگە مۇھتاج...
     ئەكرەم ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي سەلىمەنى ئاستا قۇچاقلىدى.
    -بولدى، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما...سەن بىلمەيسەن، مەنمۇ مۇشۇ تۇمۇر دەرۋازا ئىچىگە كىرگەندىن بىرى چىق نەرسىلەرنى ئويلۇدۇم. راس. مەن جىق ئىشلارنى خاتا قىلدىم. سىنى تاشلىۋەتتىم، ئاكاڭنى يارىلاندۇرۇپ قويدۇم. مەن ئۆتكەن ئىشلارغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. تۇرمىدىكى يالغۇزلۇق ئىچىدە مەن سىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. سىنى سېغىندىم، ئاشۇ بوستاندەك چاچلىرىڭنى، تاتلىق كۇلكەڭنى، ئۇسۇل ئوينىغان ۋاقىتىڭدىكى گۇزەل رۇخسارىڭنى، ھەرىكەتلىرىڭنى ، تاتلىق سۆيگۇ شېئىرلىنى ئۇقۇپ بەرگەن رومانتىك ھالىتىڭنى ...ھەممىنى شۇنداق سېغىندىم. بىلەمسەن، سەنمۇ مىنىڭ قەلبىمگە ئورناپ كىتىپتىكەنسەن، مىنى ئۆزۇڭگە ئەسىر قىلىۋاپتىكەنسەن... مۇشۇلارنى بۇرۇنراق ھىس قىلغان بولسام ، ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلمىغان بولسام بۇ كۇنلەرمۇ ئەسلا بولمىغان بۇلاركەن. ھازىرغىچە ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ ، خىزمەتكە چىقىپ ، بەخىتلىك ئائىلە قورىۋالاركەنمىز...بەك ئەپسۇسلاندىم سەلىمە، بەك ئەپسۇسلاندىم...مىنى كەچۇر، سىنىڭ كەچمىشىڭنى ئاڭلاپ ئاجىز يۇرۇكۇم ئەينەك پارچسىدەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى...
    ھاياجان ھەم سۇيۇلۇش ئىچىدە ئۆزىنى يۇقاتقان سەلىمە ئەكرەمنىڭ تىنىقىنى قېنىپ ھىدلىدى. ئۇنىڭ مۇزدەك كۆكسىدىن ئاجايىپ بىر خىل ھارارەتنى ھىس قىلىۋاتقاندەك تىترىدى...
   - راسما ئەكرەم، راسما...سىز راسلا ئۆزگۇرۇپسىز، باشقىچە بىر مىھرىبان ئادەمگە ئايلىنىپىسىز... سىزدىن كەلگۇسۇمنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئوغلۇمىزنىڭ بەختىنى كۆرگەندەك بولدۇم...مەن يەنىلا شۇنچىلىك بەخىتلىككەنمەن...
    ئەكرەم تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سەلىمەنىڭ مۇرسىنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى، خۇمار بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن سۇرلۇك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى.
    -ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن، مەن چىققۇچە كۇتەلەمسەن...؟
    -ئەلبەتتە، مەن كۇتىمەن ئەكرەم، كۇتىمەن. سىز ئۇچۇن يەنە قانچىلىك جاپا تارتساممۇ مەيلى، سىز چىقسىڭىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرالىساقلا، بالىمىزنى بىرلىكتە باقالىساقلا مەن رازى... بىلەمسىز مەن ئۇرۇمچىگە كىلىپ بىر ئاچىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىمەن. « يولدۇشۇم ئۇلۇپ كەتكەن، تۇرمۇش قامداش ئۇچۇن مۇشۇ يەرگە كىلىپ قالدىم » دەپ يالغان ئېيتىپ  ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەپ قالدىم. ئىككى پەرزەنتىگە ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى بولدۇم. ئۇلارمۇ ھازىر مەندىن بەك رازى...
    -ياخشى قىپسەن. ئىشەنگىن ، بىز چۇقۇم بەخىتلىك بولىمىز. مەنمۇ بۇرۇنراق چىقىپ كىتىش ئۇچۇن تىرىشىمەن.
    -رەخمەت ئەكرەم، رەخمەت... مەن تەۋەككۇل قىلىپ ئالدىڭىزغا كەلگەن، ئۆزۇم رىئاللىقتىن قورقساممۇ قەدەملىرىم مىنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا باشلاپ كەلگەن. خۇداغا شۇكرى، بۇ ياخشىقنىڭ بىشارىتى ئىكەن...مەن سىزنى چۇقۇم كۇتىمەن...خاتىرجەم بولۇڭ...
     كۆرۇشۇش ۋاقتى توشۇپ ، نۆۋەتچى ساقچى ئەكرەمنى ئېلىپ ماڭدى. ئەكرەم تەلمۇرۇش ، سېغىنىشلىق كۆزلىرىنى سەلىمەگە تىكتى.  بەلكىم ئاتىلىق مۇھەببەت ئادەمنى تەسىرلەندۇرسە، ھايۋاننى ھەقىقى ئىنسانغا ئۆزگەرتىشكە تۇرتكە بولسا كېرەك. ئەكرەم سەلىمەنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى ئېلىپ مىھرى بىلەن قېنىپ-قېنىپ سۆيدى. ئۇنى يېنىشلاپ پۇرىدى. سەلىمەگە ئۆزىنى، بالىنى ئاسراشنى تاپىلاپ ،« ئۇنتۇپ قالما،  مىنى چۇقۇم ئىزدەپ كەل ، چۇقۇم...» دىگەن گەپنى قايتا-قايتا تاپىلىدى. ئۇ شۇ تەرىزدە سەلىمەدىن شۇنچىلىك مۇھىم نەرسىنى كۇتىۋاتقاندەك قىلاتتى...

