- تىزىملاتقان
- 2014-11-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 205
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
68.33%
|
- ئىش بارمىدى؟- ۋارىسنىڭ گىپى ئېغىزىدىن چىقماي تۇرۇپلا <گالاچ> قىلغان بىر مۇش ئۇنى سىنىپ ئىچىگە قاڭقىتىۋەتتى، سىنىپ ئىچىدە قىييا-چىييا ئاۋاز كۆتىرىلدى. ۋارس ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى ئەكرەمنىڭ زەربە بىلەن ئورۇلغان يەنە بىر مۇشى ئۇنى يەرگە چاپلاپ قويدى. بۇرنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان قەپ-قىزىل قان بىردەمدىلا يۇزلىرىنى بويىدى.
-مانا ئىش دىگەن،- ئەكرەم تېخى ئوڭ سېپىنى تېپىپ بولالمىغان ۋارىسنىڭ بېقىنىغا يەنە 3-4 نى قاتتىق تىپىۋەتتى. ۋارىسنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۇ بېقىنىچە تۇتقىنىچە ، ئاجىز ئىڭراپ تۇگۇلۇپلا قالدى.
سىنىپ ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. ساۋاقداشلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بىردەم ۋارىسقا، بىردەم ئەكرەمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. مەكتەپنىڭ بۇ جىدەلخور نوچىسى ئالدىدا، ھېچبىرسى يۇگۇرۇپ كىلىپ ۋارسىنى يۇلەشكە جۇرئەت قىلالمىدى. ئەكرەم شايكىلىرى بىلەن خۇددى سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنى يەنچىپ چەيلىۋېتىدىغاندەك، بىر-بىرلەپ ۋارىسقا ئوخشاش يەرگە چاپلىتىپ چىقىدىغاندەك شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەلپازدا دىۋەيلەپ تۇراتتى.
- نىمە بولدى؟- مۇرادىل تۇيۇقسىز ناھايىتى يۇرەكلىك بىلەن ئالدىغا چىقتى،- ئەكرەم ئاداش، بۇ ئاغىنەم ساڭا نىمە گۇناھ قىلغان؟ نىمە ئۇچۇن ئۇنى بۇنچە قاتتىق ئورىسەن؟...
- ئىشىڭنى قىلە سويما، سەن كىم ئىدىڭ مىنى سوراق قىلغۇدەك، بىلىپ قوي، ماۋۇ لاتا گۇي مىنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋاپتۇ، بۇ مەكتەپتە مەن گەپ قىلغان قىزلارغا تېخى بىرەرسى كۆزىنى چوڭ ئېچىپ قاراپ باقمىغان. قارىسام تېخى گۇللۇكتە مۇھەببىتىمگە كالىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ...بۇنىڭدىكى قانداق يۇرەك ھە؟ مەندەك بىر نوچىنىڭ ئېشىغا تۇپا چاچقۇدەك بوپتا...شۇڭا ھۇشىغا كەلگەندە دەپ قوي، بۇ مەكتەپتىن چىرايلىق ئۇقۇش پۇتتۇرىمەن دىسە بۇندىن كىيىن كۆتىنى غىت قىسىپ يۇرسۇن. ئەگەر يەنە مۇھەببىتىمنىڭ كەينىدە ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولسام ، جەسىدىنى ئۆزەڭ دەپنە قىلىپ قويىسەن جۇمۇ...
ئەكرەم بىردەم پوپوزا قىلىپ، ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ، ئىشىكنى < جاڭڭىدە> يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بالىلار ئۇلۇمدىن ئامان قالغان ئەسىرلەردەك يىنىككىنە بىرنى تىندى. بىر بۇلۇڭدا تۇگۇلۇپ قالغان بىر قانچە قىز كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۆز-ئارا چىڭ قۇچاقلاشتى...ئەكرەمنىڭ ئاياق تىۋىشى يۇقالغاندىن كىيىن ، ھەممە ساۋاقداشلار ۋارىسنىڭ قېشىغا گۇررىدە ئۇلاشتى. بىرقانچىسى قول ياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ قانلىرىنى سۇرتسە، بىر قانچىسى ئىڭراپ ياتقان ۋارسىنى ئاستا يۇلىدى.
- تىز بۇلۇڭلار ، تىز، مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى...
مۇرادىل دەرھاللا ۋارىسنى ھاپاش قىلدى. ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا تىزلا ياردەملەشتى. ئۇ يۇزلىرىگە يۇقۇۋاتقان، كىيىملىرىگە ئېقىۋاتقان قانغا قارىماستىن، بىر قانچە ساۋاقدىشىنىڭ ھەمرالىقىدا بىچارە دوستىنى كۆتۇرۇپ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى...
ۋارىسنىڭ يارىسى ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ ، لېكىن 1 سائەتكىچە ھۇشسىز ياتتى. يېرىم يۇمۇقلۇق كۆزلىرىدىن توختىماي ياش سىرغىپ تۇراتتى. مۇرادىل دوستىنى دوختۇرغا تەكشۇرتكەندىن كىيىن، 4-5 كۇن ياتاقتا ياتقۇزۇشنىڭ زۇرۇرلىكىنى بىلىپ ئۇنى ياتاققا ئالدۇردى. بىھۇدە تاياق يىگەن ۋىسالسىز ئاشىق دوستىنىڭ يېنىدا بىر كىچە كىرپىك قاقماي ھەمرا بولدى، يۇزىدىكى قان داغلىرىنى تازىلىدى، ئىششىپ كەتكەن يۇزلىرىگە دورا سۇردى. ۋارس ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن نىمىشقىدۇر دوستىنى چىڭ قۇچاقلاپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى.
مۇرادىل ئەتىسى كۆپ ئويلانغاندىن كىيىن، ئەكرەمنىڭ يەنە دىلنازغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جىدەل ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۇچۇن دىلناز بىلەن كۆرۇشتى.
-لۇكچەك، كىم ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بوپتۇ؟ كىم ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپتۇ؟ نىمانداق قالايمىقان سۆزلەپ يۇرىدىغان ئەبلەخ ئۇ؟- چىرايى تاتىرىپ، قۇشۇمىلىرى تۇرۇلۇپ كەتكەپ دىلناز تىترەپ كەتتى،- نىمانداق ئادەمنى باشقىلار ئالدىدا رەسۋا قىلىدۇ؟ نىمە دەپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۇرۇدۇ؟...
- شۇنى دەيمەن، بۇ گۇينىڭ مەكتەپ ئىچىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرى بۇلا ئەمەس، بىھۇدە تىل ھاقارەت ئىشتىپ يۇرگەن ئۇغۇللار، ۋىجدان ئازابى تارتىپ زار-زار يىغلىۋاتقان قىزلار ئاز ئەمەسمىش، ئۇنىمۇ سورايدىغان ئادەم چىقار.-مۇرادىل دىلنازغا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك قۇشۇپ قويدى.
- ۋارىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟
- خۇداغا شۇكرى، ئىچكى ئەزالىرى زەخمىلەنمەپتىكەن، ھازىر خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
- ياخشىلارغا كۇن يوق جاھانمۇ بۇ؟ خۇدا جاجىسىنى بەرگەي ئۇ لۇكچەكنىڭ!
- دىگىنىڭىز كەلسۇن...
مۇرادىل دىلناز بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن دىلناز بىر خىل ئۇكۇنۇش ئىچىدە قالدى، يۇرىكى ئۇنسىز تىترىدى، دەرسمۇ دەرس بولمىدى. ئۇ گەرچە كىتاپ كۆرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ خىيالى ۋارىستا ئىدى. قىزىل گۇلدەك ئېچىلىپلا تۇرىدىغان چىرايىنى غەمكىنلىك، مۇڭ باسقان بولۇپ، كۇلۇپلا تۇرىدىغان بۇلاقتەك كۆزلەرنىڭ جىيەكلىرىدە ياش لىغىرلايتتى. قەلبىنى ئەكرەمگە بولغان ئۆچمەنلىك ، ۋارسقا بولغان ھىسداشلىق بىئارام قىلاتتى. ئۇ بىردەم سۇكۇت ئىچىدە ئويغا پاتقاندىن كىيىن، مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ سىنىپتىن چىقتى.
