- تىزىملاتقان
- 2014-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1450
- نادىر
- 6
- يازما
- 39
ئۆسۈش
45%
|
ramadan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 14:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەسيەركار:
سىز چەتتە ئوقۇپ دوكتور ...
ئاتگاچىلىق بولسىمۇ نەچچە كەلىمە سۆز قىستۇرۇپ ئۆتسەم ،
قايسەركام قاتارلىق زىيالىلىرىمىز ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈلگىللىرىمىز ،ئۇلارنىڭ مۇنبەرلەردە بىزگە سۇنغان مىۋىللىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ ، ھەمدە بىزنىڭمۇ يەنە بىر دىققەت قىلمىغان بىر نوقتىمىز بار ، ئۇ بولسىمۇ بىز ئۇلارغا نىمە سۇندۇق ؟ ئۇلار بىزگە سۇنغانغا كۆنۈپ قېلىپ ئېلىپنى ئۈگۈنۈپ بە نى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ ؟ بىزنىڭ بىرەلەيدىغىنىمىز پەقەت ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆرمەت ۋە قوللاش .
تورداش ، سىزنىڭ دىگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار ،لېكىن بۇنداق تەلەپ قىلغىنىڭىز نىمە ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ بىلەمسىز ؟ بىرىنجىدىن سىزنىڭ بۇنداق تەلەپ قىلغىنىڭزنىڭ ئۆزىلا يازما يوللىغۇچغا رامكا بىكىتىپ ، قەيسەركامنى مىللەتكە پايدىسى بارمۇ يوق ؟ دىگەن رامكىدىن چىقالماس قىلىپ قويىدۇ .دىمەك بۇ رامكىغا چۈشمىسىلا خاتا ، چۈشسە توغرا بولۇپ ، تەپەككۇر بوغۇلىدۇ ، ئەگەر قەيسەركام ئۆزى ئۈگەنگەن ئىقتىسادقا ئائىت نەرسىلەرنى يوللاپ بەرسە نەچچىڭىز چۈشىنەلەيسىز ؟
ئىككىنجىدىن ، ھەممە ئادەمنىڭ خاراكتىرى ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بولىدۇ ، پايدىلنالىسڭىز نۇرغۇن ئەسەرنىڭ ئىچىدىن ياخشى نەرسىلەرنى بايقىيالايسىز ، لېكىن بۇنىڭغا ئۆلچەم بىكىتىش كىشىنى قىسىلدۇرۇپ ، ئۆز خاراكتىر ،ئوبرازىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ ، نەتىجىدە قەيسەركامغا زېرىكىشلىك تۇيۇلۇپ ، مۇنبەردىن رايى سوۋۇپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ .
ئۈچىنجىدىن ، تەپەككۇر ،ئەقىل ئېچىلمايدۇ ، ئۇ پەقەت ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ،بىلىم ئېلىشىڭىزغا ۋە ئويلىنىشىڭىزغا تايىنىپ كۆپ قىرلىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىز مەسىلىلەرنى ئويلاشتا كۆپ نوقتىدىن چىقىپ ئويلايسىز ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن نەرسىنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنىشتە كۆپ قىينالمايسىز ھەم ھەرخىل ئىشلارنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلالايسىز ، مانا بۇ كۆپ كىشى دەپ يۈرگەن كاللا ئېچىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە تەپەككۇر ئۇسۇلى ، ھەرخىل بىلىم ، ھەرخىل كىشىلەرنىڭ مەسىلىگە قاراش ئادىتى دىگەنلەرنى تەھلىل قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىمىزنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت . سىز پەقەت مىللەتكە پايدىسى بارمۇ دەپلا ئولتۇرۋالسىز ، زادى نىمىنىڭ شۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز ، باشقىلارنى بىر ئۆلچەمگە يىغۋالسىڭىز قانداقمۇ ئەقىل ،كاللا ئېچىلسۇن ؟ شۇڭا ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ ، ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ،ئالىملىرىمىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ، مەسىلىلىلەرگە قانداق قارىشى دىگەننى بىلىپ بېقىڭ . باشقىلاردىن قالايمىقان تەلەپ قىلىپلا تۇرۇۋالماڭ ، ئۇلارمۇ ئەركىن - ئازادە كۆڭلىدىكىنى بىزگە تۆكسۇن ،چۈنكى ئۇلارمۇ ئادەم ، بىزگە خىزمەت قىلىشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان ماشىنا ئەمەس .
ئويلىنىپ باقارسىز . رەھمەت . |
|