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 15:30:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلنازنىڭ ئالدىراش كۇنلىرى باشلاندى. ھەممە نەرسىگە ئىشتىياق، ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بۇ قىز دىكتورلۇق خىزمىتىگە سىڭىشىپلا كەتتى. بۇ قىزنىڭ  گۇزەل قامىتى، يېقىملىق ئاۋازى پەقەت مۇشۇ خىزمەت ئۇچۇنلا يارالغاندەك ئىكرانغا باشقىدىن ھۆسىن قوشتى. ئۇنىڭ تالانتى تىزدىنلا تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئىكران ئالدىدىكى كۆرۇرمەنلەرنى قايىل قىلدى. يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ گۇزەل قىزنىڭ سۆزمەنلىكى،  لاتاپىتى، ئىسىللىكى، ئەخلاقلىقى پۇتۇن شەھەردە قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قىسىم سەنئەت كىچىلىكلىرىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس گۇزەل سىماسى تاتلىق تەبەسسۇم ئىچىدە پەيدا بولغاندا نۇرغۇن يۇرەكلەرنى لەرزىگە سالاتتى . ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن ھەۋەس بىلەن قارايدىغان يىگىتلەرنى ، ئەركەكلەرنى يوق ئەمەس دەپ ھېچكىم ئېيتالمايتتى. ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. چۇنكى ئۇنى بۇرۇن ئاز ئادەملا تۇنىسا ، مانا ئەمدى بىر پۇتۇن شەھەرگە تۇنۇلدى. ئۇ ئىكران ئارقىلىق باشقىلارغا گۇزەللىك يەتكۇزەتتى، ئەخلاق يەتكۇزەتتى، ئەڭ ياخشى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوبرازىنى يەتكۇزەتتى. شۇڭا ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇش مىزانلىرىنى ، ئەخلاق قاراشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىپ، يۇرۇش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلەرگە تېخىمۇ ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ شۇنچىلىك خوشال ئىدى. ياخشى بىر خىزمەتكە ئىرىشتى،  ئەزىز لايىقى، ئۆزى چىن دىلدىن سۆيگەن يىگىتىگە ئىرىشتى. ئەمدى ئۇنىڭدا يەنە نىمە ئارزۇ-ئارمان بولسۇن؟...لېكىن دىلناز مۇشۇ ئالدىراش كۇنلەردە خىزمەت ئۇچۇنلا بىرىلىپ ،ۋارس بىلەن كۆپرەك كۇرۇشۇپ تۇرۇشقا ۋاقىت ئاجرىتالماي قالدى. ئىستانسىنىڭ دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك، ئىلانچىلىق خىزمەتلىرى پەقەت دىلناز ئۇچۇنلا قالغاندەك ھەممىدە دىلنازنى تەكلىپ قىلىشاتتى.  ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ بەزى خىياللارنىڭ رىئاللىق بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىرىشكەنسىرى، باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ، ماختىشىغا سازاۋەر بولغانسىرى ئۇزىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ گۇزەللىكىدىن ئالاھىدە سۇيۇنۇپمۇ قالاتتى. لېكىن تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئاگاھلاندۇراتتى. «سەن بىر خىل ياشىشىڭ كېرەك، سەن پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ماختىشىغا لايىق. سىنىڭ گۇزەللىكىڭ، تالانتىڭ پەقەت بىرلا ئادەمگە مەنسۇپ، پەقەت ۋارىسقا مەنسۇپ..»دەپ ئاگاھلاندۇراتتى.
     بۇگۇنكى سەنئەت كىچىلىكىدە ساپ ئۇيغۇر قىزىدەك ياسانغان دىلناز يەنىلا  ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ، كۆرۇرمەنلەرنى، ئىستانسا خادىملىرىنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى. ھەممە ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەنئەتنىڭ يەنە بىر گۇزەل تەرىپىنى كۆرگەندەك بولدى. خىزمىتىنى تۇگۇتۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىۋاتقان دىلناز تۇرۇپلا ۋارىسنى ئەسلەپ قالدى. خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن كۆرۇشمىگىلى بىرەر ھەپتە بولغان ۋارسىنى سېغىندى. «ئالدىراش بولۇپ قالدىم» دەپ نەچچە رەت كۇرۇشۇشنى رەت قىلغانلىقىدىن خىجىل بولدى. ئۇ بۇگۇنلا ۋارس بىلەن كۇرۇشۇپ مېڭىشنى ئويلىدىيۇ، سائىتىگە قاراپ بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكنى ھىس قىلدى. ئۇ تاتلىق خىياللار ئىچىدە  يېڭىلا ۋارس بىلەن بىرگە سېتىۋالغان ئۇماققىنە تىلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپ ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدى.
     <<مەن  ھازىرلا ئىشتىن چۇشتۇم، سىزنى سېغىندىم. مەن سىزنى مەڭگۇ سۇيىمەن ...>>
     دىلناز يېزىۋاتقان ئۇچۇرىغا قاراپ قىزاردى، ھايالىق كۆزلىرىدە سۇس جىلۋە پەيدا بولدى. ئۇ گەرچە ۋارىس بىلەن كۆرۇشەلمىگەن بولسىمۇ ئۇچۇر يوللاشنى بىر كۇنمۇ ئىسىدىن چىقارمايتتى. ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا ۋارىستىن كەلگەن «مەنمۇ سىزنى مەڭگۇ سۇيىمەن، ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، چۇشىڭىزدە مىنى كۆرۇڭ» دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سۇيۇنۇپ كەتتى. ھېلىقى ئۇچۇرنى بىرسى يۇلۇپلا ئەكىتىدىغاندەك ، تېلىفۇننى يۇرىكىگە چىڭ ياقتى.
     ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىغان دىلناز تىز-تىز قەدەملەر بىلەن بىنادىن چۇشتى، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك جەزبىدار ئىدى. يارشىملىق قارا پەلتۇ ئىچىدىكى سۇتتەك ئاپئاق چىرايى خۇددى قىشتا ئېچىلغان ئاق لەيلىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ سىرتتا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلاردىن دالدىلانماقچى بولغاندەك پەلتۇسىنىڭ ياقىسىنى كۆتىرىپ قويۇپ، ئاپئاق قارلارنى ئاۋايلاپقىنا دەسسەپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ  كۇلۇمسىرەپ كەلگەن ئسىتانسا باشلىقى مەردان ئاكىنى كۆرۇپ  ھەيران قالدى، يېشى 40 لاردىن ئاشقان بۇ سالاپەتلىك، قۇيۇق قارا بۇرۇتلۇق، قاپقارا چاچلىرىنى ئارقىسىغا تاراپ يۇرىدىغان بۇ ئادەمدىن دىلناز شۇنچىلىك ئەيمىنەتتى. ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگىنىدە خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولۇپ، بوشقىغا ئىگىلىپ سالام قىلىپ قوياتتى. ئۇنىڭ يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى ئۆزىنى كۆككە ئۇچۇرۇپ ماختىشىدىن تۇرۇپ خوشال بولسا يەنە تۇرۇپ بىئارام بۇلۇپ كىتەتتى. رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندا ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ كۇلۇمسىرەپ ئولتۇرغان بۇ ھەيۋەتلىك باشلىقنى كۆرۇپ كۆزىنى باشقا ياققا ئەپقاچاتتى. بەزىدە بۇ ئادەمنىڭ  ئۇنىڭغا ئۆز دادىسىدەك، ئاكىسىدەك مۇئامىلە قىلىشىدىن سۇيۇنۇپمۇ قالاتتى.
    -كەچ قالدىڭىز ھە دىلناز، خىزمەت دىگەن بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ. بۇگۇن سىزنى ئۆزۇم ئاپىرىپ قوياي.
    -رەخمەت، رەخمەت مەردان ئاكا . ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماي، بولدى كۇچا ئاپتۇۋۇزىدىلا كىتەي .
    -بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە قار يېغىۋاتىدۇ. ھاۋامۇ بەك سۇغۇق.  قېنى چىقىڭە.- ئىستانسا باشلىقى دىلنازنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكنى ئاچتى،-تىز بولۇڭ.
     نائىلاج قالغان دىلناز ئېغىر قەدەملەر بىلەن ماشىنىغا چىقتى، ئۇ قورۇنغانلىقتىن ئىشىك تەرەپكە چاپلىشىپلا ئولتۇردى. ئۇ گەرچە ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا ئورىنىۋاتسىمۇ ، مەردان ئاكىنىڭ كۇلۇمسىرەپ  قاراشلىرىدىن نىمىشقىدۇر يۇرىكى سىقىلاتتى. بەلكىم رەھبەر ئالدىدا ھەر قانداق ئادەم مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولسا كېرەك...