ئىشىك يىنىك چىكىلىپ، دىلناز قولىدا بىر دەستە گۇلنى كۆتىرىپ ۋارسىنىڭ ياتىقىدا پەيدا بولدى. ئىككى كۆزىنى تۇرۇسقا تىكىپ، چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولغان ، چىرايىدىن مەيۇسلۇك، ئۇكۇنۇش، پۇشايمان، بىچارىلىك...ئىشقىلىپ قانداقتۇر مۇرەككەپ ھىسيات تۇكۇلۇپ تۇرغان ۋارس دىلنازنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى كۆپ-كۆك كۆكىرىپ ، ئېغىز بۇرنى خېلىلا ئىششىپ كەتكەن ئىدى.
-ۋارس، ۋارس...
دىلنازنىڭ يىنىك، يېقىملىق ئاۋازى ۋارىسنىڭ خىيالىنى بۇلىۋەتتى. ۋارس قولىدا بىر دەستە گۇلنى كۆتىرىپ، ئۆزىگە قاراپ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان دىلنازنىڭ سىماسىنى كۆرۇپ ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى، كۆكىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدە خوشاللىق جىلۋىلەندى.
-قېنى كىلىڭ.- ۋارس دىلنازنى كارۋاتقا تەكلىپ قىلدى.-نىمە دەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۇرگەنسىز؟ يا مەن بىر ئېغىر زەخمىلەنمىسەم؟
-نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟ قاراڭ يۇز-كۆزىڭىزگە، تۇنۇمىغۇدەك بولۇپ كىتىپسىز. مىنىڭ كۆڭلۇممۇ بەك يېرىم، مىنى دەپ مۇشۇ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدىڭىزدە، بۇ نىمە كۇن ئەمدى سىزگە؟
- ھېچقىسى يوق، سىز ئۇچۇن تاياق يىيىشكە مەن رازى. لېكىنزە ناھاق يەۋالدىم دە، مەنغۇ ئۇغۇل بالا، لېكىن سىزنىڭ نامىڭىزنى قالايمىقان سېسىتىپ يۇرمىسە بولاتتى.- ۋارس دىلنازنى سىناپ باقماقچى بولغاندەك قەستەن سوراپ قويدى.- ئەكرەم بىلەن راس يۇرىۋاتامسىز يە؟...
-توۋا دەڭا، سىز مىنىڭ گەپلىرىمگە ھازىرغىچە ئىشەنمەيۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ مەن ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل دەپ باقمىغان. ئۇنىڭ مىنىڭ ئارقامدىن يۇرگىنى راس. لېكىن مەن قەتئى رەت قىلىپ كەلدىم. ئۇ لۇكچەك بىلەن يۇرگۇچە بىر ئۆمۇر تەنھا ئۇتۇپ كىتىشكە رازىمەن...- دىلناز سۆزىنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ۋارىسنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ۋارس <مەن ئىشىنىمەن، مەن ھەممىنى بىلىمەن...> دىمەكچى بولدىيۇ، لېكىن تىلىنىڭ ئۇچچىغا كىلىپ قالغان سۆزلىرىنى يۇتۇۋەتتى...
- دىلناز، مىنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت. سىز ھەقىقەتەن ياخشى قىزكەنسىز. مەن سىزنىڭ قۇبۇل قىلىىشڭىزغا ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن سىزنىڭ مۇئامىلىلىرىڭىزدىن ئۆزەمنى بەك بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتىمەن. مەن كۆپ ئويلاندىم، سىز توغرا دەپسىز، مەن زادى ئۆزەمنى تۇنۇشۇم كېرەككەن. ئۆزەمگە تەئەللۇق نەرسىلەرنى قەدىرلىشىم، ئۆزەمگە مەنسۇپ بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كىچىىشنى ئۇگۇنۇشۇم كېرەككەن. بۇنى ئەكرەمنىڭ مۇشلىرىدىنمۇ ھىس قىلىۋاتىمەن، ئۇ مىنى خېلى سەگىتىپ قويدى. مەن چۇقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن. مىنىڭ كىينكى بىر يىللىق نىشانىم ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇش، بۇرۇنقى يۇتتۇرۇپ قويغان ئۇزەمنى تېپىۋېلىش...
ھاياجانلىنىپ سۆزلەۋاتقان ۋارس دىلنازغا قەسەم بېرىۋاتقاندەك مۇشتىنى چىڭ تۇگدى. دىلناز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى جىممىدە ئاڭلىدى، بەزىدە تەستىقلىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. لېكىن شۇ قىسقىغىنا دەمدە يىگىتنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىق رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇنۇش ھەققىدە سەمىمى، دوستانە تەكلىپ بەرگەن دىلنازنىڭ قەلبىدە نىمىشقىدۇر يىنىككىنە تەۋرىنىش بولغاندەك بولدى. ئۇ قانداقتۇر بىر مۇھىم نەرسىسىدىن ئايرىلىۋاتقاندەك ھەسرەت بىلەن ئېغىر تىندى.
بىر ھەپتە داۋالانغاندىن كىيىن ۋارس دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇ بۇرۇنقى كۇيۇك ئازابىنى يەتكۇچە تارتىپ بىھۇش بولغان ۋارسىتىن ناھايىتى جۇشقۇن، ناھايىتى غەيرەتلىك، ناھايىتى تىرىشچان بىر ۋارسقا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۇ ئەكرەمدىن ئۆچ ئېلىشنىمۇ ئويلىمىدى، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە مەلۇممۇ قىلمىدى، ساۋاقداشلىرىغا ھېچقانداق چۇشەنچىمۇ بەرمىدى. ئۇ پەقەت <ھەممە ئۇتۇپ كەتتى، مۇھەببەت، سۇيۇش، دەرت -ھەسرەت ھەممىسى بىر چۇش بۇلۇپ قالدى. مەن بۇگۇن قايتىدىن تۇغۇلدۇم...> دەپلا ئويلىدى. ئازاپ سىڭىپ كەتكەن جىسمىنى پاكلىماقچى، پۇتۇن ھەسرىتىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغاندەك مۇنچىدا ئۇزاقتىن ئۇزاق يۇيۇندى، بارلىق كىيىم-كىچەكلىرىنى ، ماتىرىياللىرىنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتى. ئاشىقلىق ھىسلىرى قىينىغان دەملىرىدە قالدۇرغان كۇڭۇل خاتىرلىرىنى بىر-بىرلەپ يىرتىپ چىقتى. نەچچە ۋاقىت ۋاراقلانمىغان دەرسىلىك كىتاپلىرىنى ۋاراقلاپ، نۇرغۇن كونسىپىكلىرىنى تۇلۇقلىدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۆزگۇرىشىدىن <ئەكرەمنىڭ تايىقى خېلى ئۇتۇپتۇ، قۇپالنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپتۇ، پەرىشتىنىڭ ۋىسالىغا يىتىشتىن ئۇمۇدىنى ئۇزۇپتۇ...> دەپ ئويلاپ قالدى.
