- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7251
- نادىر
- 0
- يازما
- 631
ئۆسۈش
  45.02%
|
قايسى بىر كىتاپتا ئوقۇغان بىر مەزمۇن ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
بىر ئايالنىڭ ئىشكى چىكىلىپتۇ، ئايال چىقىپ قارىسا بىر قولى يوق ئادەم سەدىقە تىلەپ تۇرغىدەك. ئايال ئۇ كىشىگە يەردىكى بىر دۆۋە خىش پارچىلىرىنى ياندىكى بىر يەرگە يۆتكەپ بەرسە ھەق بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ مىيىپ ئادەم خىش پارچىلىرىنى يۆتكەپ بوپتۇ. ئايال يەنە ئۇ خىش پارچىلىرىنى ئۆز ئورنىغا يۆتكەپ بەرسە يەنە بىر كىشىلىك ھەق بىرىدىغانلىقىنى دەپتۇ، ئۇ كىشى بىر قولى بىلەن خىشلارنى يەنە ئۆز ئورنىغا يۆتكەپ بولغاندىن كىيىن، ئايال ئىككى كىشىلىك ھەق بىرىپتۇ. ئۇ مىيىپ كىشى گەپ قىلماي چىقىپ كىتىپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئايال قېرىپ مۈكچىيىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئىشىكى چىكىلىپتۇ، قارىسا ئىشىكى ئالدىدا ناھايتى كاتتا ماشىنا بىلەن كەلگەن پۇزۇر كىيىنگەن بىر قولى يوق كىشى تۇرغىدەك. ئۇ كىشى ئالايىتەن بۇ ئايالنىڭ نەچچە يىللار ئالدىدىكى تەربىيسىگە رەھمەت ئېيتقىلى كەلگەن ئىكەن. لىكىن بۇ ئايال بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن. بۇ مىيىپ كىشى ئامرىكىدىكى داڭلىق بايلاردىن ئىكەن. بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە. |
|