     ماشىنا ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتى. رەڭگارەڭ چىراقلار ئىچىدە باشقىچە تۇس ئالغان  ئۇرۇمچى كوچىسى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدە شۇنچىلىك گۇزەل كۆرۇنەتتى، دىلناز ئالدىراش خىزمەت مۇھىتى ئىچىدە بۇ مەنزىلەرگىمۇ دىققەت قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ ئاچچىق تاماكا ئىسدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك ماشىنا ئەينىكىنى چۇشۇرىۋەتتى، قارنىڭ مۇزدەك شامىلى دەرىزە ئەينىكىدىن كىرىپ دىلنازنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنى ئۇچۇرتىشقا باشلىدى. ئىستانسا باشلىقى يۇزىگە ئاندا-مۇندا تىگىپ تۇرغان چاچلاردىن ھۇزۇرلانغاندەك سۆز قاتتى.
     -چاچلىرىڭىز نىمانداق چىرايلىق ھە دىلناز، چاچلىرىڭىزدىنمۇ ئىپار ھىدى كىلىدىكەن.
    -ھە؟...ياق، ياق...-خىجىللىقتىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان دىلناز سۇغۇق شامالدا چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تىزلا يىغىشتۇرۇپ يۇگىۋالدى.- سەت بولدى ھە.
    - ئەتىرگۇلدەك نازۇك جىسمىڭىزغا سۇغۇق ئۇتۇپ قالمىسۇن يەنە ، قارنىڭ سۇغۇقى بەك يامان.
  - ھە، مانا ھازىرلا ئىتىۋىتەي،-دىلناز مۇزلىغان بارماقلىرى بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى تىزلا چىقىرىۋالدى.
   -راست، سىز ئەتىرگۇلگىلا ئوخشايسىز، ئاق ئەتىرگۇلگە. سىز ھەقىقەتەن  چىرايلىق، سىز كەلگەندىن بىرى خىزمەتلىرىمىزمۇ جانلىنىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم، ئىستانسا خىزمەتلىرىدىنمۇ كۆڭلۇم بەك رازى،- مەردان ئاكا ئوتلۇق كۆزلىرىنى دىلنازغا  تىكتى،- مەن ھازىرغىچە سىزدەك چىرايلىق قىزنى كۆرۇپ باقمىغان.
    -رەخمەت، رەخمەت مەردان ئاكا. ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز.
   - ماختاشقا لايىق سىز . چىرايلىق قىزلارنى ماختىماي كىمنى ماختايمىز.
    كۆڭلى قانداقتۇر بىر كىلىشمەسلىكنى سەزگەن ئەقىللىق دىلناز دەرھال گەپنى بورىدى.
    -رەخمەت. مەردان ئاكا. قىزلىرىڭىزمۇ چۇقۇم چىرايلىقتۇ ھە؟
    -ھە؟...-دۇدۇقلاپ قالغان ئىستانسا باشلىقى دىلنازغا <لاپ> قاراپ قويۇپ تاماكىسىنى كۇچەپ شورىدى. - ھەر ھالدا...
    -قانچە قىزىڭىز بار ؟
    -بىر قىزىم ، بىر ئوغلۇم بار ، قىزىم ئوتۇرا مەكتەپتە، ئوغلۇم باشلانغۇچتا ئۇقۇيدۇ.
   -ھە، خۇدا بىرىپتۇ. ئۇماق بالىلىرىڭىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن ئىلاھىم. ئائىلىڭىز بەك بەخىتلىك ئىكەن.
    - بەخىتلىك؟- ئىستانسا باشلىقى دىلنازنىڭ گەپلىرىدىن نارازى بولغاندەك قاپاقلىرىنى تۇرۇپ قويدى.- سىز مىنى بەخىتلىك دەپ قارامسىز؟
   -ئەلبەتتە، سىز بەك كىلىشكەن، قابىلىيەتلىك، تاتلىق ئىككى پەرزەنتىڭىز باركەن، ياخشى بىر ئايالىڭىز باركەن...
    -سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئاشۇ بەخىتما دىلناز؟
    -ھە، ئەلبەتتە بەخىت. شۇنچىلىك بەخىتكە ئىرىشەلمىگەن ئادەملەر نۇرغۇن تۇرسا مەردان ئاكا.
    دىلناز پات-پات ئۆزىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىۋاتقان ئىستانسا باشلىقىدىن تىنى شۇركەندەك بولدى. لېكىن گەپ-سۆزدە غەيرەتلىك بۇلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى .
   - ھەقىقى بەخىت نىمە؟ بىلەمسىز ؟ ئۇچۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ۋىسالىغا ئىرىشىش .
    -نىمە؟ سىز ئايالىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۇشمەي توي قىلغانما ؟
     -ياق ، ئۇنداق ئەمەس، ياخشى كۆرگەن. لېكىن ئۇ بۇرۇنقى ئىشلار. مەن ھازىر بىرسىگە ئاشىق، بىرسىنى ساراڭلاردەك ياخشى كۆرۇپ قالدىم. راست دىلناز ، ساراڭلاردەك...
     دىلنازنىڭ يۇرىكى نىمىشقىدۇر سىقىلىپ كەتتى. ئۇ ئىستانسا باشلىقىدىن بۇ گەپلەرنى كۇتمىگەن ئىدى. ئۇنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ھەر ۋاقىت قاپاقلىرىنى تۇرۇپ يۇرىدىغان بۇ باشلىققا بۇگۇن نىمە بولغاندۇ ھە؟ ... ئۇنىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سىزىپ ئۇلگۇردى، بىر نامۇۋاپىق مەقسەتنى سىزىپ ئۇلگۇردى. بۇ دۇنيا نىمە دىگەن رەزىل، نىمە دىگەن تەڭسىز... دىلناز دۇپۇلدەپ سۇقۇپ ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالاي دەپ قالغان يۇرىكىنى تىڭشىدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن ئۆزى ئەسلا ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، بىمەنە بىر گەپنىڭ چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىنى جىغىلدىدى.  ئىلىپتەك ئېقىپ چۇشكەن بۇرنىدا تامچە-تامچە تەر پەيدا بولدى.  
    - مەردان ئاكا توختۇتۇڭ، ماشىنىنى توختۇتۇڭ. ئۆيگە كىلىپ قالدىم،- جىددىلەشكەن دىلناز تۇرۇپلا شۇنداق دەپ سالدى.
    -تېخى بارغۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
    -يا..ق، ياق... ئۇنتۇپ قالمىدىم. دادام-ئاپاملار بۇگۇن بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە چايغا كەتكەن، مىنىمۇ ئىشتىن چۇشۇپ بېرىشمنى تاپىلىغان، ئۇلارنىڭ ئۆيى مۇشۇ قورو ئىچىدە،- دىلناز بۇ گەپلەرنىڭ ئېىغىزىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپ كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى.
    -ھە، مۇنداق دەڭ...ماقۇل ، ماقۇل، مانا ھازىر،- ئىستانسا باشلىقى شۇنداق دىدى-دە، ماشىنىنى يول بويىغا ئاستا توختاتتى، ئۇ چۇشۇشكە تەمشىلىپ ئىشكىنى ئاچقان دىلنازنىڭ قولىدىن شاپلا تۇتىۋالدى.
    -دىلناز، بىلەمسىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۇيۇپ كۇل بولاي دىدىم...
    ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان دىلنازنىڭ بېشى ئايلانغاندەك بولدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدى رەڭگارەڭ چىراقلىق كىچىدەكلا قالايمىقانلاشتى. ئۇ مۇرەككەپ ھىسيات ئىچىدە ئىستانسا باشلىقىنىڭ قولىدىن قولىنى شۇنچىلىك كۇچ بىلەن ئاجراتتى دە، ئۇنىڭغا خوش دىمەيلا ئىشكنى زەربە بىلەن قاتتىق ياپتى.