دەرس، كىتاپ، تەجرىبە ئىچىگە كىرىشىپلا كەتكەن ۋارىسنىڭ يۇرىكىدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ باردى. ئۇ شۇندىن كىيىن ھېلىقى گۇللۇكتىن مىھرىنى ئۇزدى، دىلنازنىڭ يوللىرىغىمۇ تەلمۇرمىدى، سائەت-سائەتلەپ ئۇنىڭ سىماسىنى ساقلايدىغان، ئاياق تىۋىشىنى تىڭشايدىغان ئۇرۇنمۇ ئەمدى بوش قالدى. پات-پات خىيالىدا كۇلۇمسىرەپ تۇرغان ئىللىق بىر چىراي پەيدا بولغاندا ، كاللىسىنى قاتتىق سىلكىپ ئۇنى يىراق-يىراقلارغا قوغلاپ قوياتتى. بىر قىسىم ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ، تاماقخانىلاردا دىلناز بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغاندا چىرايلىق سالاملىشىپلا قويىدىغان بولدى. يۇرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئۇنى تارتىشىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ سىھىرلىك كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى مەجبۇرى ئېلىپ قاچتى. ئۇ پۇتۇن زىھنىنى پەقەت بىر نىشان ئۇچۇن ئاتىدى. ئاتا-ئانا ئەجرىنى قايتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆز يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش...ئۇ ئاخىرى شۇ نىشاننى توغرا تاپتى. شۇنداق قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاللاھ ئۆز رىسقى، ئۆز جۇپتى بىلەن يارىتىدۇ ئەمەسمۇ، شۇ يېزىدا ئاتا-ئانا رازىلىقى ئاستىدا چۇقۇم بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ، پەرزەنتلىك بولىدۇ، سەھرا تۇرمۇشىغا قايتىدىن سىڭىپ كىتىدۇ. مانا بۇ رىئاللىق ، مانا بۇ قانۇنىيەت. بەخت شۇ يۇرتىدىمۇ، شۇ مەھەللىسىدىمۇ، شۇ يېزا قىزلىرىنىڭ مىھرىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت...
يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۇگۇنۇش، ئىزدىنىش ئىچىدە تىزلا ئۇتۇپ كەتتى. ئەمما كىم بىلسۇن ؟ ھەممە نەرسىگە ئاقىلانىلىق بىلەن جاۋاپ بىرىشكە ھىرىسمەن، سۆيگۇ ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا، مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدىن خالى گۇزەل پەرىشتىنىڭ خىيالىدا بىر ساددا يىگىتنىڭ سىماسى ئورناپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلىپ بىلمەي ساۋاقداشلار ئارىسىدىن ۋارىسنى، ئۇنىڭ كىلىشكەن قامىتىنى، ئۇلىما قاشلار ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرىنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ تۇيغۇلىرىدىن ھەيران ئىدى. ئۇ پات-پات ئىنگىلىز تىلى ئۇقۇشلۇقىنى كۆتىرىپ، پۇتۇن زىھنى بىلەن بىرىلىپ ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان ۋارسىنى ئۇچرىتىپ قالغاندا يۇرىكىنىڭ تىز-تىز سۇقۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىر كۇچنىڭ ئۇنى شۇ تەرەپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلدى. ئۆيگە قايتقاندا ۋارسىنىڭ ھېلىقى خېتىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئۇقۇيدىغان، شۇ خەتلەر ئىچىدىن بەخىتىنىڭ، گۇزەل ئىستىقبالنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالدى. بۇ نىمە ؟ بۇ مۇھەببەتمۇ؟ بۇ ياخشى كۆرۇشمۇ؟ ...ياق، ياق...بۇ دىگەن بىر خىل قىزىقىش، بىر خىل ھۆرمەت، بىر خىل ھىسداشلىق، دوسلۇق...ھەممىسى ساراڭ خىيال، ھەممىسى شەيتان...ئۇ ئۆز ھىسياتىغا مانا مۇشۇنداق جاۋاپ بىرىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۆزىنى ئۆزى بۇ ھىسياتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولاتتى...
دىلناز يۇقارقىدەك ئىزگۇ ۋىسال ئىچىدە، ئۆزىدىكى چۇشۇنۇكسىز، مۇرەككەپ خىياللارنى تەھلىل قىلغاچ، جەنۇپلۇق ساۋاقدىشى، ياتاقدىشى سەلىمەنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇندىن شوخ، تىتىك، تىرىشچان، ھەر قانداق پائالىيەتتە لەرزان ئۇسۇللىرى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان بۇ قىز يېقىندىن بىرى تۇلىمۇ كەمسۆز، ھۇرۇن بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. مەيلى سىنىپتا بولسۇن، مەيلى ياتاقتا بولسۇن، باشقىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئارلاشماي، سورالغان سۇئاللارغا سۇغۇقلا جاۋاپ بىرىپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارغا غەرق بولاتتى. بەزىدە ئېغىر ئۇھسىنىپ قوياتتى. ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار بۇ قىزغا ئىزچىل ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقاچقىمىكىن، سەلىمە باشقا قىزلارغا قارىغاندا دىلنازنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنى يۇلەنچۇكى ، سىردىشى بىلەتتى. دىلناز ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم سەلىمەنىڭ ياتاقتا، گۇللۇكلەردە كۆزلىرىدە لىق ياش ئولتۇرغىنىنى، بېشىنى كىتاپقا قويۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۇرگۇنىنى كۆرۇپ تۇردى. كۇڭۇل بۇلۇپ كۆپ قېتىم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى . لېكىن سەلىمە <ئاتا-ئانامنىڭ مىجەزى يوقكەن، كىسەلچان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا كۆڭلۇم يېرىم > دەپلا جاۋاپ بەردى. دىلناز يەنىلا بۇ دوستىنىڭ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر يۇشۇرۇن سىرنىڭ ، ئېغىر دەرتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى، ئۇ بۇ قىزنىمۇ كۇيۇك ئوتىدا سەرسان بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.
شەنبە كۇنى دىلناز ئاۋالقىدەكلا ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كۇتۇپ تۇرغان دادىسىنى ساقلاتماسلىق ئۇچۇن ، نەرسە-كېرەكلىرىنى تىز-تىز يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى. شۇ ۋاقىتتا يوتقانغا پۇركۇلۇپ جىمجىت ياتقان سەلىمە تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى.
- دىلناز، بۇگۇن مىنىمۇ ئۇيۇڭگە بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بوپتىكەن. كۆڭلۇم بەك يېرىم...
دىلناز سەلىمەنىڭ چىرايىغا سەپ سالدى. يۇزلىرىنى قارا داغ قاپلاپ، بىر ئاز سەمىرىپ قالغان سەلىمەنىڭ چىرايى شۇ قەدەر غەمكىن بۇلۇپ، كۆزىدە لىق ياش تۇراتتى.
- ئەلبەتتە بولىدۇ دوستۇم، مەنمۇ ئۆيدە زىرىكىپ قالىمەن، بىرگە بارايلى، ئاتا-ئاناممۇ خوش بۇلىدۇ سەندىن....
-رەخمەت،- سەلىمە ئاستا كارۋاتتىن چۇشۇپ دىلنازنى قۇچاقلىدى،- رەخمەت، سەن نىمە دىگەن ياخشى...
سەلىمەنىڭ تىترەڭگۇ ئاۋازى دىلنازنىڭ تىنىنى جىغغىدە قىلدى، يۇرىكى مۇجۇلدى، بىر ئاچچىق تەم بۇغۇزىدا قەپقالدى. سەلىمە شۇ تۇرقىدا دىلنازنى قۇچاقلاپ <ۋاررىدە > يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.
- ماڭايلى، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما، مەندەك دوستۇڭ تۇرسا نىمە دەپ كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلىسەن؟ ھەر قانداق ئىش بولسا مانا مەن <جان دەپ > ياردەم بىرىمەن دوستۇم...
