- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 36882
- نادىر
- 0
- يازما
- 3542
ئۆسۈش
  67.21%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 14:10
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
مۇبادا بۇ تېمىدىكى نۇقتىنەزەرلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا ۋە ئورتاق ئېتراپ قىلىنسا فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتا يىڭىچە تەپەككۈر يوللىرى ئېچىلىشى مۆمكىن.
لىكىن ،قارا ئۆڭكۆر مەۋجۈت بولمىغان تەقدىردىمۇ نىتىرۇن يۇلتۇزلار غايەت زور زىچلىقتىكى ئاسمان جىسىمى بولۇپ قالىۋىرىدۇ.بۇ ھالدا زىچلىققا مۇناسىۋەتلىك تەپەككۇر قارا ئۆڭكۆردىن نىتىرون يۇلتۇزلارغا كۇچىدۇ،خالاس.نۇۋەتتە ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ،دەپ قارىلىۋاتىدۇ.ھەتتا ئالەم تىزلىنىشچان سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ ئىسپاتلىغان ئىككۆيلەنگە ئالدىنقى يىلى نوبىل مۇكاپاتى بېرىلدى.ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى بىلەن قارا ئۆڭكۆرنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنىڭ ھەرئىككىسى راسىت بولسا، بۇ ھالدا بۇ كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئەسلى قارا ئۇڭكۆر زىچلىغىدىن تۆۋەن ،نىتىرۇن يۇلتۇزلار زىچلىغى ئۆپچۆرىسىدىكى بىر زىچ رايۇندىن كىڭەيگەن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.«پارتىلاش» ئاتالغۇسى كېڭىيىش سۈرئىتى تىز بولغان ئەھۋالدا يەنىلا ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە.غەيرى نۇقتا ۋە قارا ئۇڭكۆر ئەسلىدىنلا ماتىماتىكىلىق ئىدىيە بولۇپ فىزىكىلىق پاكىت ئەمەس ئىدى.لىكىن نىتىرۇن يۇلتۇزلار بولسا تەجىربىدىن ئۆتكەن ئوبىكتىپ مەۋجۈت رىياللىق.دىمەكچىمەنكى،ئەمدى ئىنسانلار«ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيە ئەسلىدە نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغىدا بىر نۇقتىغا يىغىلغان بولۇپ،مۇنچىلىك ۋاقىتتىن ئىلگىرى بۇ نۇقتا ئۈشتۈمتۇت پارتىلاپ ،ئالەم كېڭىيىشكە باشلىغان»دىگەندەك جۆملىلەرنى تۈزۈۋىرىدۇ.غەيرى نۇقتا ۋە قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئۇرنىغا نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغى دەسسەيدۇ،خالاس.مۇبادا ئالەمنىڭ كېڭەيمەيۋاتقانلىغى ئىسپاتلانسا ئىدى، يۇقۇرقى نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغىدىكى يىغىلىشنى تەساۋۋۇر قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى.كېڭەيمەيدىغان،تارايمايدىغان نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىن تۇرغۇن ئالەم مودىللىرىنىڭ ئۇزى يىتەرلىك بۇلارئىدى......
نىتىرون يۇلتۇز
中子星的密度在每立方厘米8×1013 克至2×1015 克间
تولۇقى:
|
|