     دىلناز گاراڭ ئادەملەردەك ئۆزىگە ناتۇنۇش بولغان قورو ھويلىسىغا كىرىپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۆزىنى تاشلىدى.  ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان يىغىنى توختۇتۇشقا ئامالسىز ئىدى. نىمە قسىمەت، نىمە دۇنيا؟... نىمانداق مۇرەككەپ تۇرمۇش، نىمانداق رەزىل ئادەملەر... مەن كىم بۇلۇپ قالدىم شۇ تاپ، بىر رەھبەر تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن بىر دادا يوللۇق  ئادەم تۇرۇپ نىمانداق پەسكەشلىك قىلىدۇ؟ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭلى نىمانداق قارا؟...شۇ تاپ بىر بۇزۇق قىزدىن نىمە پەرقىم. مىنىڭ گۇزەللىكىمدىن، ساددىلىقىمدىن ئاشۇنداق پايدىلانسا، مىنى ئەخمەق قىلسا بۇلامدۇ؟...قېنى مەن ئىنتىلگەن كەلگۇسى؟ قېنى مەن ئارزۇ قىلغان كۇڭۇللۇك خىزمەت؟ قېنى بىز تەسەۋۋۇر قىلغان گۇزەل تۇرمۇش؟...دىلناز ئويلىغانسىرى ئازاپلىنىپ كەتتى. بىر گۇناھ ئىشنى قىلىپ سالغان ناتىۋان قىزدەك يۇزلىرىنى چىڭ تۇتۇپ بۇقۇلدايتتى. ئۆزىنىڭ گۇزەل ئارمانلىرى ، بەختىيارلىق تۇرمۇش مۇساپىسى ئىچىدە يەنە ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنىڭ يۇز بىرىۋاتقانلىقىدىن، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسلىكىدىن قاتتىق ئۇكۇندى. ئۇ جاندىن ئۆتكۇدەك قاتتىق سۇغۇقتا، ئاپئاق قار دۇۋىسى ئىچىدە قېلىۋاتاتتى.  ئوقيادەك ئەگىم كىرپىكلىرىدە ئاپئاق قىرو باغلىغان ئىدى، لەۋلىرى سۇغۇقتىن دىر-دىر تىترەيتتى.  ئۇ تىترەپ تۇرغان نازۇك قوللىرى بىلەن سومكىسىدىن تېلىفۇنىنى ئېلىپ ، ۋارس قالدۇرغان ئۇچۇرلانى قايتىدىن ئۇقۇپ چىقتى. يۇرىكى ئەلەمدىن ئېچىشىپ كەتتى. ھەممە ئىشلارنى ۋارس كۇرۇپ تۇرغاندەك ئەتراپقا ئەندىكىپ قارىدى. ۋارس ئالدىدا، ئۇنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئالدىدا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغاندەك  ئازاپلاندى. تىپتىنىچ كۆل سۇيىدەك ھاياتىدىكى تۇيۇقسىز داۋالغۇشتىن يۇرىكى لەختە-لەختە بولدى....
     بىر كىچە قورقۇنۇچلۇق چۇشلەرنى كۆرۇپ چىققان دىلنازنىڭ ئىشقا بېرىشقا پەقەت رايى بارمىدى. ئۇ ئاخشامقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چۇش بۇلۇپ قالسىكەن دەپ ئۇمۇت قىلدى. لېكىن ئۇ رىئاللىق ئىدى. ئۇ يەنە شۇ چىراينى كۆرۇشتىن قورقاتتى، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قەلبىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىرىشىپ، بىر كۇندىلا ئىززىتى ۋەيران بولغان ئىستانسا باشلىقى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقاتتى. مەس بۇلۇپ قالدىمىكىن دىسە يە ھاراق ئىچمىگەن. ئېلىشپ قالدىمىكىن دىسە سەنئەت كىچىلىكىدە  بىرئوبدان سۆز قىلىپ ئولتۇرغان...ئەمدى ئىدارىغا بارسا يەنە نىمە ئىشلار يۇز بىرەر؟ رەھبەرنىڭ يۇزىگە  قانداق قاراش كېرەك؟ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بۇلۇش كېرەك؟...بېشى قېتىپ كەتكەن دىلناز يەنە ئامالسىز بوينىدىن بىرسى سۆرىگەندەكلا  گىرىممۇ قىلماي ئىشقا ماڭدى. ئۇ ئىشخانا بىناسىغا خۇددى يولۋاستىن ئۇركۇپ تۇرغان توشقاندەكلا قورقۇنچ ئىچىدە چىقتى. ئۇ بۇگۇن ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى ئۆزىگە قاراۋاتقاندەك، ئاخشامقى ئىشلارنى بىلىپ قالغاندەكلا  ھىس قىلىپ جىددىلىشىپ كەتتى. لېكىن ھەممە جىمجىت ئىدى. ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى.
    ئىشتىن چۇشۇشكە ئالدىراۋاتقان دىلناز سائىتىگە نەچچە قېتىم قاراپ بولدى. ئۇنىڭ  بۇگۇن نىمىشقىدۇر ۋارس بىلەن كۆرۇشكۇسى كىلىپ، ئۇنىڭغا ئالدىن ئۇچۇر قىلىپ قويغان ئىدى.  ئۇ شۇ تاپ ۋارىس بىلەن كۆرۇشسە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغاندەك، ھەممە گەپنى ۋارىسقا ئاشكارىلىۋېتىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇنىڭ ئازاپلانغان قەلبى شۇ تاپ ۋارسىنىڭ تەسەللىسىگە، كۇيۇنىشىگە، مۇھەببىتىگە مۇھتاج ئىدى. ۋاقىت تۇشاي دىگەندەك تۇيۇقسىز  بىر قىز دىلنازنىڭ ئىشخانىسىغا  قىپ-قىزىل بىر دەستە ئەتىرگۇل كۆتىرىپ كۆتۇرۇپ كىرىپ قالدى. گۇل شۇنچىلىك كۆپ، شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى قىزنىڭ قۇچىقىغا لىقلا كەلگەن ئىدى. ئىشخانا ئىچىدىكى بىر قانچە قىز گۇلدىن تەمە قىلغاندەك تىزلا گۇلچى قىز ئالدىغا كەلدى.
    -خان، كىمنىڭ گۇلىكەن بۇ؟ بەك چىرايلىق گۇلكەن.
    - دىلناز قىزنىڭ .
    ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان دىلناز ھەيرانلىق ئىچىدە گۇلگە سەپسالغاچ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى.
    -ھە، دىلناز دىگەن مەن. كىم ئىبەرتىپتۇ؟
    -ئۇقمايمەن، بىرسى گۇل دۇككىنىغا تىزىملىتىپتىكەن. قالغىنىنى كارتوچكىدىن كۇرىۋالارسىز.
