- تىزىملاتقان
- 2014-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 796
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  59.2%
|
8 يىل بۇرۇن بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا،بىركۇنى داۋاملىق بارىدىغان بىر مەھەللىگە بارساق،شۇ مەھەللىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر ئولتۇراق رايۇننىڭ دەرۋازىسىنى يۇزلىگەن ئامما تۇسۇۋاپتىكەن.ئۇلارنىڭ توختۇتۇپ قويغان ماشنىلىرى دەرۋازا ئالدىدىكى يولنىمۇ ئىگەللەپ،قاتناشمۇ ئۇزۇلۇپ قالغان.ئەتراپتا لىق ساقچىلار بولسىمۇ بۇلار شۇ ھالەتنى ساقلىغان.بۇ ئەھۋال ئەتىسىمۇ داۋاملاشقانىدى.شۇ ئەتراپتىكى يەرلىك تۇنۇشلاردىن سوراش ئارقىلىق سەۋەبىنى بىلگەنتىم:
-ئۇ دەرۋازىنى تۇسۇۋالغانلار شۇ ئولتۇراق رايۇندىن ئۆي ئالغانلار بۇلۇپ،ئۇلار غوجىلىق شىركىتىنىڭ ماشنا توختۇتۇش ھەققى ئېلىشى قانۇنسىزلىق،بىزگە مەخسۇس ماشنا توختۇتۇش ئۇيى ياساپ بەرگىنى يوق،ماشنىنى ئۇيىمىزنىڭ ئالىدىدا توختاتقانغا ھەق تاپشۇرمايمىز-دەپ ئىتراز بىلدۇرۇپ ،ئولتۇراق رايۇننىڭ دەرۋازىسىنى تۇسۇۋلغانلاركەن.
نەتىجىسى قانداق بولدى بىلمىدىم،لىكىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى چەكلىمىگەنلىكىگە قاراپ،ئۇلارنىڭ ھەركىتى يوللۇقكەن دەپ ئويلىغانتىم |
|