دىلناز سەلىمەنى قولتۇقلاپ ياتاقتىن چىقتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار ھۇكۇم سۇرەتتى. بۇ مۇرەككەپ ھايات مۇساپىسىدە ئادەم نىمە ئۇچۇن ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ ئازاپ نىمە ئۇچۇن دائىم ياخشىلارغا ھەمرا بولىدۇ؟ ئۇڭۇشسىزلىق نىمە ئۇچۇن ئاجىزلارنىڭلا قېشىدا بار؟ پەسكەش، ھىلىگەر ئادەملەر نىمە ئۇچۇن خوشاللىق ئىچىدە ياشايدۇ؟ بۇ دوستۇم نىمە ئۇچۇن يىغلايدۇ؟ يوقسۇزلۇق، قىيىنچىلىق ئۇنى مۇشۇنداق بىئارام قىلامدۇ؟ ياكى ئاشىقلىق ئۇنى مۇشۇنداق چۇشكۇنلەشتۇرىۋەتكەنمىدۇ؟ ۋىسالغا يىتەلمىگەن مۇھەببەت مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ...ئۇ دوستىغا مىھرىنى يەتكۇزمەكچى، ئۇنى ئىللىتماقچى، ئۇنىڭ ئازابىغا ھەمدەم بولماقچى بولغاندەك سەلىمەنىڭ قوللىرىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتى. ئەپسۇس، دىلناز بۇنداق قۇچاقلاشنىڭ، بۇنداق مىھرىبانلىقنىڭ ، بۇنداق دوسلۇقنىڭ پەقەت ۋاقىتلىقلا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى.
ئۇلار دەرۋازا تەرەپكە كىتىۋېتىپ گۇللۇك بويىدا ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئەكرەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ھەر ئىىككى قىزنىڭ يۇرىكى <قارت>لا قىلدى. ھەر ئىككى قىز تۇيۇقسىز قاتتىق ئەندىكتى. كۆزلىرىنى دەرھاللا ئەكرەمنىڭ قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىدىن ئەپقاچتى. شۇ دەم دىلناز ئەكرەمنى نەزىرىگە ئالماسلىققا تىرىشىپ مەغرۇرانە مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، سەلىمەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ خۇددى يولۋاس ئالدىدىكى مۇشۇكتەك لاغ-لاغ تىترىدى، ئەكرەم ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنى دىلنازنىڭ قولىدىن يۇلۇپلا كىتىدىغاندەك ، ئۇنى يالماپ-يالماپ يۇتىۋېتىدىغاندەك دىلنازنىڭ قولىغا تېخىمۇ چىڭ چاپلاشتى...
سەلىمە دىلنازنىڭ ھەشەمەتلىك ، ئارامبەخش ئۆيىگە كىلىپ، ئىسىل نازۇ-نىمەتلەرنى تېتىپ، نازىر ۋە خانىمىنىڭ ئىللىق قارشى ئېلىشىغا ئىرىشىپ كۆڭلى خېلى كۆتىرىلىپ قالدى. چىرايىدىكى خاپىلىق ۋە مۇڭلىرى بىردەملىك نەلەرگىدۇر يۇقالدى. ئۇ دىلنازنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئالى، بەخىتلىك تۇرمۇشىنىڭ شىرىن خىياللىرىنى سۇرۇپ باقتى. لېكىن خىياللىرى بىر يەرگە كەلگەندە كۆڭلى يەنە لەسسىدە بولدى. ئۆزىنى ئېغىر بىر قىسمەت ، تەنھالىق، ئازاپ، كۇلپەت ساقلاپ تۇرغاندەك يۇرىكى يەنە ئىزىلدى. قانلىق ياشلىرى چاناقلىرىغا لىققىدە تولدى. ئىككى قىز كەچلىك تاماقتىن كىيىن، دىلنازنىڭ ياسىداق ھوجرىسىغا چىقتى. دىلناز سەلىمەنىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشىماقچى بولغاندەك لىرىك مۇزىكا لىنتىسىدىن بىرنى قويدى.
-ئەجەپ بەخىتلىكتە سەن،- سەلىمە دىلنازنىڭ نەقىشلىك يۇمشاق كارۋىتىغا چىقىپ، ياستۇقنى چىڭ قۇچاقلىدى.-تۇرمۇش ئاجايىپ ھە، ئىككى خىل دۇنيا، ئىككى خىل تۇرمۇش ، ئىككى خىل ئادەم، مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىسىل ئۆيلۇرۇم، بەخىتلىك تۇرمۇشۇم، مەنىلىك كۇنلۇرۇم بۇلارمۇ ھە ؟
- كىم بولمايدۇ دەيدۇ؟ چۇقۇم بولىدۇ، سەن چۇقۇم بەختىڭنى تاپىسەن، گۇزەل چىرايىڭ بار، سەنئەت تالانتىڭ بار، ئۇقۇشتىمۇ يامان ئەمەس، چۇقۇم كەلگۇسىدە ياخشى بىر يىگىتكە ئۇچرۇشۇپ بەخىتلىك بولىسەن، باي-گاداي بۇلۇشىڭ بەرىبىر، بەخىتنى ھەقىقى ھىس قىلساڭ، ئۇ ھەممە يەردە ئوخشاشلا مەۋجۇت.
- ئۇ كۇنلەر كەلمەسكە كەتتى. مەن ئۇنى ئۇزەم يۇقاتتىم، ئۆزەم قۇربان قىلدىم،- سەلىمە كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى. ياشلىرىنى، ئېغىزىدىن تىزلا چىقىپ كەتكەن سۆزلىرىنى دىلنازدىن يۇشۇرماقچى بولغاندەك ياستۇققا يۇزىنى چىڭ ياقتى. ياقتىيۇ تۇيۇقسىز بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-نىمە بولدى سەلىمە، نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟ نىمىشقا كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلىسەن؟ سەن يىغلىساڭ قەتئى ياراشمايدىكەن، سىنىڭ شوخلۇقۇڭ، سۆزمەنلىكىڭ نەگە كەتتى سەلىمە؟...
دىلنازنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى . سەلىمە يەنە بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى.
- توغرا، سەندە بىر ھەسرەت بار، بىر ئازاپ بار. مەن بۇنى بۇرۇنلا ھىس قىلغان، سىنىڭ كەيپىياتىڭغا ، سىنىپ ۋە ياتاقتىكى تۇرمۇشىڭغا، سەندىكى ئۆزگۇرۇشلەرگە قاراپ ھىس قىلغان، لېكىن سەن ماڭا <ئاتا-ئانام كىسەل> دەپ يالغان ئېيتتىڭ. بولدى بۇنداق ئازاپلىنىۋەرمە، ھەممە دەردىڭنى ئىچىڭگە ئېلىۋەرسەڭ تۇگۇشۇپ كىتىسەن. مىنى ھەقىقى دوستۇڭ دەپ قارىساڭ دەردىڭنى ماڭا ئېيت. ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچلىق بولسا دادام ھەل قىلىپ بەرسۇن، بىرەرسىنى ياخشى كۇرۇپ قالغان بولساڭ ، مانا مەن يول ماڭاي، كۆرۇشەي، قەلبىڭنى يەتكۇزەي. قېنى دوستۇم، ماڭا سىرىڭنى بەر...-دىلناز ئاستا كىلىپ ياستۇققا دۇم يېتىپ يىغلىۋاتقان سەلىمەنىڭ ئىڭىكىنى بوشقىنا يۇلىدى. سەلىمەنىڭ قىزرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئالەمچە مۇڭ تۇكۇلۇپ تۇراتتى.
- دىلناز، جان دوستۇم، مەن دەردىمنى كىمگە تۇكەي، بۇ ئازاپلىق قىسمەتلەرنى كىملەرگە جار سالاي؟...مەن تەتۇر پىشانە، مەن بەختسىز. ئاتا-ئانامنىڭ ئەجر-جاپاسى، ئۇمۇت-ئارزۇلىرى ئالدىدا مەن مەڭگۇ تۇزكور، مەڭگۇ لەنەت ئىگىسى...
دىلناز كۆزلىرىنى يۇغان ئېچى تۇرۇپلا قالدى. كۆڭلىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە ئاچچىق قىسمەتنىڭ ئازاپلىق نىدالىرى كەلدى، كۆڭلى بىر مۇدھىش خىيالدىن تۇيۇقسىز ئەندىكتى.
-نىمە دەيسەن؟ بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ خالىساڭ تەپسىلى دىگىنە، مەن گاڭگىراپلا قالدىم.
