- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغانلىقىغا ھەشقاللا ، بۇنىڭدىن بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ ئىلىم ئىزدەش يولىدا تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىدىغان بىزگە ئوخشاش ئىلىمگە تەشنا لېكىن تويۇنمىغان قەۋمى ئۈچۈن نۇرلۇق چىراغ بولۇپ يانىدىغان ، ھەم ئىلگىرىكىلەر بوپمۇ ئۇستازلىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۇلار ياراتقان يوقۇرى قىممەتنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىغان روھىنى ئۆزۈمىزگە ئۈلگە قىلايلى ! ....... يەنە بىر گەپ بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئىنكاس قىلىپ يوللىغان ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىتابلىرىنى مەن كۆرۈپ باقماپتىمەن ، م : ئائىلە ، سەۋدايىلىق تەئەججۈپنامىسى ، مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم قاتارلىق . بولسا بۇلارنى تاپقىلى بولارمۇ ، ئائىلە دېگەننى ئۈرۈمچىدىكى قۇياش كىتابخانىسىدا كۆرگەن ئېسىمدە ، لېكىن ئۇ كىتاب بەك يۇپقا نېپىز كىچىككەن . يەنە بىرسى بىلىشىمچە قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ باشتا ئالىمنىڭ قولىدىن پۈتۈپ چىقىشىدا ‹‹ قەدىمكى تۇران تارىخى ›› بولۇپ كېيىن ئۇنى قايتا نەشىرگە چىقىرىشتا زوردۇن سابىر قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلىرىمىز ئۇنىڭ ئىسمىنى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتكەن ، شۇڭا دېگىنىم ئەسلىدىكى ‹‹ قەدىمكى تۇران تارىخى ›› نى تاپقىلى بولامدۇ ، ئەسلىدىكىسى بىلەن ھازىرقىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانمىدۇ يە . لېكىن تورداشلار گېپىمنى توغرا چۈشەنسە مېنىڭ ھەرگىزدەن كىتابنى ئۆزگەرتتى دەپ ئەيىپلەش مەقسىتىم يوق ، پەقەت شۇ ئازراق گۇمانىم بار ئىلگىرىكىسى بىلەن ھازىرقىسى ئوخشارمۇ دەپ . نېمە دېگەندە نۇرغۇن كىتابلار قايتا چىقىشىدا ئۆزگىرەيدىكەن ....... |
|