- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31899
- نادىر
- 18
- يازما
- 1030
ئۆسۈش
  54.75%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 17:34
ماڭا كېلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، «بوزقىر تورى» نىڭ مەلۇم سەۋەب-بوشلۇق ھەققىنى ۋاقتىدا تۆلىمەي تاقىلىپ قېلىشى نۇرغۇن تور ئابۇنىتلىرىنى ئالدىرىتىپ قويۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقارغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ھەققىدىكى ھۆكۈمى خەنزۇچە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت تورلىرىدا ئېلان قىلىندى . جۈملىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىدىمۇ خەۋەر قىلىندى.
نۆۋەتتە ، ج ك پ نىڭ ئورگان گېزىتى بولغان « خەلق گېزىتى » ئىدارىسى باشقۇرىشىدىكى - قىزىل بايراق ئاستىدىكى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى تورى » غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ دېلو ھەققىدىكى ئەيىپلەشلىرىگە بىر-بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ رەددىيە بېرىۋاتقان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىۋېتىپتۇ.
رايونىمىز ئۈچۈن موھىم بولغان مۇشۇنداق خەۋەرلەر نېمىشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلمەيدۇ ؟
دېمەكچى بولغۇنۇم مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە جامائەت پىكرى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە يېتەكلەنگەندىلا ئاندىن ئۆسەك تارقىلىشنىڭ بىردەك ئالدى ئېلىناتتى. |
|