- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2248
- نادىر
- 1
- يازما
- 45
ئۆسۈش
8.27%
|
ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئەفغانىي
كىنو___جەمئىيەتتىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆز-ئەينىنى بىر قەترە كېڭەيتىپ،كۈچەيتىپ تېخىمۇ يارقىن ھالدا تەسۋىرلەپ بېرىدىغان نازاكەتلىك ئەينەك.ئۇنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانا،قىز-يىگىت ئارىسىدىكى قايناق مۇھەببەتنى تېما قىلىش ئارقىلىق،بەزىلىرى تۇرمۇش ئوربىتىمىزدىكى ھەددىدىن ئاشقان پەسكەشلىك ۋە ئەپكەسلىك،كۆرۈم ۋه ئۆلۈم،جىنايەت ۋە خىيانەت قاتارىدىكى ئىبرەتلىك سۇژىتلاردىن ئىجىمائىيەتنىڭ زۆرۈر تەقەززاسى بولمىش مۇھىم ئىدىيىلەرنى يارۇق رەۋىشتە يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە بىر ياقتىن ھۇزۇر بېغىشلىسا،يەنە بىر ياقتىن ئۇلارغا مۇھەببەت ۋە ھەققانىيەت مۇجەسسەملەنگەن ھەقىقىي كۇھىقاپنىڭ نەدىلىكىنى چىنەپ بېرىدۇ.تۈركىيىنىڭ كىنولىرى ھەق-ناھەق ۋە ئادالەتنى،ھىندىستاننىڭ كىنولىرى مۇھەببەتنى كىنو ئىدىيىسىنىڭ خۇرۇچى قىلغان بولسا،ئامېرىكىنىڭ كىنولىرى ئۆزىنىڭ ۋايىغا يەتكەن فانتازىيىسى بىلەن بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى كۈچنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.شۇڭىمۇ كىنوچىلىق دۇنياسى لالە-رەيھانلىقتەك رەڭدارلىققا تولغان.
دىيارىمىز شىنجاڭمۇ باشقىلارنى دوراپ سېنارىيە كۆمۈرى قالانغان ھەرخىل كىنو ئوچاقلىرىدا كۆيۈپ باقتى،قازانلىرىدا قايناپ باقتى.لېكىن تۈزۈك كۆيۈپ،تۈزۈك قاينىيالمىدى.ئەيتاۋۇر،بىزنىڭ كىنولىرىمىز كۆرۈرمەننى ئاسانلا زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.ئۇنداقتا،كىنوچىلىقىمىزدىكى بۇ چوڭ يوچۇق زادى نېمە؟
بىرىنچى،مەبلەغ ئاز.كىنو كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەدئىيلىكى مەبلەغنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئاشىدۇ.مەبلەغ كۆپ بولسا،سېنارىيىچىمۇ ئوڭغۇل-دوڭغۇل ماي يوللارنى،ۋاراڭ-چۇرۇڭ باققاللار بازىرىنى،تۆت كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان نەق مەيداننى لايىھىلىمەي،گۈزەل تارىم بويلىرىنى،داۋانچىڭنىڭ كەڭتاشا يوللىرىنى تاللاپ،گادىرماچ ھەم جەلپكار ۋەقەلىكلەرنى سۈرەتلەشتە ھېلى قەشقەر ھېلى ئۈرۈمچىنى،ھېلى بېيجىڭ ھېلى تۈركىيىنى ئەرسات قىلىپ توسالغۇسىز يازالايدۇ. شۇنداق بولغاندىلا،بىزنىڭ كىنولىرىمىز ئاندىن ھوللىۋود،بوللىۋود ۋە ئوسمان سىناۋلاردەك چېگرا ئېشىپ بازارلىنالايدۇ.دەل تەتۈرىچە،ھازىرقى فىلىملىرىمىزنىڭ ۋىلايەت ئاتلىيالمايۋاتقانلىقى بىزنى چارىسىز ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئىككىنچى،جانسىزلىق.جانسىزلىق دېگەندە،ئاۋۋال جانلىقلىقنىڭ نېمىلىكىگە ئىزاھات بېرىش كېرەك بولىدۇ.جانلىقلىق___تەبئىيلىك،يەنى پېرسوناژلار ھەرخىل خاراكتېردا ئوتتۇرىغا چىقىشتا چاندۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.بولمايدىكەن،كۆرۈرمەنلەر بۇنى ئازراق تۇيۇپلا قالسا،كىنودىن رايى يېنىپ كېتىدۇ.بۇ ھالەتنى پۈتۈنلەي ئارتىسلار يارىتىدىغان بولۇپ،بۇ ھال كىنونىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ.شۇڭىمۇ،ئىجابىي-سەلبىي ئوبرازلارنى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە ياراتقان سيلۋېستېر ستاللون(رامبو)،ئارنولد شىۋارزېنېگگېر،شاھرۇھخان،چېڭلوڭ،نىجاتى شاشماز(پولات ئەلەمدار)لار دۇنياغا داڭلاندى.ئەكسىچە،بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزنى بىزدىن باشقا يەنە كىم تونۇيدۇ؟
بىزدە سۈتۈن ئارتىسلار جىق.ئابدۇكېرىم ئابلېز قاتارلىق بىرنەچچە ئارتىسلارنى ھېسابلىمىغاندا،دېنى پىشقان،تەجرىبىسى مول ئارتىسلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك.
