- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1213
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
21.3%
|
bagdax-bahadiri يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 21:23
ئاتگاچىلىق بولسىمۇ نەچچە كەلىمە سۆز قىستۇرۇپ ئۆتسەم ...
«ئىچ پۇشىقىمىزنى چىقىرىدىغان ئەمەس ئەقلىمىزنى بىلەيدىغان، تەپەككۇرىمىزنى جانلاندىرىغان پايدىلىق يازمىلارنى يېزىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن» مانا بۇ قەيسەركامدىن باغداش تورىدا كۈتكەن ئۈمىدىم.
توردىكى باللاغا ئىچ پۇشۇقى قىلاي دېسە يېتەرلىك بار. قەيسەركامغا ئىچ پۇشۇقى تۈسىدىكى يازمىلارنى يازمىسىڭىز دېمەيمەن. چۈنكى قەيسەركام خەقنىڭ يۇرتىدا مۇساپىرچىلىقتا. ئۇنىڭ ھەر كۈنى يۇرتنى نەچچە قېتىم ئەسلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمەن.
شۇڭا قەيسەركامنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ يازغان يازمىلىرىنىمۇ كۆرۈپ قويىمەن. ئەمما، سىز قەيسەركامنىڭ چەتتە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. شۇنچە قىيىن پۇرسەتتە چەتتە ئوقۇپ دوكتور بولغان بۇ ئاكىمىزنىڭ يۇقارقىدەك يازمىلارنى يېزىشى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئوقۇش تەجرىبىلىرىنى، قانداق ئوقۇغانلىقىنى، خەخنىڭ قانداق ئوقۇپ نېمىلەرنى قىلىپ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ۋە ئۇ يەرلەردىكى كىشىلەرگە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان ئىش ئىزلارنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ھەققىدىكى پەرقلەرنى يازسا بۇنىڭ نەرىنى يامان دەيسىز.
ئەقلى بار ئىنسان پايدا زىياننى ئويلىشىپ تۇرۇپ ئىش قىلىدۇ. قەيسەركام شۇ ئەقىللەقلەر ئىچىدىكى سەركىلەردىن.
كۈلكە چاقچاقتىن باشقا نەرسىدىن زوق ئالالمايدىغان بولسىڭىز بۇنىڭ يولى باشقا. ئەمما، مەن قەيسەركامغا سەمىمىي تەكلىپ بېرىۋاتىمەن. بۇ ئاكىمىز تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق ئىختىيارلىقى ئۆزىدە. سىز بۇ يەردە مېنى قەيسەركامنى غاجاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ چاپان سېلىپ چىققان ئوخشايسىز. ھودۇقماڭ. ھودۇققىدەك ھېچ ئىش يوق.
«تەپەككۇر ئېچىلمايدۇ، ئەقىل ئېچىلمايدۇ» دېگەن گەپلىرىڭىز مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق گەپلەركەن. ئۇ گەپنى ئۆزىڭىزنىڭ مونولوگى دەپ چۈشەندىم.
سىز دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار دەپ باشتىلا سۆزىمنى تەستىقلىۋېتىپ ئارقىدىن نىنچىگە ئايرىپ تەكلىپىمنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشىپ، ئۆزىڭىز باشتا ئېيتقان «ئاساسى بار» دېگەن گېپىڭىزگە ئاسىيلىق قىپسىز. شۇندىمۇ سىزگە رەھمەت. |
|