- تىزىملاتقان
- 2011-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 114
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  38%
|
مەن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئىچىمدىن شۇنچە خۇرسەن بولدۇم لىكىن سۇنى كۆرمەي ئىشتان سالىدىغان بەزىبىر كىشلىرىمىزدىن بەكلا ئۈمۈدسىزلەندىم.بەلكى بۇ يازما بىزنىڭ دىيارىمىزدىن ياكى دۆلىتىمىزدىن چىقمىغان بولسا ‹‹يىراقتىكى موللام داموللام،يېقىندىكى جا موللام››بۇلامتىكى....ئەينى ۋاقىتتا ئېنىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىمۇ سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن.بەزىلەرچە ئاپتۇر بارلىق تەتقىقات نەتىنجىلىرىنى ‹‹مانا مەندىكى دەسمى››نىڭ ھەممىسى دەپ مۇنبەرلەردە جاكارلاپ بايراق قىلۋەتسە،ئۆزلە چاي پۈۋلەپ ئولتۇرۇپ،ھەجىلەپ يۈرۈپ قايتا-قايتا ئۇقۇپ ئاقىۋەت يەنە مەنىسىگە يىتەلمەي ئىسپات-دەلىلسىز ،ساختا،ئىلمىي بولمىغان ‹‹مال››كەن دەپ بىر جار سېلۋالسا تەخەيلىرى ئىككى چىشلىق بۇپ كىتەمتىكى......خۇددى‹‹مەن كۆتۈمنى ياراتماي بۇسۇرۇپ ئولتۇرىمەن،كۆتۈم مىنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ››دىگەندەك ئىش قىلماي،ھەرقانداق بىر ئىلمىي ئەسەرگە گەرچە ‹‹تۇخۇم تۇغالمىساممۇ تۇخۇمغا باھا بېرەلەيمەن››دەپ توۋلىماي،سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى،بۇ ئەقەللىسى ئۆزىنى زىيالى چاغلايدىغانلارنىڭ سۈپىتى.مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۇقۇدۇم،بىر يەرلىرىنى ئازراق چۈشەندىم،يەنە نۇرغۇن يەرلىرى چۈشنىكسىز....ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى پۈتۈن ئەسىرىنى تۇلۇق كۆرگەندە،شۇ ئىلمى كامالەت،شۇ ئەقىل بولسا چۈشەنگۈلۈك...تىلىكىم:ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن،ئىلمى ئىشلىرىغا زور ئۇتۇق تىلەيمەن.ئاخىرىدا دەيدىغىنىم :ئېنىشتىيىن يەھۇدىلاردىنلا چىقمايدۇ.بىزدە شۇ كاشغەرى،ھاجىپ،فارابى،سىنالارنىڭ ئۇدۇمى،قېنى ۋە گىنى بار قېرىنداشلىرىم، بىر-بىرىمىزنى چۈكۈرمەيلى،تاغدىن ئېگىز تاغ،باغدىن ئۇز باغ بار........ |
|