سەلىمە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋاتتىن چۇشتى. ئۇ شۇ قەدەر ھالسىز، شۇ قەدەر چۇشكۇن، شۇ قەدەر بىچارە ئىدى.ئۇ بۇگۇن پىنھان سىرلىرىنى، ئۇنى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئازاپلاپ كەلگەن بارلىق دەردىنى بۇ دىلكەش دوستىغا تۇكۇش ئالدىدا تۇراتتى.
- قارا، ماڭا قارا، مىنىڭ تۇرقۇمغا قارا، مەندىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى ھىس قىلمىدىڭما؟ بىلەمسەن، مىنىڭ بۇيۇمدا بار، بۇيۇمدا بار...
دىلناز چۇچۇپ كارۋاتتىن لەسسىدە قۇپۇپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدا كۆرۇپ باقمىغان يېڭى بىر شەيئىگە يۇلۇققاندەك ھەيرانلىق، ئېچىنىش، ھىسداشلىق ئىچىدە سەلىمەگە سەپ سالدى. راست، يۇزىدىكى داغلار، سەمرىۋاتقان بەدەن، چۇشكىچە ئۇخلاش، ھۇرۇنلۇق، چۇشكۇنلۇك، ئاندا-ساندا كۆڭلى ئاينىش...ئۇھ، دىلناز بىردەم سەلىمەنىڭ چىرايىغا، بىردەم ئۇنىڭ قورسىقىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. دىلنازنىڭ كۆزىگە سەلىمەنىڭ قورسىقى خۇددى مىدىرلىۋاتقاندەك كۆرۇنۇپ كىتىۋاتاتتى.
-راسما؟ يەنە بىر دىگىنە راسما؟
-راس، 2 ئايدىن ئاشتى، شۇ كۇندىن بۇيان يۇرۇگۇم سۇ مىنىڭ. كۇڭۇلنىڭ كەينىگە كىردىم، پۇلنىڭ كەينىگە كىردىم. ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭ، باي-باياشاتلىقنىڭ كەينىگە كىردىم، ئىپلاس شەيتاننىڭ كەينىگە كىردىم...مەن دىگەن شور پىشانە، بىتەلەي...مانا بۇ مىنىڭ كۇنۇم. مەن ھازىر ئۇقۇغۇچىمۇ ياكى پاھىشىمۇ؟ بالىمۇ ياكى ئانىمۇ؟ ...بۇنىڭغا ئۆزەممۇ جاۋاپ بىرەلمەيمەن...
سەلىمە پۇتلىرىدا قىلچە ماغدۇر قالمىغاندەك تۇرغان ئورنىغا لەسسىدە چۇشتى. ئۇ توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرىنىمۇ سۇرتمىدى، چۇۋۇلغان چاچلىرىنىمۇ رەتلىمىدى. بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. دىلنازنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ نىمە دىيىشى كېرەك؟ نىمە دەپ تەسەللى بىرىش كېرەك؟ بۇ ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا دادىسىمۇ ياردەم بىرەلمەيدۇ، ئۆزىمۇ ياردەم بىرەلمەيدۇ. سەلىمە ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ بەختىنى يۇقاتقان، ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ، پاكلىق ئىچىدىكى شاھلىق تەختىنى يۇقاتقان. ئۇنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ساقايماس يارا قالدى. بۇ يارا ھەر قانچە داۋا قىلسىمۇ ساقايمايدۇ. مەڭگۇ يۇيۇلماس قارا داغ قالدى، بۇ داغ تىنچ ئۆكياننىڭ سۇيىدە نەچچە يىل يۇيۇلسىمۇ پاكلانمايدۇ، ئۇ بىر ئۆمۇر سەلىمەگە ھەمرا بولىدۇ، ھەر كىچە ئۇنىڭغا قورقۇنۇچلۇق چۇش بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت بېسىم بولىدۇ. يەنە كىلىپ بۇ داغ- كەلگۇسىدە بىر ھالال يىگىتنىڭ غۇرۇرىنى ئۆلتۇرىدۇ. ئىززىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ئۇنىمۇ مۇشۇنداق ئۆمۇرلۇك پۇشايمەن، ئازاپقا مۇپتىلا قىلىدۇ...دىلناز شۇ تاپ پاكلىقنىڭ قەدرىنى ھەقىقى ھىس قىلغاندەك بولدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر بۇنچىلىك تەپسىلى ئويلۇنۇپ باقمىغان، قىز ھىكمىتىنى بۇنچىلىك روشەن تەھلىل قىلىپ باقمىغان ئىدى.
-قېنى دىگىنە، سىنى كىم مۇشۇنداق يولغا مەجبۇرلىدى؟ كىم سىنى ئازدۇرغان؟ قورسۇقىڭدىكى بالىنىڭ ئاتىسى كىم؟
سەلىمە يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى دىلنازغا ئاستا ئاغدۇردى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقى بەكمۇ بىچارە، بەكمۇ مىسكىن كۆرۇنەتتى.
- بۇنى دىسەم ھەيران قالسەن؟ مەن ئۇنىڭ ئالا كۆڭۇل، ئۇيۇنچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ قىمسەتكە ئىرىشتىم. ساڭا ۋە باشقا قىزلارغا نەچچە رەت <يالغان ئاشىق> بولغىنىنى، تالاي سۆيگۇ خەتلىرىنى يازغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇقىسمەتكە ئىرىشتىم. مەن يالغان ۋەدىلەرنىڭ ، ساختا سۇيۇشلەرنىڭ قۇربانى بولدۇم.
-دىگىنە ئادەمنى جىددىلەشتۇرمەي، ئۇ زادى كىم؟
- ئەكرەم، تەنتەربىيە فاكولىتىتىدىكى مۇدىرنىڭ ئوغلى ئەكرەم.
