- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10745
- نادىر
- 0
- يازما
- 588
ئۆسۈش
  1.86%
|
alsu يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 22:56 
مېنىڭچە بۇ ئۇسۇلنى ئاتا -ئانىنىڭ باللىرىغا تەدبىقلىشى ...
مەن توغرىمىكن دەپ قارايمەن ئەپەندىم ،
مەن ئۆز ئەمەلىيىتىمنى سۆزلەپ بىرەي ؛
مىنىڭ بالام بۇ يىل 3 - يىللىققا چىقتى ، سىنىپىدا 56 نەپەر بالا ئوقۇيدىكەن ،
بالامنىڭ 1 - يىللىقتىكى نەتىجىسى مىنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى ، يەنى تەخمىنەن 20 - قاتاردا ئىكەن ، 2 - يىللىققا چىققاندا خېلىلا كۈچ چىقاردىم ، لىكىن يەنىلا ئوخشاش نەتىجە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىملاسى بەكلا سەت ،
2 - يىللىقنىڭ 2 - ئۇقۇش ماۋسۇمىغا چىققاندىن كىيىن مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپتىم ،
ئوغلۇم ئۇيۇنچۇققا بەكلا ئامراق ، مۇشۇ نوقتىنى چىڭ تۇتۇپ ھۇجۇمنى باشلىدىم ،
1 - قەدەمدە مەيلى ئەدەبىيات ، مەيلى خەنزۇ تىلى ، مەيلى ماتماتىكا بولسۇن كىتاۋىدىن بىر ۋاراق چىرايلىق خەت كۈچۈرسە 5 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانغا ، پۇللىرىنى يىغىپ چوڭراق ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بىرىدىغانغا كىلىشتىم .
2 - قەدەمدە ؛ ئادىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرسە 100 يۈەن بىلەن ، سىنىپ باشلىقى ياكى ئۈگىنىش باشلىقى بۇلالىسا 200 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانغا كىلىشتىم ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا يۇقۇرى .
ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىۋاتىمەن ،
ھازىر بولسا ئالدىنقى 5 نىڭ قاتارىدا تۇرىدىكەن ، بۇ نەتىجىسىدىن خېلىلا سۈيۈندۈم ،
قۇربان ھېيىتلىق 100 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بۇلىۋاتىمەن .
بۇ ئۇسۇلنى باشقىلارمۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سىناپ باقسا بولىدۇ . |
|