- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4894
- نادىر
- 0
- يازما
- 471
ئۆسۈش
  96.47%
|
تارىخى يازما ئەدەبىياتى ۋە قەدىمى ئەندىزلىك مەدىنىيتى بولمىغان قەبىلىلەر ئەزەلدىن ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.بۇنداق ئەھۋال تارىخ بەتلىردە كۆپ ئۇچىرايدۇ.شاداپىتلارنىڭ تۈركىي قەبىلىنىڭ قايسى تارمىقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تاپالمىدىم.ئۇيغۇر قارلۇق تارمىقىغا ،ياكى ئوغۇز تارمىقىغا تەۋە بولسا چوقۇم يىزىقى ۋە ئەندىزلىك مەدىنىيتى بولاتتى.
سىيانپىيلارنى سىبىرلار دەپ قارىغانلىقىڭىزدىن ھەيران قالدىم. سىبىرلار دىگىنىڭىز ھازىرقى روسيەنىڭ سىبىر رايۇنىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا سىبىرلار دىگەن روسيەدىكى بىر جۇغراپيەلىك ئاتالغۇ، ئېرقى ئاتالغۇ ئەمەس. سىبىريەدە ياقۇت، چۇۋاش، خاكاس، ساكا چۇكچى قاتارلىق بىرمۇنچە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ياشايدۇ.بەزىلىرى ئۇيغۇر قارلۇق تىلىدا بەزىلىرى قىپچاق تىلىدا سۆزلىشىدۇ.سىزنىڭچە سىيانپىيلارنىڭ تەركىبى مۇشۇ قەبىلىلەر بىلەن باغلىنىشلىقمۇ؟
يەنە بىر مەسىلە، مەن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كىچەكلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم.مىڭئۆي تام رەسىملىردىكى كىيىم كىچەكلەرنىڭ ئادەتتىكى كىيىملەردىنمۇ بەكىرەك دىنى مۇراسىم كىيىملىرى ياكى ئاقسۆڭەك، بەگ، تىكىن، قاغان كىيىملىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى ئىھتىمالغا يىقىنراق.مەسىلەن :
مانا مۇشۇلار. بۇلار مىنىڭچە ئاقسۆڭەك ياكى ھۆكۈمدار كىيىملىرى. سىزنىڭچە بۇ كىيىملەرنىڭ مەنبەسى نەگە بىرىپ تاقىلىدۇ؟ بىشىدىكى ئۈچ پۇتاقلىق تاجى شامان ئىتقادىدىكى ئوتنى سىمۋۇل قىلغانمىدۇ ياكى ئۈچ قەبىلىنىڭ بىرلىشىشىنى سىمۋۇل قىلغانمىدۇ؟سىزنىڭچە قانداق؟(ھازىر بۇ شەكىل تۇۋالاردا ساقلىنىپ قالغان، مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان شەكىل)
بۇلار قىسمەن ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن كىيىم كىچەك شەكىللىرى. بۇنىڭدا شامان(كۆك تەڭرى)،بۇدىزىم،(بۇرھان) مانىيزىم ئىتقادلىرىنىڭ ئىلمېنتلىرىنى ئۇچۇراتقىلى بولۇدۇ،بۇ نوقتىدا سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟
|
|