ئۈچىنچى،ئۆرپ-ئادەت بىلەن زامانىۋىيلىق ياخشى بىرىكەلمەسلىك.بۈگۈن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا مۇنداق بىر زەھەرلىك جىرىم يىلتىزلىنىۋاتىدۇ: قالاقلىق دېسە شەجەرىمىزگە،ئۆرپ-ئادىتىمىزگە باقىدىغان؛ئىلغارلىق دەپ بولغۇچە ئۇدۇل غەربنى ئەسلەيدىغان خاتا خاھىش.يېقىنقى ئىككى يىلغىچە بولغان كىنولىرىمىز كۆپىنچە ئۆرپ-ئادەتنى،ئاممىۋىيلىقنى ئۇل تاش قىلىپ كەلگەن،يېڭىلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى.ئەمما ھازىرقىلىرىدا يېڭىلىق يۈز پىرسەنت،ئۆرپ-ئادەت نۆل بولۇپ قالدى.بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك مىسالى:<تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى>.بۇ ئائىلىۋى كومىدىيىدىكى ئەڭ ئېچىنارلىق تەرەپ،ئارتىسلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئۇلارنىڭ ئىسمىدىن باشقا بىرمۇ ئۇچۇر يوق.ئەرلەر بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قانغۇچە كۈلۈۋالدى،خالاس!ئاياللارچۇ؟ئۇلار مەربىيەنىڭ ئۆيىدىكى سافا-جابدۇقلارنى،ئۆي بېزەكلىرىنى،مەربىيەنىڭ ئۆزىنى ياسىشىنى ۋە ئۇنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ،ئېرىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىگە قىلغان- ئەتكەنلىرىنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشتى.فىلىمدە باش روللارنى ئاساسەن قېلىن ئارتىسلار ئالغان.«مويسىپىت» ئارتىسلار ئاساسەن بىر قىسىمدىن رول ئالغان.بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ ماختاشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى ئىككىنچى يوچۇق:جانسىزلىقتىن خالىي.روللاردا ئاساسەن ئىقتىدارلىق،كەسپىي ئۆتمۈشى ئۇزاق ئارتىسلار بولغاچقا،ئوبرازلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ياراتقان.
<تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى> گەرچە بىر بۆلۈم كىنو-فىلىم ئەمەس،بەلكى كۈلدۈرگە بولسىمۇ،ئەمما يېرىم كىنوچانلىقى بار.بۇنداق سەنئەت ئەسەرلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ گەرچە بەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى كىنوچىلىقىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر چاكىنىلىقنى ئاتا قىلىشى بەلكىم.شۇڭا بىز كىشىلەرگە بۇ ئاقىۋەتتىن ئاگاھ بېرىۋاتىمىز.
بىر مەزگىل بۇرۇن،بىز <ئانارخان>نى ئاھانەتلىگەنىدۇق،ھازىر <تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى>نى «تىللايمىز»!
<تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى>نىڭ بۇندىن كېيىنكى كىنولارنىڭ ئەندىزىسى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.مەركىزى ئىدىيىسى ياخشى بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بايانلار ساغلام بولمىسا،بۇنىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك كىنو قاتارىدىن سانىمايمىز.ئەگەر كىنوچىلىق قەسىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلمىسا,بىز ئۇنى ئەخلەتتىن ئارتۇق كۆرمەيمىز.پاكىستانلىق ئىسلام ئالىمى ئەكبەر ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ:"بەش بۇرجەكلىك بىنا(ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى) قىلالمىغان ئىشنى ھوللىۋود قىلالىدى."