-نىمە؟ ...-دىلناز ئۆزىنىڭ باماقلىرىنى قانداق چىشلەپ سالغىنىنى بىلمەي قالدى،- توۋا، بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ ئاشۇ لۇكچەك، ساختىپەزما؟؟؟
-ئۇ ماڭىمۇ خەت يازغان. مەن باشقىلارنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ شۇنچە مەخپى تۇتۇپ كەلدىم .ئۇنىڭ دىيىشىچە بىر قېتىملىق پائالىيەتتە مەن ئۇسۇل ئوينىغاندا مىنىڭ ئۇسۇلۇمغا، گۇزەل ھۆسنۇمگە ئاشىق بۇلۇپ قاپتىكەن.- سەلىمە ئۇھسىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. - ئارىلىقتا مىنى نەچچە رەت سىرتقا تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۆزەڭ بىلىسەن، مەن يېزىدىن كەلگەن، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىم بار، ئۆزەممۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ۋاي دەپكۇدەك قىز ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى، مەكتەپنىڭ ئەڭ نوچى يىگىتى تەكلىپ قىلىۋاتسا مەن چىقمامدىم؟ شۇ ۋاقىتتا مەن خاتا ئويلاپتىكەنمەن، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشقاندەك، باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدىغاندەك، مەندىن زوقلىنىدىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. بىز 4-5 قېتىم بىرگە تاماق يىدۇق. نىمىشقىدۇر بىلمەيمەن. ئۇ دائىم مىنى سىرتقىلا تەكلىپ قىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدە پەقەت ئىزدىمەيتتى. لېكىن مەن ئېغىر ئالمىدىم، "مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولغاندىكىن تەسىرىنى ئويلىغاندۇ" دىدىم. قىزلار بىلەن كۆرسەم" پاراڭلىشىۋاتقاندۇ" دىدىم، دىمەك مەن بىلىپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزەمنى ئالدىدىم. سەن بىلمەيسەن، نۇرغۇن شەنبە-يەكشەنبە كۇنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن سىرتلاردا ، باغچىلاردا ، دىسكو-تانسىخانلاردا ئۆتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىنى دىگەن ۋاقتىدا مىنىڭ قانچىلىك سۇيۇنۇپ كەتكەنلىكىمنى سەن تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن، ئۇ مىنى ئۇرۇمچىدە ئېلىپ قالىدىغانلىقىنى، خىزمەتنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەن بىلەن توي قىلىپ بىر ئۆمۇر بىرگە ئۆتىدىغانلىقىنى، مەن ئۇچۇن مەڭگۇ سادىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. مەن مەس بولدۇم، ئويلاپ باق، بۇ ماڭا كەلگەن ئامەت ئەمەسمۇ؟ نامرات ، سەھرا ئۇقۇغۇچىسىنىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى ئەمەسمۇ؟...ئۇ تېخى ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە مىنى ئاتا-ئانىسى ئالدىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى دىدى. راست، مەن ئىشەندىم، مەن پۇتۇنلەي ئىشەندىم...ئارىدا ماڭا ھەر ئۇچرىشىشتا پۇل بىرىپ تۇردى، كەم نەرسىلىرىمنى ئۇنۇمىغىنىمغا ئۇنىماي ئېلىپ بەردى. ئۇ بەك پۇلدار، بەك مەرت ئىدى...-سەلىمە بىر پەس سۇكۇتكە چۆمدى. ئۇ شۇتاپ شۇ گۇزەل مىنۇتلارنى، بەختىيار چاغلىرىنى ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى.- ئەپسۇس، مەن بەك ساددا ئىكەنمەن دىلناز، بەك ساددا ئىكەنمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلتاق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ نادان قىزلارنى ئىلمەككە ئىلىشتىكى قىلتاقكەن. ...مەن بۇنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم. ئىسىڭدىمۇ دىلناز، مەن بىر كۇنلۇكتە ياتاققا قايتىمىغان كۇن، سىلەرنى بىر كىچە ئۇيقۇسىز قالدۇرغان، بىئارام قىلغان كۇن...سىلەرگە مەن يالغان ئېيتىپ باشقا مەكتەپتىكى بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم قېشىدا قونۇپ قالدىم دىگەن ئىدىم. دەل شۇ كۇن -مەن ئەڭ ئەزىز نەرسەمدىن ئايرىلغان، بەختىمدىن ئايرىلغان....- سەلىمەنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن يەنە مونچاق-مونچاق ياشلار سىرغىشقا باشلىدى، ئاۋازى بۇغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ چىقاتتى.- ئۇ كۇنى ئەكرەم مىنى يەنە چاقىرتىپتۇ، مەن كەچلىك تەكرارنىمۇ تاشلاپ خوشال ھالدا ئۇنىڭ بىلەن دىسكۇخانىغا باردىم، مەن شۇ دەم ھەممىدىن مۇستەسنا ئىدىم. ئېڭىمدا خوشاللىق، بەخىت، سۆيگۇ... شۇلارلا بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام ئۆزەمنى شۇ قەدەر بەخىتلىك سانايتتىم. سىنىپتىكى ، ياتاقتىكى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۇقۇشقىلا بەنت بولۇپ كەتكەن قىزلارنى بىچارە ، بەخىتىسز، تۇلىمۇ تەنھا ھىس قىلاتتىم. شۇ كۇنى نىمە ئۇچۇن ئۇ تەڭلىگەن قىزىل ھاراقنى ئىچكەن بولغۇيتتىم؟ نىمە ئۇچۇن <كۆڭلۇم> دەپ تۇرىۋالسا رەت قىلمىغان بولغۇيتتىم؟ نىمە ئۇچۇن يېزىدىكى مەندىن زور ئۇمۇتلەرنى كۇتكەن ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ھەدىلىرىمنى ئويلىمىغان بولغۇيتتىم. بەك ئەپسۇسلىنىمەن دىلناز، بەك ئەپسۇسلىنىمەن. مەن بەخىت دەپ ھىس قىلغان نەرسە ئەسلى مىنىڭ دوۋزاخ يۇلۇمكەن ئەمەسمۇ؟ مەھشەرگاھتىكى قىلىچتىن ئىتتىك، قىلدىن ئىنچىكە پىلسىرات كۆۋرۇكى قىزنىڭ ئىپپىتىگە نىمە دىگەن ئوخشىغان ھە، سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ، سەللا ئېزىقساڭ، دەقىقە ئىچىدە ئوت دېڭىزىغا غەرق بولىدىكەنسەن...- سەلىمە سۆزىنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدى،ھاسىرىغىنىچە يەنە بىر قېتىم ئۆكسۇپ -ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى...
سەلىمەنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئاڭلاپ دىلنازنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ پەقەت <بولدى يىغلىما، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما...> دىگەن تەسەللىنىلا بىرەلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ نىمە دەيدۇ؟ < سەن خاتا قىپسەن، ئېزىپسەن، نىمىشقا شۇنداق قىلغان بولغىيتتىڭ> دىسىنمۇ؟ ..ياكى<سەن بۇ مەكتەپكە نىمە ئۇچۇن كەلگەن؟ نىمە ئۇچۇن ئىستىقبالىڭنى ئويلۇمۇدۇڭ؟ نىمە ئۇچۇن ئادەم چىقمىغاندەك ئاشۇ ئەبلەخ بىلەن ئارلىشىپ يۇردۇڭ؟> دىسىنمۇ؟ ...ئۇ پەقەت دوستىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇپ، يىغىسىغا يىغا بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاچچىق ياشتىن نەمدەلگەن يۇزلىرىنى يۇزلىرىگە چىڭ يېقىپ يىغلىدى. كۆڭلىدە ئەكرەمگە قاتتىق نەپرەتلەندى. ئۇنىڭ ساختىپەزلىكىگە، ئالدامچىلىقىغا، رەزىللىكىگە نەپرەتلەندى. قايىرى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىغا ئوخشايدۇ ئۇ گۇينىڭ؟ بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇدىرى دىگەنمۇ پەرزەنتىنى مۇشۇنداق لۇكچەك تەربىيەلەمدۇ؟ مۇدىر ئەپەندى ئوغلىنىڭ مەكتەپتە قىلىپ يۇرىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلمەي يۇرەمدىكىنە؟ نىمە ئۇچۇن بىر دادا بولغاندىكىن بالىسىنىڭ سىنىپتىكى ئۇقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرمايدۇ؟ ياكى خوشامەتچى، ۋىجدانسىز ئۇقۇتقۇچىلىرى ئەيىپلىرىنى يۇشۇرۇپ ، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇپ يۇرەمدىغاندۇ ھە؟ ...ئۇ شۇ خىياللاردىن كىيىن سەلىمەدىن سورىدى:
- قېنى دىگىنە ، ئەكرەم بۇ ئەھۋالنى ئۇقامدۇ؟
- ئۇقۇدۇ. شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن . مىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىنى، مىنى يەنە ئاۋالقىدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئيېتقان. ماڭا بەك كۇيۇنگەن. لېكىن قورسۇقۇمدا قالغانلىقىنى ئۇققاندىن كىيىن ئۆزگۇرۇپ قالدى.
-قانداق ئۆزگەردى؟
-قانداق ئۆزگۇرەتتى، بېشىدا مىنى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ دەپ قارىدى. كىيىن مەن راستىنلا بويۇمدا قالغانلىقىنى قايتا-قايتا دىگەندىن كىيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىۋالدى. ماڭا < بۇ ئىشنى ھېچقانداق ئادەمگە دىگۇچى بولما. قانداق قىلساڭ قىلىپ دەرھال بۇ ئىشنى يۇغۇشتۇر، بالىنى چۇشۇرىۋەت...مەن بىلەن داۋاملىق بىرگە ئۇتۇشنى ئويلىساڭ، كىيىنكى ئىستىقبالىڭنى ئويلىساڭ گىپىمنى ئاڭلا...ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئىشلارنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام سىنى ئۆلتۇرۇپ ئۆزەمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن..> دەپ تەھدىت سالدى. يەنە بالىنى ئالدۇرىۋېتىش ئۇچۇن ماڭا 500 يۇەن پۇل بەردى.
-كىيىنچۇ؟- دىلناز جىددىلىشىپ سورىدى.
