- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4253
- نادىر
- 6
- يازما
- 123
ئۆسۈش
75.1%
|
قەدىمدە مەلۇم جۇغراپىيەلىك دائىرىنى شۇ يەردە ياشايدىغان ئۇلۇسلارنىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان ئەھۋال كۆپ بولغان ( بۇنداق ئەھۋال ھازىرمۇ بار، مەسىلەن، مۇڭغۇل يايلىقى، قازاق دالاسى دېگەندەك . ۋە يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان.... دېگەندەك).سىيانپى دېيىلىۋاتقانلار خەنزۇ تارىخنامىلىرىدىكى鲜卑 لار بولۇپ، بۇلار يەنە سىبىرلار، سابىرىلار مۇ دېيىلىدۇ. بۇ تەلەپپۇزدىكى پەرق. ھەممىسى شۇ 鲜卑 لارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئەسلى ھۇنلار بىلەن بىلەن قوشنا ياشىغان تۇڭغۇسلارنىڭ (خەنزۇ تارىخنامىلىرىدىكى 东胡 لارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزىلەرنى بۇلارنى شەرقىي ھۇنلار دەپ قارايدۇ) بىر تارمىقى بولۇپ، كېيىن بۇلار غەربكە سۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ ماكانىنى ___ ھازىرقى مۇڭغۇلىيە يايلىقى ئىگىلەپ شىمالنىڭ غوجىسى بولغان، كۆچمىگەن نۇرغۇن ھۇنلارمۇ شۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن. كېيىن بۇلاردىن شىرۋىلار___ يەنى خەنزۇ تارىخنامىلىرىدە 室韦 دېيىلگەنلەر بۆلۈنۈپ چىققان. بۇلار يەنە موڭغۇل شىرۋىلىرى室韦 蒙兀 مۇ دېيىلىدۇ. يەنى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى مۇشۇلار ۋە مۇڭغۇلىيە يايلىقىدىكى باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن شەكىللەنگەن. ئومۇمەن مەيلى 鲜卑 بولسۇن، 室韦 بولسۇن ھەممىسى سىيانپى، سىبىر، سابىرى دېگەن ناملارنىڭ خەنزۇچە ئاتالمىسىدۇر. شۇڭا سىبىريەدە ياقۇت، چۇۋاش، خاكاس، ساكا، چۇكچى قاتارلىق بىرمۇنچە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ياشىشى بىكار ئەمەس. ھەم يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك تۈركىيە تارىخچىلىقىدا سىيانپىلارنى (يەنى سىبىرلار) نى تۈركلەر بىلەن نەسىلداش دەپ قارىشىنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى مۇشۇ بولسا كېرەك، دەپ قارايمەن.
مىڭئۆي تام رەسىملىردىكى كىيىم كىچەكلەرنىڭ ئادەتتىكى كىيىملەردىنمۇ بەكىرەك دىنى مۇراسىم كىيىملىرى ياكى ئاقسۆڭەك، بەگ، تىكىن، قاغان كىيىملىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى ئىھتىمالغا يىقىنراق. بۇ توغرا ۋە بەلكى دەل شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ مۇشۇ رەسىملەرنىڭ ئاستىدا شۇلارنىڭ نام-شەرىپلىرىمۇ بار. بۇلار كۆپىنچە شۇ مىڭئۆي ___ غارلارنىڭ قېزىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىنىشىگە ____ تام رەسىملىرى بىلەن بېزىلىشىگە ياردەم بەرگەن ساخاۋەتچىلەر سۈپىتىدىكى ھۆكۈمرانلار قاتلىمىدىكى كىشىلەردۇر. چۈنكى بۇنداق ئىقتىسادىي ياردەمگە ئاددىي خەلىقتىن بەكرەك شۇلارنىڭ قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرى توغرۇلۇق ئىزدەنسىڭىز، ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»، ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ « تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا -ئۇسۇل سەنئىتى» ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ئەسەرلىرىگە ۋە ئۇيغۇر كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىتىدىكى دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىزنىڭ ئەسەرلىرىگە قاراپ بېقىڭ( بەلكىم كۆرگەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن). ئەمدى كىيىملەردىكى ئېتىقاد ئېلىمېنىتلىرىغا كەلسەك مەن بۇ توغرىدا ئىزدەنگەن ئەمەس. يېقىندا، بەلكىم يىل ئاخىرىغىچە شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن ھەسەنجان ئابلىزنىڭ « ئۇيغۇر كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقىشى مۇمكىن . بۇ كىتاپ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە سىستېمىلىق، پاكىتلىق، خېلى مۇكەممەل يېزىلغان ئەسەر. |
|