- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7486
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  100%
|
mijityimit يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 14:12 
سىز ئىبىنسىنانىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك ئىلىم، ئارىستوتىل، فا ...
قارىسام مېنىڭ بۇ يازمىدا ئىلمىي پاكىتلار كۆرسىتىلمەپتۇ دېگەن سۆزۈمگە قوشۇلمايدىغاندەك قىلىسز. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ «ئىلمىي پاكىت» دېگەن ئاتالغۇنى چۈشىنىشىمىزدە پەرق بار ئىكەن. قولىڭىزدىكى ئىسپاتلارنى بەكمۇ كۆرۈپ باققۇم بار، ئەگەر بۇ كىتابلىرىڭىز پات ئارىدا نەشىردىن چىقىپ قالسا خەۋەر قىلسىڭىز مەن ئوقۇپ كۆرۈپ ئاندىن مۇنازىرە قىلاي. بەرىبىر سىز تومتاقلا جاۋاب بېرىپ قويۇپ ئىچىدە ئىلمىي پاكىت بار دەپ تۇرۋالسىڭىز، مەن ئۇنى كۆرمىسەم بۇنىڭ ئاخىرى چىقماس مۇنازىرە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مەن تەخىر قىلىپ ساقلاي.
ئۇنىۋېرىسال ھازىرقى زامان ئىلمىي پەنلىرىنى ياخشى بىلەمسىز؟ ئۇنىۋېرىسال سەۋىيەيىڭىز يوقىرى بولمىسا مەن يازغان بىلىملەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىپ بىلىڭ.
===================
بۇ سۆزىڭىزدىن قارىغاندا سىز ھازىرقى زامان ئىلمىي پەنلىرىدىكى بىلىمىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى، ھېچبولمىغاندا مەندىن يۇقىرى دەپ ئويلايدىكەنسىز. بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ چۈنكى كىشىلەر پەقەت كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ... سىزنىڭ باشقىلارغا خالىغانچە باھا بەرمەي كەمتەر بولۇشىڭىزنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويۇپ، كىتابىڭىزغا ياخشى تىلەكلىرىم بىلەن خوشلىشاي. ئامان بولۇڭ.
|
|