- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا ، يىراق ئوكيانلارنىڭ نېرىقى چېتىدا تۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇ مەۋھۇم تور دۇنياسى ئارقىلىق يېڭى يېڭى تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق بىزگە تور ئەھلىگە ئۇيغۇرغا نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرغىنىڭىزغا مېنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ھاياتىمدا كۆپ ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولغىنىڭىزدىن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، بولسا خۇدايىم ئۆمرۈڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن . ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن توغرىسىدا : تلانتلىق ناخشىچىمىز تاشمۇھەممەت باتۇر ئېيتقان ‹‹ مېنى يوقلاپ قەبرىستانغا بارماڭلار ›› دېگەن ناخشىسى يادىمغا يېتىپ كۆڭلۈم خېلى غەش بولدى . مېنىڭچە بولغاندىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارلىقىنى مىللەت ئۈچۈن ئاتىغان كەڭ قۇرساق مېھرىبان ئىللىق چىراي ئالىملىرىمىز تاتقان جاپاسىغا جاپا تارتىپ تۇرۇپمۇ تۈزۈك مېھرىبانلىققا ئېرىشەلمىسىمۇ مېنىڭچە ھەرگىز قىلغىنىغا مېننەت قىلمايدۇ ، ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ، ئەمدى بولسىمۇ ئالىم ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ ئۇلار ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ ياراتقان قىممىتىگە قۇلاق سالايلى پىكىر يۈرگۈزەيلى ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالايلى . |
|