- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1580
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
  58%
|
karwan32 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 14:59 
يولۋاسقا نىسبەتەن ئويغان زىمىن رومانىنى ئۇقىغاندا باش ...
مېنىڭ بىلەن قارشتىكەنسىز قېرىندىشىم ، مەنمۇ ئەسلىدە شۇنداقسىغا يولۋاسنى ئەسلى تۇغقان ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان ، ماجۇڭيىڭ بىلەن بىلەن تىل بېرىكتۈرۈۋېلىپ قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى ۋە قوزغىلاڭ ھەرىكىتىنى ئوتقا ئىتتىرىشكە بار كۈچى بىلەن ئۇرۇنغان ، ماجۇڭيىڭنىڭ يالاقچىسى شۇنداقلا تۇڭگان يىغىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەمدە بولغۇچى خائىن مۇناپىق ياخشى تەرىپى يوق دەپ قارايتتىم ، لېكىن بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەر دانا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، ھەر ھالدا ھاجىمدەك ساددا تولا ئاقۆڭۈل ئەمەسكەن ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان . ( مېنىڭ ھەرگىزدەن ھاجىم بوۋىمىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سېلىشتۇرۇپ چۈشۈرگىنىم يوق ، پەقەت ساددىلىقى بولمايدۇ شۇ ، لېكىن يەنىلا يولۋاس ھەم باشقا ياۋۇزلارغا قارىغاندا ئەڭ ياخشى ، گېپىمنى مەقسىتىمنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ) يەنە بىر گەپ بەش قول بىردەك ئەمەس دېگەندەك ئەلۋەتتە بۇ ئادەمنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى ئوخشاشلا بولۇشى مۇمكىن ، بىكارغا ئۇ ئادەمنى تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىز ئەسكىگە چىقارمايدۇ . مەن 2011 نىڭمۇ يە 2010 نىڭمۇ قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا قومۇل ئارا ئاقيەردە ئولتۇرۇشلۇق بىرەيلەننىڭ ‹‹ يولۋاس ھەققىدە ئاڭلىغان بىلگەنلىرىم ›› ناملىق ماقالىسىنى كۆرگەنىدىم ، ئۇنىڭدا يولۋاس توغرىلىق نۇرغۇن ئەپقاشتى خاتا قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا سۆزلىنىپ يولۋاس توغرىلىق نۇرغۇن ئىش-ۋەقەلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدىكەن ، ھەتتا يولۋاس جاماتىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ ئۇنى تەپسىلىي بىلگۈچى يولۋسنىڭ نەۋرىسىغۇ دەيمەن ، بولسا شۇنى تاپالىغان بولساق باغداشقا قايتا يوللاپ چىقىرىپ قويىدىغان ئىشكەنتۇق جۇمۇ ، يولۋاس توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلمىگەن نەرسىلەرنى بەلكىم ئېنىقراق بىلىۋېلىشىمىزغا ياردىمى تېگىپ قالار . |
|