يېقىنقى كۈنلەردە،ئىچىمىزدىن بىر قىسىم رېژىسسور ۋە ئارتىسلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭدار كىنو ئەربابلىرى بىلەن مۇباھىسەلەشتى.بىر ئۇيغۇر <كۇردلار ۋادىسى>دا رول ئالدى.بۇ ئاكتىپ بولغان ئىنتىلىش روھى،توغرا يۆنىلىش.بىز كىنوچىلىق جەھەتتە ھەقىقەتەن چەتئەلدىن يېتەرلىك تەلىم ئېلىشقا مۇھتاج.بىراق،تەلىم ئالدۇق دەپ غەربنىڭ ئەخلەتلىرىنى،شەرقنىڭ سەپسەتىلىرىنى كىنولىرىمىزدا جارى قىلدۇرماسلىقىمىز لازىم.بولۇپمۇ چەتئەل كىنوچىلىق دۇنياسىدا ئەۋج ئالغان شەھۋانىيەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز،ئۇ بۇدۇشقاق ۋابانىڭ بىزگىمۇ يۇقۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك.بولمايدىكەن،ئەكبەر ئەھمەد كايىغاندەك:"مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر(ھاياسىز كۆرۈنۈشلەر) تۈپەيلىدىن،باشقا كۆرۈنۈشلەر،مەسىلەن،مەيلى جىددىي ھۆججەتلىك فىلىم بولسۇن ياكى سۆھبەت پروگراممىسى بولسۇن،ئوخشاشلا ئۆز قەدرىنى يوقىتىپ قويىدۇ." دېگەن ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.بىز تارىختىن بۇيان خاتا ئىشتىن يانماي،نەتىجىدە تەكرارەن ئوخشاش پۇشايمانغا مۇپتىلا بولۇپ كەلدۇق.نېمىشقا بىرەر نۆۋەت تراگېدىيەدىن بۇرۇن كەسكىن مۇتالىئە بىلەن سەۋەبكە يول ئالمايمىز؟ياكى يەنە ئون يىلدىن كېيىن زەرداب بىلەن ھىجران دەرۋازىسىنى ئاچامدۇق؟
خەلقىمىز كىتابتىن ياندى.ئاۋۋالقى شانۇ-شۆھرەتلىرىدىن تاندى.نېمىشقا؟كىنو مەستانىچىلىقى بۇنىڭ ۋەجى.كىتاب ئوقۇش ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى سىڭىپ بولالمىغانىدى،كىنو كۆرۈش قىسقىغىنا يېگىرمە يىلدىلا ئۆي-ئۆيلەردە ئەۋج ئېلىپ،مەۋج ئۇرۇپ ئاقتى.ھازىر كىتابلار ئېگىز جازىلاردا توپا-چاڭ بېسىپ ياتماقتا.كىتابخانىغا باققاندا،پلاستىنكىخانا قەۋەت ئاقىدۇ.پلاستىنكىخانىلاردا ئۆچرەت تۇرۇپ مىڭ تەستە بىر تەخسە پلاستىنكا سېتىۋالىمىز-يۇ،ئەمما كىتابخانىلاردىن بىر ئەقىل ئىگىسىنى چېلىقتۇرغىلى بولمايدۇ.بەزى دىلى،ئەقلى كورلار ھەتتا كىتابخانىغا كىرىشتىن نومۇس قىلىدۇ.چۈنكى،ئۇلار «كىتاب خالتىسى» دېگەن ئاتاققا ئۆچ.ئەجەبا ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ كىتاب بىلەن دۇنياغا خوجايىنلىق قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ئەگەر ئۇلار بىر پارچە كىتاب ئەمەس،بىر ئېغىز كىتابىي كالامنىڭ قەدرىنىڭ نەقەدەر تۇتىيا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىدى،كۈنۇتۈن كىتابخانىدىن چىقماس ئىدى.لېكىن،ئەمەلىيەت شۇنداق!شۇڭا كىنونىڭ يۈكى،مەسئۇلىيىتى بارغانچە ئېغىر بولماقتا،ئۇ ئەمدى يازغۇچىلارنىڭ ھەسرەت-پىغانلىرىنىمۇ يۈدۈۋېلىشى كېرەك.
قىسقىسى،كىنوچىلىقىمىزغا مەبلەغ سالايلى.<تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى>گە جەم بولالىغان تالانتلىق ئارتىسلىرىمىز باشقا ئىدىيىۋى مەزمۇنى يارقىن،سۈپەتلىك كىنولارغىمۇ قەدىمىنى بەرسۇن!كىنو ئىشلىگەندە,مىللىي ئۆرپ-ئادەت قامۇسىنى ئاندا-ساندا ۋاراقلاپ قويسۇن!شەرتتىن چەتنىگەن،ناچار فىلىملەر بېشىنى يەڭدىن چىقىرىشى ھامان،بىزمۇ ئىككىلەنمەي «تىللايلى»!
2014-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 29-كۈنى،يۇرۇڭقاش |
|