    دىلناز زىمىستان قىشتا ئىشخانىسىگە باھار ھىدىنى تارقىتىۋەتكەن   گۇلگە قاراپ ھەيران قالدى. باشقا خىزمەتداشلىرى ھەۋەسلەنگەندەك  كۇلۇمسىرەپ قويۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ،  لېكىن ۋارس بىلەن كۆرۇشۇشكە ئالدىرىۋاتقان دىلناز ئورنىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدى. تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كارتوچكىنى ئېلىپ ئۇستىدىكى  خەتلەرگە كۆز يۇگۇرتتى. <سىزنى سۆيىمەن>  دىگەن ئاددىلا ئىككى خەتتىن باشقا ھېچقانداق بىر خەت ياكى ئىمزا كۆرۇنمەيتتى. كاللسىغا تۇگۇمەس سۇئاللار كىلىۋاتقان دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ گۇلنى زادى كىم ئەۋەتتى؟ ۋارس...ياق، ياق...ئۇ ئەمەس، ئۇ ئەۋەتكەن بولسا بايا ماڭا دىگەن بولاتتى. ئۇنداقتا يەنە كىم؟ يا بۇگۇن ئالاھىدە بىر كۇن بولمىسا، يا تۇغۇلغان كۇنۇم بولمىسا...داداممۇ يە؟ ياق، ياق...ئۇمۇ ئەمەس ، دادام <سىزنى سۇيىمەن> دەپ ئەسلا يازمايدۇ...توۋا...كىمدۇ ئەمدى بۇ ؟...دىلنازنىڭ ئويلىغانسىرى بېشى قاتتى. خوشاللىق ئىچىدە ئۇتىۋاتقان مەنلىك كۇنلىرىگە تىكەندەك سانجىلغان ئەتىرگۇلگە قاراپ ئېغىر خۇرسۇندى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇل بەرگىلىرى ئىچىدىن ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۇپ تىنى شۇركۇنۇپ كەتتى. ئۇماق لەۋلىرى تىترەپ كەتتى. «شۇمىدۇ ؟ » دىگەن خىيال كاللىسىغا كىرىۋالدى.
    دىلناز گۇلگە قاراپ ۋاقىتنىڭ ئۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى. ئوغاقتەك ئەگىم قاشلىرى ئۆزئارا جۇپلىشىپ ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان قول تىلىفۇنىنىڭ ئاۋازىدىن چۇچۇپ ، ئىستانسا باشلىقى ئۇنى نامۇۋاپىق جايغا تەكلىپ قىلىۋاتقاندەك قورقۇپ كەتتى. ئۇ تېلىفۇندىكى تۇنۇش نۇمۇرغا قاراپ قويۇپ، <ئۇھ> دەپ يۇرىكىنى تۇتقىنىچە كۇنۇپكىنى باستى.
   -كەلمەيسىزغۇ دىلناز، سىزنى بەك ساقلاپ كەتتىم.-ۋارىسنىڭ جىددىلەشكەنلىكى، تاقەتسزلەنگەنلىكى ئاۋازىدىن مانا مەن دەپ بىلىنى تۇراتتى.
    -ھە، ئازراق مىجەزىم يوق بۇلۇپ قالدى، مەن بارالمايدىغان ئوخشايمەن، تاماقنى ئۆزىڭىز يەۋېرىڭ ۋارس.
   - نىمە ؟ قايىرىڭىز بىئارام. مەن ھازىرلا قېشىڭىزغا باراي.
  - ياق، ياق...بولدى. ھازىر خېلى ئوڭشۇلۇپ قالدىم. مەن كەچتە سىزگە تېلىفۇن قىلاي. بولامدۇ؟
    -ئۇنداقتا مەيلى . لېكىن يەنە بىئارام بولسىڭىز ماڭا دەرھال تېلىفۇن قىلىڭ، دوختۇرغا ئاپىرىمەن.
    -بولىدۇ ۋارىس . خوش.
    دىلناز ۋارىسنىڭ <خوش > دىگەن ئاۋازىنى كۇتمەيلا تېلىفۇننى قۇيىۋەتتى. يۇرىكى قاتتىق ئېغىپ تۇرىۋاتاتتى. دىمەك گۇلنى ۋارس ئىبەرتمىگىنى ئىنىق. دىلناز ماغدۇرسىز  بىماردەك ئېغىر قەدەم ئېلىپ بىنادىن ئاستا چۇشتى. ئۇ شۇ تاپ قاياققا بېرىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئەتراپقا مەقسەتسىز قاراۋېتىپ تۇيۇقسىز يەنە ئسىتانسا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۇپ قالدى. دەرۋازا ئالدىدا ئىستانسا باشلىقى خۇددى دىلنازنى ساقلاۋاتقاندەكلا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مۇلايىم كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دىلنازنىڭ يۇرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس-تاس قالدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۆزى خۇددى ئۇنى ھازىرلا يالماپ يۇتىۋېتىدىغاندەك خىرسلىق كۆرۇنۇپ كەتتى. ئۇ خۇددى ئىستانسا باشلىقى كىلىپلا ئۆزىنى ماشىنىغا سېلىپ كۆز يەتكۇسىز جەزىرلەرگە ئېلىپ كىتىدىغاندەك، دەرھاللا ئالدىغا كىلىپ قالغان بىر تاكسىنى توستى -دە، ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.
     دىلناز ئەمدى تىنچ تۇرمۇشىنىڭ ئاستا-ئاستا بۇزىلىۋاتقانلىقى ھىس قىلدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۇلەڭگۇسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇرگەندەكلا ئەندىكىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئەپقاچتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ نۇمۇرسىز كىلىپ قالىدىغان تېلىفۇن ئۇچۇرلىرىدىن بىزار بولدى. بىزەڭ لېكىن تاتلىق پىچىرلاشلار تېلىفۇن ئىكرانىدىن يۇرىكىگە بېرىپ تاقىلاتتى. ئۇ ئۇچۇرلارنى يۇيۇپ ئۇلگۇردى. ئۇچۇرلارنى بىرسى كۆرۇپ قالىدىغاندەك ، خىزمەتداشلىرى بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالىدىغاندەك پات-پات ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى كىمنىڭ يوللىغىنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىشىتىن ئۇيۇلاتتى. ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس بىر جۇپ كۆزنىڭ ، قاپقارا بۇرۇتلۇق بىر چىراينىڭ ئۆزىگە مختەك تىكىلىپ تۇرۇشلىرىدىن، كۇلۇمسىرەشلىرىدىن، ئوتلۇق بېقىشلىرىدىن بەكلا قورقاتتى. ئۇ ئاخىرى بۇلالماي تېلىفۇنىنى ياتاق ئۆيىدە قويىدىغان، كىچىلىكتە يۇشۇرۇن ئېچىپ ئۇچۇرلارنى بىردىن-بىر كۆرىدىغان، ھەممىنى ئۇكۇنۇش، ئازاپ ، يىغا ئىچىدە ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان بولۇپ قالدى.
