- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5102
- نادىر
- 0
- يازما
- 493
ئۆسۈش
  2.04%
|
borjegin يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 14:16 
سىز ايتقان ۇش گرۋپپاغادا كىرمەيدى،انا سىبىرياداغى سا ...
ئۇلار ئۆز ئالدىغا بىر گورۇپپا بولامدا؟ بۇ ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر گەپ بوپتۇ.
تۇركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ ئورتاق بىرلىككە كەلگەن يەكۈنى بويۇنچە تۈركىي تىللار 3 گورۇپپىغا ئايرىلىپ بولغانغۇ؟ مەيلى ئالتايدىكىلەر بولسۇن، بالقاندىكىلەر ياكى كافكازدىكىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ تىل شىۋىسى مۇشۇ 3 گورۇپپا دائىرسى ئىچىدە ئايرىلىدۇ.
قىرغىزلارنىڭ تىلىمۇ كونا تۈركچىگە يىقىن.لىكىن قىپچاق گورۇپپىسىغا كىرىدۇ.
ھازىر قىرغىز قازاق،تاتار تۇركمەن تۇرۇك ئۆزبەك ئۇيغۇر ئەزەر، لەرنىڭ تىلىدا پارىسچە ،ئەرەپچە ئارلاشمىغىنى يوق. قىرغىزچىىدىكى ‹ي› تاۋۇشنىڭ ئورنىغا ‹ج› تاۋۇشى مۇڭغۇللاردىن يۇققان بولسا قازاقچىغا ‹ژ› تاۋۇشى پارىسلاردىن يۇققان. ھەر ئىككىلىسىنى ‹ي› غا ئۆزگەرتكەندە يەنىلا قەدىمىي تۈركچىگە يىقىن بولۇدۇ. تۇۋالارنىڭ تىلىغا ئەرەپچە پارىسچە ئارلاشمىغان، لىكىن يەنىلا مۇشۇ 3 گورۇپپىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ.تۇركولوگلار تۇركىي تىلنى تەتقىق قىلغاندا ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەرنى ھىساپقا ئالماي تۇرۇپ ئايرىيدۇ.
ئۇيغۇر تىلنىڭ ئايرىم گورۇپپا بولۇشنىڭ سەۋەبى، ھون تىلىدىكى ۋە ئورخون مەڭگۈ تاشلىردىكى سۆزلەر ھازىر پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ قالغان. يەنى ئىپادىلەش سۆزلىكلىرى ئۆزىگىچە، باشقا گورۇپپا شىۋىسىدىن پەرىقلىندۇ.كۆك تۈرۈك قاغانلىقى ۋە كىيىنكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنى مۇشۇ تىل بىلەن باشقۇرغان.‹ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى› دەۋرىگە كەلگەندە ، تۇركىي خەلقلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ: توختام، يارلىق، يازما قانۇن تۈزۈم،ۋەسيەت، يول خىتى ،كىتاپ ماتىرياللار ، مەتبەئە ..قاتارلىق مۇنتىزىم ئىجتىمائىي تۈزۈم سىستىمىسى مۇشۇ تىل بىلەن ئورنىتىلغان. شۇڭا تۇركولوگلار ‹ئۇيغۇر قارلۇق گورۇپپىسى › دەپ ئايرىم گورۇپپا تەسىس قىلىنغان. سىز توۋا شىۋىسىگە يىقىندىن دىققەت قىلىپ بىقىڭ. چوقۇم 3 گورۇپپىنىڭ بىرسىگە كىرىدۇ. |
|