-كىيىن، كىيىن...ئۇ بالىنىڭ ئىشىنى سورىۋىدى. مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ < چۇشۇرىۋەتتىم> دىدىم. شۇ گىپىمدىن كىيىن، ئۇ ماڭا يەنە نەچچە قېتىم زورلۇق قىلىشقا ئورۇندى. لېكىن مەن قەتئى قۇشۇلمۇدۇم. كىيىن ئۇ مىنى تاتلىق گەپلەر بىلەن ئالداشقا باشلىدىغاندا ئۇنى چۇشەنگەندەك بولدۇم، ئۇ پەقەت مىنى قونچاق ئورنىدا ئۇيۇنچۇقى قىلىشنى ئويلاپتىكەن . ئويلاپ باق، مەن بىرىنچى خاتالىقنى ئۆتكۇزدۇم، ئەمدى قايتىلاپ خاتالىق ئۆتكۇزسەم مىنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن. ئۇ مىنى قايەردە يالغۇز كۆرسە شۇ يەردە تەھدىت سالىدىغان بولىۋالدى. مەن بىلىمەن، ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن مىنى كونا پايپاقنى تاشلىغاندەك چۆرۇپ تاشلايدۇ. مىنى تۇنۇمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن قېچىپلا يۇردۇم. بايام مەكتەپتە ئۇچرىتىپ قالغاندا سەن ھىس قىلمىدىڭ، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم... ماڭا قارا دىلناز. مەن ئەمدى كىمدىن نەپرەتلىنەي؟ كىمدىن ئاغرىناي؟... مەن پەقەت ئۆزەمدىن نەپرەتلەندىم، ئۆزەمنىڭ ئازغۇنلىقىدىن نەپرەتلەندىم. ئۇنىڭ ئەسلى ئەپتى-بەشىرى مۇشۇنداقكەن ئەمەسمۇ؟
-ھۇ ساختىپەز ئەبلەخ. ئادەم ئەمەس بىر نىمىكەنغۇ ئۇ.- دىلناز ئورنىدىن قۇپۇپ كەتتى.
-كونىلارنىڭ < كۇڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۇڭۇل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەرقەنت ئالمىسدەك ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ> دىگەن گىپى راستىنلا توغرا ئىكەن دىلناز. ئەمدى بۇلىدىغان ئىش بولدى. بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ. مەن ھازىر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتامدىمەن ياكى تۇرمىدە يېتىۋاتامدىمەن بۇنىڭغا ئۆزەممۇ جاۋاپ بىرەلمەيدىغان ئەھۋالدا قالدىم.
-خوش ، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟ ئەكرەمنىڭ ئۇستىدىن ئەرىز قىلامسەن؟
دىلنازنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، سەلىمە چۇچۇپ كەتتى.
-يا...ق...ياق... توۋا دىگىنە. ئەرىز قىلمايمەن...بۇ سەتچىلىكنى پۇتۇن مەكتەپكە يايامدىم. ئۇقۇش پۇتتۇرۇشكە ئازلا ۋاقىت قالغان تۇرسا، مەكتەپ بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا مىنى ئۇقۇشتىن چىكىندۇرمەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۆلۇۋالغىنىم ياخشى.
-ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟ قورسۇقۇڭ مۇشۇ پېتى تۇرىۋەرمەس، بۇنداق بىر قارارغا كىلەلمەي يۇرىۋەرسەڭ، ھەممە ئەھۋالنى كىيىنچە قورسۇقۇڭ ئۆزى ئاشكارا قىلىپ قويمىسۇن...
سەلىمە دىلنازنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قورسىقىنى ئاستا سىلاپ قويدى. خۇدا بۇ ئازغۇن ، بىتەلەي بەندىسىگە ئانا مىھرىنى سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
- مىنىڭ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ كەتتى ئاداش، بۇنداق ئىشنى باشقىلارغا خالىغانچە دىيىشكە بولمىغاندىكىن ھېچكىمدىن مەسلىھەتمۇ ئالالمىدىم، ساڭىمۇ نۇرغۇن قېتىم دىيىشنى ئويلۇدۇم، لېكىن يالتايدىم. بۇگۇن كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى. ياتاقتا يەنە يالغۇز قېلىشتىن بەك قورقتۇم. بۇ ئىشنى پەقەت ۋە پەقەت بىر ساڭىلا دىدىم. بۇنى بىر خۇدا، ئەكرەم ۋە سەندىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلمەيدۇ. ساڭا بۇلارنى دەپ خېلى يىنىكلەپ قېلىۋاتىمەن . ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭ بوپتىكەن. سەنلا ماڭا ياخشى يول كۆرسۇتۇپ بىرەلەيسەن.
-مەن بۇنداق ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم ئۇچرۇشۇم، مىنىڭ كاللامدا ھازىر ھېچقانداق ئىنكاس يوق . شۇڭا ھەر ئىككىمىز ئوبدان ئويلىنايلى. بولدى سەلىمە، سەنمۇ بەك چارچاپ كەتتىڭ ، ئەسلىدە ياخشى ئارام ئالىدىغان ۋاقىتلىرىڭ ئىدى بۇ...شۇڭا ئارام ئالايلى...قالدى گەپنى ئەتە دىيىشەيلى...
- مەيلى...بۇگۇن كۆڭلۇڭنى بىئارام قىلىپ قويدۇم. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى چۇشەن دوستۇم. ساڭا كۆپ رەخمەت...
ئۇلار ياشلىرىنى سۇرتۇشۇپ، يۇيۇنۇپ يېتىپ قېلىشتى. لېكىن ھېچقايسىسى ئۇخلىيالمىدى. سەلىمەنىڭ كاللىسىدا ئازاپ، ئۇكۇنۇش، تۇگۇمەس زىددىيەتلىك سۇئاللار قاينايتتى. دىلنازمۇ سەلىمەنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا ئويلاندى، ئۇنىڭغا ئېچىندى. ئەكرەم نىڭ ئىشلىرىدىن نەپرەتلەندى. خىياللىرى خىياللارغا قۇشۇلۇپ ۋارىسنى ئويلاپ قالدى. ئەكرەم بىلەن ۋارىسنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتى.-نىمە دىگەن زور پەرق ھە، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دۇنيا،- ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى. شۇ دەم دىلنازنىڭ خىيالىدا سەلىمەنىڭ ئىشلىرى ئاستا-ئاستا يىراقلاپ، كىلىشكەن، بىلىملىك، ساددا بىر چىراي پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى . دىلناز تۇنجى رەت ئۇچراتقان ۋاقىتتىكى سەمىمى چىراي، دىلنازغا كىتاپ ئۇزاتقان ۋاقىتتىكى شەلپەردەك قىزىرىش، كىكەچتەك دۇدۇقلاش، خىجىلچان كۆزلەر...دىلناز خىياللار ئىچىدە ئۇيان-بۇيان ئۆرۇلۇپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنمۇ تۇيماي قالدى...