    ئىدارىدىكى خىزمەت ئالدىراشلىقىمۇ ياكى  ھەر كەچ دەم ئالماي ئىنگىلىز تىلى ئۇتىۋەرگەچكىمۇ ، ۋارس  بۇگۇنكى دەم ئېلىش كۇنىدە قېنىپ ئۇخلىدى. ئىدارىدىن ئاجرىتىپ بىرىلگەن چاققانغىنا ئىككى ئېغىز ئۆي شۇنچىلىك ئىسسىق بۇلۇپ، پارۋايدىن گۇپۇلدەپ چىقىۋاتقان ئىسسىق ھارارەتتە ۋارس يوتقىنى ئېچىۋېتىپ ، ئىچ كىيىم بىلەنلا ئۇزۇن كىرىلىپ ياتتى. ئۆي شۇنچىلىك ئاددى، شۇنچىلىك پاكىزە  بۇلۇپ، بىر قاراشتا ھەرگىزمۇ بىر بويتاقنىڭ ئۆيىگە ئوخشىمايتتى. كىتاپ ئىشكاۋىدا قۇيۇلغان لىققىدە كىتاپلار ئىچىدىن خېمىيە ئۇقۇتۇشلىقى، ھەر خىل رومان، تۇرلۇك ئۇيغۇر ئەدىبى ژورناللىرى، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن ئىنگىلىزچە كىتاپلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. كىتاپ جازىسى قېشىغا قويۇلغان ئۇستەل ئۇستىدىكى كىچىككىنە رەسىم رامكىسىدا  پەرىشتىدەك بىر گۇزەل قىزنىڭ سىماسى  كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى. ۋارس ياستۇققا يۇلۇنۇپ يانغا قايرىلغان ھالرەڭ پەردىدىن دەرىزە  سىرتىدىكى يېغىۋاتقان ئاپئاق قارغا قاراپ، خۇددى تەڭرى ئۆزى  بىلەن دىلنازغا ئاق چاچقۇ چېچىۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئۇ رەسىم رامكىسىغا ئاستا قاراپ قويۇپ ، دىلناز بىلەن كۆرۇشمىگىلى خېلى كۇنلەر بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ گەرچە تېلىۋۇزۇردىن ئۇنىڭ گۇزەل سىماسىنى كۇندە كۆرۇپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇنى مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىشقا، ئۇنىڭ تاتلىق ھىدلىرىنى قېنىپ ھىدلاشقا ئىنتىزار ئىدى. ئۇ بۇ كۇنلەرنىڭ تىزراق ئۇتۇپ كىتىشىنى ، تىزراق توي قىلىپ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يىتىشىنى، ھەقىقى بەخىتنىڭ شىرىن دەملىرىگە چۇمۇلۇشنى  تۇلىمۇ ئۇمۇت قىلىۋاتاتتى.  
    ۋارس بۇگۇنكى دەم ئېلىش كۇنىدە دىلنازنى كۆرگەچ نازىر ۋە پەرىدە خانىمنى يوقلاپ كىلىشنى لايىق تاپتى. ئۇ تۇرۇپلا نىمىگىدۇر خوشال بولغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، قېلىن قاردا پاتقاققا مىلەنگەن ئايىقىنى بىرىلىپ تۇرۇپ مايلاپ چىقتى. چاچلىرىنى قايتىدىن يۇيۇپ چىرايلىق قاتۇردى. كىيىم ئىشكاۋىدىن يىڭىلا يۇيۇپ قاتلاپ قويغان كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئۇستىگە ئۇزۇن قارا پەلتۇسىنى ئارتتى. كىيىم ئىشكاۋىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ ياسىنىشىغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ،تۇيۇقسىزلا دىلناز سوۋغا قىلغان چاقماق شارپىنى ئسىگە ئالدى-دە، شارپىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى خۇددى دىلنازنى سۆيگەندەك بوشقىنا سۇيۇپ  قويدى. ئەينەككە قاراپ خۇددى دىلنازنى بوينىغا يۆگىۋاتقاندەك سۇيۇنۇش  ئىچىدە  يۆگىدى...
    ۋارس  بىر قانچە خالتا سوۋغا-سالامنى كۆتىرىپ ، ئىككى قەۋەتلىك  داچا ئالدىغا كەلدى. ئاپئاق قارغا  كۇمۇلگەن داچا  ۋارسىنىڭ كۆزىگە خۇددى كىنولاردىكى ھەيۋەتلىك قەلئەدەك كۆرۇنۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ئۆيگە ، نازىر ۋە خانىمغا ئاستا-ئاستا ئۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە شۇنچىلىك قورۇنۇش ھىس قىلاتتى. پەرىدە خانىمنىڭ بوشقىنا سالىمىدىن ، ئۇرغۇلۇق گەپلىرىدىن يەنىلا ئەيمىنەتتى. لېكىن  تەلىيىگە يارىشا بۇگۇن ئۆيدە پەقەت دىلنازلا بار بۇلۇپ چىقتى . قولىدىكى نەرسە كېرەكلەرنى قويۇشقا تېخى ئۇلگۇرمىگەن ۋارس  خۇددى ئانا قۇچىقىغا تەشنا بوۋاقتەك  كۆكىرىكىگە ئاستا بېشىنى قويۇپ، نازۇك قوللىرى بىلەن ئۆزىنى  چىڭ قۇچاقلىغان دىلنازنى كۆرۇپ تىترەپ كەتتى، نازۇك ھىسلىرى ئويغۇنۇپ دىلنازنى مىھرى بىلەن تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى . دىلنازنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتى.
   - كۆز يېشى قىلدىڭىزما  دىلناز؟
    -ياق، سىزنى كۆرۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم شۇ،- دىلناز قەلبىدىكى ئازاپ، ئەنسىزلىكنى يۇشۇرۇشقا تىرىشتى.
   -سىزنىمۇ بەك سېغىندىم دىلناز . سىزمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىڭىز، مەنمۇ ھەم...بۇگۇنغۇ خىزمەتكە بارمايدىغانسىز...
     -ياق.
    -ئۇھ، سىز بىلەن قېنىپ دىدارلىشىدىغان پۇرسەتمۇ چىقىدىكەن.- ئىللىق ھارارەتتىن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن ۋارس ئۆزىمۇ سەزمەستىن لەۋلىرىنى دىلنازنىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىگە ئاپاردى.
    -ئۇنداق قىلماڭ... سەت تۇرىدۇ...قېلىن...- دىلناز لەۋلىرىنى تىزلا ئەپقاچتى، لېكىن كۆڭلىدە ئۇنى قېنىپ-قېنىپ سۆيگۇسى، ئۇنىڭ باغرىدا ئىرىپ كەتكۇسى، بىر تەن بىر جانغا ئايلانغۇسى بار ئىدى. ئۇنىڭ لەززەت تامچىپ تۇرغان قېلىن لەۋلىرىنى، نازۇك يۇزلىرىگە بوشقىنا سانجىلىدىغان يۇمران ساقال بۇرۇتلىرىنى سېغىناتتى... لېكىن ئەقىللىق قىز ئۇ ئۆز ھىسياتىنى تىزلا بېسىۋېلىپ ۋارىسنى مىھمانخانا ئۆيگە باشلاپ كىردى.
    تاماقتىن كىيىن ئۇلار جىممىدە ئولتۇرۇپ تىلىۋۇزۇر كۆردى. ۋارس تىلىۋۇزۇر كۆرىۋېتىپ يەنە  تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنىپ قويىۋاتقان دىلنازغا قاراپ قوياتتى. قارىماققا دىلنازنىڭ ۋارىسقا دەيدىغان مۇھىم بىر گىپى باردەك قىلاتتى. ئۇزاق سۇكۇتتىن كىيىن ئاخىرى دىلناز ئېغىز ئاچتى.
    -ۋارس، بىز تويىمىزنى قىلىۋىتەيلىمىكىن.
    -نىمە؟...- ۋارس دىلنازنىڭ ئېغىزىدىن تۇيۇقسىز چىققان بۇ سۆزگە قاراپ ھەيران قالدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ بىر  يىلدىن كىيىن توي قىلىشنى ئوتۇرغا قويمىغانمىدى؟ نازىر ۋە خانممۇ ۋارسقا بىر يىللىق ۋاقىت بەرمىگەنمىدى؟ ...ئەمدى دىلناز تېخى بىر يىل توشمايلا بۇ گەپنى چىقىرىۋاتىدىغۇ؟.. ئۇ ھەيرانلىق ھەم ھاياجان ئىچىدە دىنازغا قارىدى.
