- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11039
- نادىر
- 1
- يازما
- 529
ئۆسۈش
  2.6%
|
bozqir يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:48 
مەنمۇ سىز ئويلىغاندەك « بويلۇق» بولۇشى مۇمكىن ، دەپ ئو ...
ئۇيغۇر تىلى فونىتىكىسىدا تاۋۇشلارنىڭ ئوڭ ئاتسىمىلاتسىيە ۋە تەتۈر ئاتسىمىلاتسىيە ھادىسىسىدىن باشقا تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىش ھادىسىسىمۇ مەۋجۈت. لىكىن بۇ خىل ئەھۋال ئاز ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ياغمۇر» دېيىلىدىغان سۆز ھازىر «يامغۇر» دېيىلىدۇ. قەدىمقى شەكلىدىكى «ياغ» دېگەن سۆز تومۇرىغا قاراپلا بۇ سۆزنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كىيىن «غ، م» تاۋۇشلىرىدا ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ «يامغۇر» دېگەن شەكىلگە كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ تومۇرىدىن مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئوغۇز تۈركلىرى يەنىلا «ياغمۇر» دەيدىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم.
ھازىر «ماغزاپ» دېگەن سۆزنى بەزىلەر «مازغاپ» دەپ تاۋۇشلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
ئەسلىدە «بوليۇق» دېگەن سۆزنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلاردا ئورۇن ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ ھازىرقى «بويلۇق» دېگەن شەكلى پەيدا بولغان بولىشى مۈمكىن. ئېيتقىنىڭىزدەك ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندى ئالدىراپ خاتاغا يول قويىدىغان يەڭگىلتەك تىلشۇناس ئەمەس. |
|