ئەتىسى كەچ ئىككى قىز مەكتەپكە قايتتى. ئۇزاق مۇنازىرە، ئۇزاق پىكىرلىشىش، ئۇزاق ئويلۇنۇشتىن كىيىن بالىنى ئالدۇرىۋېتىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىشتى. چۇنكى كۇن ئۆتىۋەرسە بالىمۇ تەڭ يۇغۇناپ ماڭاتتى. ئەكرەمگە يالغان ئېيتقانلىقىنى، بالىنىڭ تېخى قورسىقىدا بارلىقىنى دىيىش كېرەكمۇ؟...ياق، ئۇنداق دىسە سەلىمەنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ، ئەكرەم بۇ ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ سەلىمەگە قەست قىلىشتىن يانمايدۇ...ئۇنداقتا بالىنى قانداق ئالدۇرۇش، نەدە ئالدۇرۇش كېرەك؟....دىلناز بىر ئېغىر باش قېتىقچىلىقىغا يۇلۇققان ئىدى. ئۇ<نىمە دەپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالغاندىمەن ، نىمە بۇلۇپ بۇ قىز بىلەن سىرداش بولۇپ قالغاندىمەن>... دەپمۇ ئويلىدى. لېكىن يەنىلا سەلىمەنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتتى. دۇنيادا ئازمايدىغان ئادەم بولمايدۇ ، دوسلارنىڭ بېشىغا كۇن چۇشكەندۇ تاشلاپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەسدە...دىلناز ئۇزاق ئويلۇنۇشتىن كىيىن سەلىمەگە سىنىپ مۇدىرىدىن 10 كۇنلۇك رۇخسەت سوراش، يۇرتىغا قايتىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ بالىنى ئالدۇرىۋېتىپ كىلىش تەكلىۋىنى بەردى. سەلىمە ئۇزاق ئويلاندى. بۇ پىلان بۇلىدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئۆيىگە نىمە دەپ بارىدۇ؟ قورسۇقۇمدا قالدى دەپما؟ ئالدۇرىۋەتكىلى كەلدىم دەپما؟ ياق . بىچارە ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا ساراڭ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. قاتتىق قول ، ئىمانى كۇچلۇك ئاكسىچۇ تېخى...سەلىمە ئاكسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئويلاپ بۇ پىلاننىىمۇ مۇۋاپىق ئەمەستەك ھىس قىلدى. لېكىن يەنە نىمە ئامال بار؟ ئۇ كۆپ ئويلانغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقلىقىنى ھىس قىلدى.< ئۆيگە بارغاندىن كىيىن بىر ئاماللارنى قىلارمەن > دەپ ئويلىدى.
- نىمە دەپ رۇخسەت سورىسام بۇلا؟- سەلىمە دىلنازدىن سورىدى.
- سەن دائىم ماڭا <ئاتا-ئانام كىسەلچان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا كۆڭلۇم يېرىم...> دەيتتىڭغۇ، بەلكىم باشقا ساۋاقداشلارغىمۇ شۇنداق دىگەن بولىشىڭ مۇمكىن. شۇڭا <ئېغىر كىسەلكەن، كىلىشىمنى ھاۋالە قىپتۇ> دىگىن. مەنمۇ گۇۋاھچى بولۇشۇپ بىرەي... مۇشۇنداق قىلمساق بۇ دىگەن مەكتەپ، كىچىككىنە ئىشلار بىر دەمدىلا يېيىلىپ كىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى تىزراق بولايلى...
- دىگىنىڭدەك بولسۇن ، ئۆزەممۇ غەمدىن قۇتۇلغاندەكلا بولىۋاتىمەن شۇ تاپ...
ئەتىسى ئىككى قىز رۇخسەت سوراش توغرۇلۇق نۇرغۇن كىلىشمەسلىكلەرنى تۇقۇپ چىقتى. دادىسىنى ئېغىر كىسەل قاتارىغا چىقاردى. ئۇلار بىر يالغان خەت يېزىپ، سەلىمەنىڭ ئادرىسى نامىدىكى بىر كونۋىرتنى ياساپ چىقتى. مۇئەللىمنى تېخىمۇ ئىشەندۇرمەكچى بولدى. دىلناز مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋېتىپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن نەپرەتلەندى. ھاياتىدا بىرەر قېتىم يالغان ئېيتىپ باقمىغان، ھەممە ئىشقا ئەستاھىدىللىق، سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ قىز ئۆزىنى بىر گۇناھكاردەك ھىس قىلدى. لېكىن دوستى ئۇچۇن شۇنداق قىلىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى مۇھىم دەپ قارىدى. ئۇلار سىنىپ مۇدىرى قېشىغا رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىنى كۆتۇرۇپ كىردى. سەلىمەنىڭ كۆزلىرىدە لىق ياش ئىسەدەپ تۇرۇپ ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى مۇئەللىمگە دىدى، دىلنازمۇ شۇنداق بىچارە، ھىسداشلىق قىلىۋاتقان كەيپىياتتا سەلىمەنىڭ گىپىنى قۇۋۋەتلەپ بەردى. دولقۇن مۇئەللىم بۇ قىزنىڭ كەيپىياتىغا بۇرۇندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقاچقىمۇ ۋە ياكى دىلنازدەك ئۆلگۇلۇك ، تىرىشچان، سەمىمى قىزنىڭ گىپىدىنمۇ ...بىردەم ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن 10 كۇنلۇك رۇخسەت بەردى. ئۇلار ئۇقۇتقۇچىسىغا بىر ھازا رەخمەت ئۇقۇغاندىن كىيىن يېنىپ چىقتى.
سەلىمە مېڭىشقا بىر كۇن تەييارلىق قىلدى. تەييارلىقلىرى كۆپ بولمىسمۇ ، ياتاق ئىچىدە كىيىم-كىچەكلىرىنى ھىلى ئېلىپ، ھىلى سېلىپ ، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارغا چۇمۇپ ئولتۇردى. تارتمىسىدىن ئاتا-ئانىسى ، ئاكا-ھەدىلىرى ئىبەرتكەن نۇرغۇن خەتلەرنى ئېچىپ، قايتىدىن بىر-بىرلەپ ئۇقۇپ چىقتى. ئۆزىدىن كۇتكەن ئۇمۇتلەرنى، ياخشى تىلەكلەرنى قايتىدىن ئاڭلىدى. كۆزىدە ياش لىغىرلايتتى. كۆڭلىدە نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار، مۇرەككەپ مۇساپە باردەك قىلاتتى. ئارىلىقتا نىمىشقىدۇر مەكتەپ قوروسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى. سىنىپىغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كەتتى. ئەلبۇملىرىنى ئېلىپ ساۋاقداشلىرىغا بىرمۇ-بىر سەپ سالدى. ساياھەتكە چىققان، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان سۇرەتلەرگە قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى. ئۇ خۇددى يىراق بىر سەپەرگە ئاتلىنىدىغاندەك ھەممە نەرسىگە تويماي-تويماي قاراپ كەتتى...قىزلار كەچلىك تەكراردىن كىرگەندىن كىيىن ئۇلار بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭداشتى. كۇلۇشتى، بۇرۇنقى خوشال كۇنلەرنى ئەسلەشتى...
ئەتىسى ئۇ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ ، دىلنازنىڭ ھەمرالىقىدا ئاپتۇۋۇس بىكىتىگە كەلدى. ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا ئۇ دىلنازدىن ئايرىلغۇچسى يوقتەك ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ياشلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ دىلنازنىڭ قولىقىغا پىچىرلىدى:
- رەخمەت، رەخمەت دوستۇم... سىنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم. مەن مېڭىشتىن ئاۋال سەندىن بىر ئىشنى ئۇتۇنەي : مىنىڭ سىرلىرىمنى پەقەت ئۆزۇڭلا بىلىپ قال، بۇ مەڭگۇ ئىككىمىز ئارىسىدىكى سىر بولۇپ قالسۇن. بولامدۇ؟
-بولۇدۇ،خاتىرجەم بول. مەن چۇقۇم دىگىنىڭدەك قىلىمەن. ئۆزەڭنى ئاسرا، ئوبدان كۇتۇنگىن، ۋاقتىدا قايتىپ كەل.ھەممىنى يېڭىدىن باشلا، ساڭا چۇقۇم خوشال كۇنلەر قۇچاق ئاچىدۇ...-دىلنازنىڭ كۆزىدىنمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىدى.
ماشىنا قوزغالدى. ئىككى قىز ئۇزاقتىن ئۇزاق قول پۇلاڭلىتىشىپ خوشلاشتى . ماشىنا سەلىمەنىڭ ئازاپلىق كەچمىشىنى، ئاچچىق يىغىسىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بۇ ئاۋات، رەڭگارەڭ شەھەردە قالدۇرۇپ، ئۇنى قورسىقىدىكى بىتەلەي تۆرەلمە بىلەن يىراق يېزىغا ئېلىپ يۇرۇپ كەتتى...
|
|