- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4937
- نادىر
- 1
- يازما
- 301
ئۆسۈش
  97.9%
|
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 11:38 
دۇنيادا 2000دىن ئوشۇق مىللەت بار ، ھەر بىر مىللەتتە ئاز د ...
مەن ئالدى بىلەن شۇنى سەمىڭگە سېلىپ قويايكى، بۇ يەر ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى. گەپ قىلغاندا ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ، ھۇشۇڭ بىلەن قىل. ئەگەر مەن سەن بىلەن تەڭ بولاي دېسەم گەپنىڭ يېرىمى تۈگىمەستە ئۆلىۋالغىدەك گەپلەرنى قىلىۋېتىمەن!
ئەمدىكى سۆزۈم، دۇنيادا 8000 غا يېقىن تىل بارلىغى مۇئەييەنلەشتى. بۇ دېمەك ، سەن دېگەندەك دۇنيادائاران 2000 مىللەت ئەمەس، بەلكى 8000 غا يېقىن مىللەت بار، دېگەن سۆز. ئەمما كۆپ ئەپسۇس، ئىجتىمائىي ، تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىر نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ نامىلا قالدى. شۇنداق بولسىمۇ يانىلا تارىخ سەھنىسىدە كۆزگە كۆپرەك چېلىقىدىغان 222 مىللەت تىلىغا ئالاقىدار ئىسىم توپلىيالىدىم. شىنخۇا ئاگېنتلىغى ئىسىم تەرجىمە بۆلۈمىمۇ ئىككى قىسىملىق «世界人名大辞典» ئىشلىيەلىدى. قاراپ باق، ئۇنىڭدا قانچە مىللەت تىلىدىكى ئىسىم بار ئىكەن؟
سەن دېمىسەڭمۇ مەن چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپ يېزىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى توغرىسىدا 1994 - يىلىلا «ئىسىم - ناملار تەرجىمىسى ۋە فونېتىكا » ناملىق ئىلمىي ماقالە يېزىپ، 1995 - يىلى ستوكھولم ئۈنۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «13 - قېتىملىق خەلقئارالىق فونېتىكاشۇناسلار قورۇلتىيى»دا ئېلان قىلغان. مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلاي دېسەم، بەزى ھەرپ ۋە تاۋۇش بەلگىلىرىنى كۆرسىتىشكە مۇمكىن بولمىغاچقا ، ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. ئىنشا ئاللاھ يېقىن كۈنلەردە مۇنبىرىمىزنىڭ ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن. شۇچاغدا كۆرەرسەن مېنىڭ نېمىلەرنى يازغانلىغىمنى......
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئاتالغۇلارنى توغرا ياز. « تىراپىكىتسىيە » ئەمەس «ترانسكرىپسىيە»! |
|