- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1850
- نادىر
- 0
- يازما
- 164
ئۆسۈش
  85%
|
ئاۋۇ ساز چېلىۋاتقان ، چالغۇ-ئەسۋابلارنى تۇتۇپ تۇرغان رەسىملەرگە قاراپ خېلى بىر ھازاغىچە قرقپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . چۈنكى ، تارىختا تۈرۈكلەرنى كۆككۆز ، بۇرۇت ساقاللىق قاڭشارلىق ، سارغۇچ ياكى قىزغۇچ قوڭۇر چاچ دەپ تەرىپلەيتتى ، رەسىمگە قارىسام ، بىرسى مۇشۇ ئۆلچەمگە چۈشەمدۇ نېمە ، قالغانلىرى بولسا ، ئىلگىرى مۇڭغۇللار بىلەن قىتانلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىشىشنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا نەچچە خىل ئىرىقنىڭ ئالامەتلىرىنى تەڭلا كۆرگىلى بولغاندەك چىرايى ئۈستىبېشىدىن مۇڭغۇللوئىد ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن ، بەلكىم بۇلارغىمۇ چىڭگىز ئىستېلاسى تەسىر قىلغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئوخشاش بىر رايون بولغانلىقى ئۈچۈن . يەنە بىر گەپ چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدىكى چالغۇلار ئىچىدە قۇرۇلمىسى شەكلى قۇيوپ قويغاندەك قومۇل غىرجىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغاندىن بىرسى ، دولان غېجىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغاندىن نەق بىرسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئورنۇمدا ئوتۇرالمايلا قالدىم بۇ ھەيرانۇھەس خۇشالچىلىقتا ، شۇ ئىش بىلەن بۇ تۇۋالار بىلەن تۈركىي مىللەتلەر بوپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، تارىخ دېگەن ئالامەت ھېكمەتكەن جۇمۇ ، ھەقىقىتى بىلەن سىرى ئېچىلسا .... |
|