- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
82.5%
|
تېما ۋە ئىنكاسلارغا قارىسام ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كىشلىرىمىزنىڭ كىنو- تېلىۋېزىيە بىلەن كىتاب ۋە كىتابخانىغا قىزىقىش توغرىسىدا بىر قىسىم مەسىلىلەر خېلى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، جانلىق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپتۇ ، تېما ئىگىسىگە كۆپتىنكۆپ تەشەككۇر قولۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ئەمدى مەن دەيمەن ، بىز ھەممىمىز مەخپىيەتلىك فىلىمى بىلەن شۇ فىلىم توغرىسىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى توردا بولسىمۇ كۆرگەن بولغىيتۇق ، ئۇنىڭدا ئەلى مۇئەللىم قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق پىسخېكىشۇناس كىشىلىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگىنىنى مەن ئاڭلىغان ، بىز خەق ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ھالىتىمىزدىن قارىغاندا بۇرۇندىن تارتىپ بىز ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ خراكتېرىدىكى مەشرەپ تۈرىنى ئالغاندەك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كەڭ ئومۇملىشىپ كەلگەن ، ھەم بۇمۇ ھازىرقى جەمئىيەتكە كەلگەندە دەۋر تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېخىمۇ رەڭگارەڭلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى . شۇ سەۋەب بىلەن بىزدە كىتاب قىزغىنلىقى بولمايۋاتقان ، لېكىن ھەممە نەرسە ئۇچۇرلىشىۋاتقان جەمئىيەتتە مەلۇم بىر بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بىلىمنى كىتابقا زورلاش يەنى كىتاب بىلىمى ئارقىلىق بىلدۈرۈش تازا مۇمكىن بولمايدىغان ۋاقىتتا ، ئىلغار تېخنىكىلەر ئارقىلىق يەنى ھەر خىل ئۇچۇر ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئېلىپ كىرىش بىلدۈرۈش ھازىرقى كونكرېت شارائىتقا نىسبەتەن ئەڭ ئاقىلانە چارە دېگەنلىكى بارغۇ دەيمەن ... .... يېڭى شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇقەررەر ھالدا كونا شەيئىلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقۇلۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دېگەندەك توغرا ، مەن ھەرگىز كىتابنىڭ ئورنىنى مۇقەررەر بۇ ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئىگىلەيدۇ دېگىنىم ئەمەس ، لېكىن خۇددى بىر باشلانغۇچ مەكتەب ئوقۇغۇچىسىغا بىر نەرسە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئازراق شەكىل كىرگۈزۈپ ھەر خىل قونچاق ئويۇنچۇق ھەتتاكى رەسىملىك نەرسىلەر بىلەن ئۆگىتىشكە توغرا كەلگەندەكلا بىر ئىش ، شۇ ئارقىلىق بالىلىقتىكى ئاددى سەبىي تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تەپەككۇرغا ئېرىشىپ ئاندىن دۇنيا ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىگە يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ ، بۇ قارىقويۇق ئۆلۈكتىن ئۆلۈك مەجبۇرىي ئۆگىتىشتىن خېلى ياخشىراق ، چۈنكى ئادەم بالىلىقتا كۆپىنچە ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ . دېمكچىمەنكى نوقۇل كىتابقا قارىغاندا تۈرلۈك ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتلىرىنىڭ مەلۇم دۇنيا ۋە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشى جانلىق ئوبرازلىق تېتىك ھەرىكەتچان ئەمەلىيەتچان قوللىنىشچانلىقى يوقۇرى بولۇپ كىتابقا ئوخشاش بىر قېلىپقا چۈشۈۋالمايدۇ ، شۇڭلاشقىمۇ بىزدىكى نەزەرىيەچىلىك تولا ئۈستۈن ئۇنىڭغا يارىشا ئەمەلىيەت بولماسلىقتەك مائارىپ ئەندىزىسى نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ، شۇڭلاشقىمۇ بىزدە مەيلى ئوتتۇرا ياش مەيلى ياشلاردا بولسۇن بىزدە كىتاب ئەمەس ئويۇن خۇمارلىقى ئېغىر . |
|