- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1580
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
  58%
|
مېنىڭچە ئېيتقاندىمۇ ئەسلى ھېلىقى قاسىم دېگەن نېمىنى بالدۇرلا كەشىنى توغرىلاپ كەلگەن يېرىگە ھەيدىۋېتەلىگەن بولسا ياخشى بولاتتى ، ئەپەندىم دەۋېلىشلىرىمىز بار تېخى بىزنىڭ ، قىزىق جاھان جۇمۇ بۇ ، كىم ساددا بولسا شۇنىلا ئەخمەق قىلىپ بوزەك قىلغىنى قىلغان . ئەپەندىم دەپ ئەسلى ئەل ئاۋام دەپ يۈرىكى كۆيگەن ، ئەل ئاۋام ئۈچۈن بىر نەپەستە بولغان ، ئەل-ئاۋامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ شام چىراغتەك يېنىپ يول باشلاپ ماڭالايدىغان مەرت سېخىي كىشىلەرنى دەيمىز . شۇ بولمىغانلا بولسا ھاجىم بوۋىمىزمۇ ساددىلىقى بىلەن ئېزىپ-تېزىپ شىڭ شىسەينىڭ ھەم سىتالىننىڭ دامىغا ئالدىراپ چۈشمەيتتى ، نۇرغۇن باھادىر سۈپەت كىشىلىرىمىز ئورۇنسىز قۇربان بەرمەيتتى ، ھەتتا شىڭ شىسەينىڭ سىتالىنغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ، سوۋېتتىن ئالغان زور سوممىلىق قەرزنى سوۋېت تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە يۈز بەرگەن نۇرغۇن موتىۋەر جاھانغا مەشھۇر سودىگەر بايلىرىمىزنىڭ مەجبۇرىي بۇلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىنىپ بىچارە تىلەمچىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ باشقىلارغا ياللىنىپ قېلىشتەك ئېغىر ئەھۋاللارمۇ ، شۇ بايلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىدىن قاناتلانغان مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىمۇ بىر مەزگىل بىر ئىزدا توختاپ قالمايتتى . يەنە ، بەزى نامدار قەلەمدار تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭمۇ تا ھازىرغىچە قارىلىنىپ كېلىشىمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى . ئىشقىلىپ بىز ئويلىمىغان بىزگە تەتۈر كۆڭلۈمىزگە ياقمايدىغان ھەر قانداق يامان ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى . بولدى بەس ، كىمدىن كۆرىمىز ، خەقتىن كۆرەمدۇق ، ئۆزۈمىزنىڭ ساددىلىقىدىن ھەم ناچارلىقىمىزدىن كۆرىمىز . |
|