      -قانداق تەييارلىقىڭىز پۇتىۋاتامدۇ؟-دىلناز ۋارسىنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    -ھە؟... پۇتىۋاتىدۇ...15000 يۇەندەك ئىقتىساد تەييارلاپ بولدۇم. لېكىن يەتمەمدىكىن، ئۇرۇمچىدە توي دىگەنگە نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاتا-ئانىڭىز ئالدىدا ئۆز ئىززىتىڭىزنى قىلمىسام بولمايدۇ. بولمىسا بىر ئۆمۇر يەرگە قاراپ قالىمەن. قىزىق، ئەجەپ بۇ ئىشقا ئالدىراپ قاپسىزغۇ؟ ئۆيىڭىزگە يەنە بىرەرسى  ئەلچىلىككە كىلىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟
    -يا..ق، ياق...-دىلناز ئولتۇرغان ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى. ۋارس ئىستانسا باشلىقى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرۇسىدىكى يۇشۇرۇن مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالغاندەكلا ، ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە گۇناھكارلاردەك ھىسياتتا قارىدى.- شۇ سىزنى يالغۇز قىينىلىپ قالامدىكىن دىدىم...
    -يەنىلا مىنى ئويلايسىز دە سىز، سىزدەك ياخشى قىزنى ماڭا نىسىپ قىلغان تەڭرىگە كۇندە ھەمدۇسانا ئۇقۇيمەن. لېكىن...ئاتا-ئانىڭىز نىمە دەر؟
     -ئۇلارنى ئۆزەم قايىل قىلىمەن، ئىقتىساد جەھەتتە مىنىڭمۇ سىز ئۇچۇن ئازراق يىققىنىم بار. سىزئۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ...
    خوشاللىقتا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالغان ۋارس ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ئارزۇ قىلغان گۇزەل كۇنلەرنىڭ نىسىپ بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن سۇيۇندى. توي كىچىسىدىكى شىرىن مىنۇتلارنى ، دىلنازنىڭ ۋىسالىغا يىتىدىغان ئەڭ بەختىيار دەقىقىلەرنى ئويلاپ ئوتتەك قىزاردى.
    -بولىدۇ. سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولسۇن، لېكىن سىز جاپا تارتىپ قالىدىغان بولدىڭىز. مىنىڭ مۇشۇ سەمىمى يۇرۇگۇمدىن باشقا سىزگە ئاتا  قىلغۇدەك باشقا پاراغىتىم يوق...
     -نىمە دىگىنىڭىز بۇ ۋارس. سىز بىلەن چۆل-جەزىرلەردە ياشىساممۇ مەن يەنىلا بەخىتلىك. مەنىۋى خوشاللىق ئالدىدا ماددى مەنپەئەت ھېچنەرسە ئەمەس...
    ئۇلار ئۇزاققىچە مۇڭداشتى، تويدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ چىقتى، نۇرغۇن تەييارلىق توغرىسىدا پىلان تۇزدى. لېكىن ۋارس دىلنازنىڭ قەلبىدىكى تۇگۇننى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ يالغۇز ئۇتۇشتىن قورقىۋاتقانلىقىنى، ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئۇنىڭغا يەنىلا پەرۋانىدەك چاپلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرىۋاتقانلىقىنى ئەسلا چۇشەنمەيتتى. دىلناز « پەقەت تىزراق توي قىلىۋالسام  ئىستانسا باشلىقى ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىدىن يانىدۇ، مىنى ئارامىمغا قويىدۇ» دەپلا قارايتتى...لېكىن تۇرمۇش ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك بۇلامدۇ-بولمامدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ئالدىن بىر نەرسە دىيەلمەيتتى.
    سىرتتىن قايتىپ كەلگەن نازىر ئۆيىدىكى ئەزىز مىھمان بىلەن قىزغىن كۆرۇشتى. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۇراپ ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ پاراڭلاشتى. لېكىن پەرىدە خانىم شۇنچە تەبىئى تۇرۇشقا تىرىشسىمۇ ، لېكىن يەنىلا چاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى، ۋارس بىلەن بوشقىنا سالاملىشىپ، <كەلدىڭىزما> دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىمىدى.
    قىزىنىڭ توي قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلىغان نازىر ۋە خانىم تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار تېخى يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئويلاشماقچى بۇلىۋاتاتتى. نازىر ۋارسىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىگىت ئىكەنلىكىگە ئاللىبۇرۇن ھۇكۇم قىلىپ، ئۇنى كىيىئوغلۇم دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەرىدە خانىم يەنىلا بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يۇرىۋاتاتتى. كۆڭلىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى بۇ ئىشقا نارازىدەكلا بىلىنەتتى.
   - توۋا، دىلنازنى توي قىلىشقا ئالدىرىتىپسىزدە ۋارسجان. تەييارلىقنى خېلى ئوبدان قىلىۋالغان ئوخشىمامسىز،- پەرىدە خانىمنىڭ تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەكلا دىگەن سۆزى ۋارسىنى تەمتىرىتىپ قويدى.
    - ئۇنداق ئەمەس ئاپا، مەن قىلىۋىتەيلى دىدىم. - دىلناز ۋارىسنىڭ تەڭقىسلىقىنى يۇقاتماقچى بولدى.
     -نىمىشقا ئەمدى؟ توي قىلغۇڭ كىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ سىنىڭ؟
    -ھە...ياق...-دىلناز ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئازاپ ئىچىدە تولغاندى.
   - ۋارسجان ، بىز سىلەرنىڭ توي ئىشىڭلارغا قوشۇلغان، لېكىن بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئادەملەر، بىزنىڭمۇ مۇشۇ بىرلا قىزىمىز بار. قىزىمىزنىڭ تويىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا راۋۇرۇس ئۆتكۇزۇپ بەرمىسەك بولماس. «يىگىتى يېزىدىن ئىدى، دىھقاننىڭ بالىسى ئىدى. شۇڭا مۇشۇنچىلىكلا تەييارلىق قىپتۇ » دەپ ئولتۇرساق بىزگىمۇ ، سىزگىمۇ سەت تۇرار...
    -بولدى، بولدى. نىمانداق كاسىلداۋىرىسەن، خۇتۇن خەق دىگەننىڭغۇ ئۆزگەرمىگى بەك تەس ئوخشايدۇ، قېنى مەن ساڭا دىگەن گەپلەر؟ يەنە بۇ قۇلىقىڭدىن كىرىپ ئۇ قۇلىقىڭدىن چىكەتكەن ئوخشىمامدۇ؟... ۋارسجان يىتىشەلمىسە مانا بىز بار. ئىقتىساتدىن قىسىلسا مانا مەن بار. بۇلارنىڭ تويىنى راۋۇرۇس ئۆتكۇزۇپ بەرگۇچىلىكىم بار مىنىڭ. كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ھە بالام. قىزىغا ئامراقلىقىدىن مۇشۇنداق كوتۇلدايدۇ بۇ خۇتۇن.- نازىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا ئارىلىقتىكى كۇڭۇلسىزلىكنى كۆتىرىۋەتتى. پەرىدە خانىم دىگەن گەپلىرىگە خىجىل بولغاندەك بىر تەخسە ئالمىنى كۆتىرىپ كىرىپ ۋارىسنىڭ ئالدىغا قويدى.
