- تىزىملاتقان
- 2011-11-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 926
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  85.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 13:32
بىزنىڭ ئولتۇراق رايۇندا بۇ ئىش تىخىمۇ قىزقارلىق . بۇ رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلارنىڭ ماشىنىللىرغا دەرۋازىدىن كىرىش تونۇشتۇرۇش خىتى بىجىرگەن ،ئايلىقى 30يۈئەن ، بۇ تونۇشتۇرۇش خىتىنىڭ ئاخىرغا « بىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز » دىگەن خەت بىسىلغان . بۇ پۇلنى نىمىگە ئالىسىلەر دەپ سورساق بۇ دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى دەيدۇ .بۇ كىنوخانا ياكى ساياھەت رايۇنى بولمىسا نىمە دەپ دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى تاپشۇرمىز دىسەك يۇقۇرنىڭ ھۈججىتى بار دەيدۇ ،كۆرنى دىسەك بۇنداق ھۆججەتنى كۆرسىتەلمەيدۇ . پۇل تاپشۇرۇشقا قوشۇلماي ماشىنىنى دەرۋازا ئالدىدا توختۇتۇپ قويساق ساقچىلارغا تىلفۇن قىلىپ كۆتۇرمىچى ماشىنىغا بىسىپ ئىلىپ كىتىدۇ. تونۇشتۇرۇش خىتى يوقلاردىن دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى ئۈچۈن 2 يۈئەندىن ئېلىپ ئاندىن كىرگۈزدۇ . خوجىلىق شىركىتىنىڭ قىلغان ئىشى پەقەت يوللارغا ماشىنا توختۇتۇش سىزقى سىزىپ قويدى . بۇ ئىشتىن ئاھالىلار كومۇتىتىنىڭ خەۋىرى تۇرۇپ كارى بولمىدى. بۇ رايۇندىكى ماشىنىسى بار ئاھالىلارنىڭ بۇ ئىشقا نارازىلقى كۈچلۈك بولسىمۇ ئامال قىلالماي شۇ قانۇنسىز پۇلنى تاپشۇرۋاتىدۇ. بۇنى قانداق ھەل قىلىشنىمۇ بىلەلمەي يۈرۋاتىدۇ. |
|