    - سەت بولدى ھە. مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىم زە...قېنى ئالما سويغاچ ئولتۇرۇڭ...
    -ئۇنداق دىمىسلە ، مەنمۇ توغرا چۇشۇنىمەن. ھېلىمۇ مەن ئۇچۇن نۇرغۇن ئاتىدارچىلىق قىلىپ كەلدىلە. مىنىڭ بەختىمنى دەپ نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردىلە...مەن ئۆزلىرىنىڭ ياخشلىقلىرىنى قانچە قىلساممۇ قايتۇرۇپ بۇلالمايمەن... -ۋارس خىجىللىق ئىچىدە نازىر ۋە پەرىدە خانىمغىمۇ تىك قارىيالماي ، ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ سۇيۇشقا باشلىدى.
    ئۇلار قانچە ئالدىرىسىمۇ لېكىن يەنىلا نازىر توي ۋاقتىنى بىكىتىپ بەردى.  نازىر توينى باھاردا ئۆتكۇزۇشنى لايىق تاپتى. ئۇ ۋاقىتقىچە ۋارسىنىڭ ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ ، ئازادە بىنا ئۆيدىن بىرنى ھەل قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەم ۋارسىنىڭ ياخشىراق تەييارلىق قىلىۋېلىشىنى، ئاتا-ئانىسىغا كۆپ جاپا سېلىپ قويماسلىقىنى تاپىلىدى.  ئەپسۇس، دىلناز يەنە بىر نەچچە ئاينى قانداق ئۆتكۇزۇش ئىچىدە ئازاپلاندى. توي ئىشى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك تىز بولماي قالدى. ئەمدى ئىستانسا باشلىقىغا قانداق تەدبىر قوللۇنۇش كېرەك؟ ئۇنى قانداق تۇسۇش كېرەك؟ بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟... تۇگىمەس قىيىن سۇئاللار بىچارە دىلنازنىڭ خىروستالدەك قەلبىگە نۇرغۇن قاپقارا داغلارنىڭ سايىلىرىنى تاشلىۋاتاتتى.
    - ۋارسجان. توي ۋاقتىمۇ توختۇلۇپ قالاي دىدى. ئەمدى قۇدىلىرىمىز  بۇسۇغۇمىزدىن «ئەسسالام» دەپ كىرسە بۇلار، ئۇلار بىلەن يۇز كۇرۇشمەي تۇرۇپ توي قىلساق قاملاشماس،- بىردەم بېسىققان پەرىدە خانىمنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى.
     - ھە، مەنمۇ ئويلىغان. ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ تۇردۇم، توي ۋاقتىنى بىكىتىپ خەۋەر قىلماقچى بولغان. ئۇلار پات ئارىدا كەلسۇن ئەمىسە،- ۋارس نىمىگىدۇر قىسىلغاندەك گەپنى تىز-تىز ئاياقلاشتۇردى.
    - بولدى. نىمە دەيدىغانسەن، ئاڭلىسام ۋارسجاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ياشىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە يول يىراق. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر يۇلىلا تويغا كەلسۇن، بۇ يەرگە كىلىپ كىتىشكىمۇ نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر ئۇرۇمچى بەك سۇغۇق...
    -دىگەنلىرىغۇ ئۇرۇنلۇق دادىسى . لېكىن شۇ بۇ بىر قائىدىدە . بىزمۇ يېقىن -يۇرۇق، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا ئۆز يولى بىلەن ئادىمىگەرچىلىك قىلىمىساق سەت تۇرا. باشقىلار «ئاتا-ئانىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ قىزىنى ئەرگە بىرىپتۇ » دەپ گەپ تېىپىپ يۇرمىسۇن دەيمىنا ئەمدى...- پەرىدە خانىم ئۆزىنىڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ سالغىنىدىن ئۇڭايسىزلانغاندەك نازىرغا ئەيمىنىش ئىچىدە قارا قويدى.
     - سەت تۇرسا سەت تۇرمامدۇ. نەدىكى بىمەنە سەپسەتىلەرنى كۆتىرىپ چىقىدىكەنسەن...
    -ياق ، ياق..پەرىدە ئاچامنىڭ دىگىنى ئورۇنلۇق. بىزنىڭ يۇرتتىمۇ  توي ئىشىدا ئوخشاشلا ئالدىن چاي ئىچكۇزىدىغان ، ئادىمىگەرچىلىك قىلىشىدىغان ئىش بار. ئۆيدىكىلەرمۇ ئاز-تۇلا تەييارلىق قىلىپ قويۇپتىكەن. ئۇلارمۇ شۇ مىنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ قالغان. مەن خەۋەر قىلاي...-ۋارس دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئاران شۇنىلا دىيەلىدى. دىمىسمۇ توغرا ئەمەسمۇ؟ نەدىمۇ ئاتا-ئانا سالامغا بارماي توي بولىدىغان ئىش بار، ھېلىغۇ بىر نازىرنىڭ قىزىكەن، نامرات دىھقاننىڭ، تىلەمچىنىڭ قىزى بولسىمۇ ھەممە ئىش يولى بىلەن بولىدۇ دە...ۋارس كۆڭلىدە پەرىدە خانىمنىڭ دىگەنلىرىنى ئۇرۇنلۇق تاپتى.
    دىلنازنىڭ ئۆيىدىن خوشلۇشۇپ چىققان ۋارس ماشىنىغا ئولتۇرماي، ئاپئاق قارلارنى دەسسەپ پىيادىلىكلەر يولىدا ئۇزاق ماڭدى. مۇزدەك سۇغۇقتا قامەتلىك جىسمى سەل توڭغاندەك قىلسىمۇ،    لېكىن ئۇ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ بىردەم بولسىمۇ جىمجىت خىيال سۇرىۋېلىشنى ئويلىدى. قاچان شۇ توي بۇلار؟ قاچان شۇ غەملەر ئاياقلىشار؟ ئاتا-ئانام كەلسە ئۇلارنى بۇ ھەيۋەتلىك قورۇغا قانداق باشلاپ كىرەرمەن؟ يېزىدىن ئاياق ئاتلىمىغان بىچارە ساددا ئاتا-ئانامغا يەنە نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىك ،يۇرەك زىدىسى  تېپىپ بىرەرمەنمۇ؟...دىگەن سۇئاللار يېغىۋاتقان قارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ يۇرىكىگە سىڭىپ كىتىۋاتاتتى. توغرا دۇنيادا نەدە ئازاپسىز خوشاللىق بولسۇن؟ يىغىىسز بەخىت بولسۇن؟ ھەر قانداق بىر ئىرىشش ئۇچۇن نۇرغۇن قۇربانلارنى بىرىشكە ، ئازاپلارغا چىداشقا توغرا كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇلۇپمۇ دىلنازدەك بىر پەرىشتىدەك قىز ئۇچۇن جاپا چىكىشكە، ئەلەم چىكىشكە ئەرزىيدۇ... ئاياق رىتىمىغا قاراپ خىياللار ئىچىدە مېڭىۋاتقان ۋارس تۇيۇقسىزلا  ئۆزىنىڭ تەسەللىسىدىن ئۆزى ئەمىن تاپقاندەك   ئەتراپقا ئاجايىپ ئىشەنچ بىلەن بىر قارىۋېتىپ،  ئىدارىسى تەرەپكە تىز-تىز يۇرۇپ كەتتى...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )