- تىزىملاتقان
- 2013-12-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 247
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
82.33%
|
كىچىكىمدىن چىنمۇدەن توغرىلىق ھىكايىلەرنى مومامدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغانتىم. بۇۋاممۇ بۇ ھەقتە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلەتتى. 1995-يىلى ئارتام ئامبرى ياسالماقچى بولغاندا باغداش، ئارتام، تاشار، ساقا، قارمۇقچىدىكى 100دىن ئارتۇق جامائەت ئارتامغا چىقىپ ئامبارغا توغرا كەپ قالغان نەچچە يۈز يىللىق قەبرىستانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇ ئارىدا يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قوشۇنى بىلەن سۇمبە قورۇل ئۈستىدە سوقۇشۇپ چىن مۇھەببىتى ئۈچۈن قۇربان بولغان بىر جۈپ ئاشىق -مەشۇق مەردەن بىلەن چىنمۇدەننىڭ قەبرىسىنىڭمۇ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن. شۇ كۈنى نەزىر تارتىلىپ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا يېشى 100گە ئۇلاشقان تاشارلىق بىر بوۋاي چىنمۇدەن ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت ئېيتىپ بەرگەنتى. باغداشلىق بىر 7-8 ياشلىق ئوغۇل بالا مومىسى قاتارلىق بىر قانچە ئايال كىشى بىلەن كونا يولدا ھارۋىلىق قومۇلغا سەپەر قىپتۇ. سەپەر داۋاملىشىپ ئارتام سۈمبە قورۇلغا كەلگەندە موماي نەۋىرىسىنى دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇلار قومۇلغا بېرىپ ئىشلىرىنى نەچچە كۈندە تۈگۈتۈپ، يەنە ئۇزاق سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ باغداشقا قايتىش يولىدا موماي سۈمبەقورۇلنىڭ يۇقىرى تەرەپ تاغ باغرىدىكى بىر تۆپىلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ بالىغا دۇئا قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. بالا ھەيران بولۇپ، موما نىمىشقا بۇ يەرگە كەلگەندە دۇئا قىلىمىز، دەپ سوراپتۇ. موماي كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىككىنىچە، يغىلاپ تۇرۇپ قوشاقلار قېتىپ بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ ھېكايسىنى بۇ ئوغۇل نەۋرىسىگە ئېيتىپ بېرىپتىكەن. چىنمۇدەننىڭ ھېكايىسى مانا شۇنداق قىلىپ 1987-يىلى ئاشۇ بالىنىڭ مومىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى تەتقىقاتچىلارغا ئېيتىپ بېرىشى بىلەن قومۇل، تۇرپان، غۇلجا ئوتتۇرىسىدىكى چىنمۇدەن بىزنىڭ دەيدىغان تالاش -تارتىشلارغا داقاق بولغان ئىدى.
ھەر يىلى يۇرتۇم باغداش سايانلارغا چىقىپ تۇرىمەن، يىلسېرى مېنى تونۇيدىغانلار ۋە مەن تونۇيدىغانلارنىڭ يۇرتۇمدا ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. گۈركىرەپ تاش توشۇۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ ئۇھسىنىمەن، يەنە نەلەردىدۇر ئەلەڭقە-مەلەڭقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، نۆتۆرۈشۈپ تاش، تۆشۈك مارىلاپ يۈرگەن يوچۇن كشىلەرنى كۆرسەم ئازابلىنىمەن. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداشقا دوستلىرىمنى ئېلىپ چىقىپ قالدىم. باغداش بايرام تۈسى كىرگەندەك جانلىنىپ كېتىپتۇ. يۇرتداشلار ئارتىستەك ياسىنىپ كىلەر بىلەندۇر چاقچاقلىشىپ كۈلىشەتتى. بۇ نىمە ئىش؟ كېيىن بىلسەم قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ چىنمۇدەن دىراممىسىنى ئىشلىگەندىن كېيىن قاتتىق ئالقىشلىنىپ ، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى شىددەت بىلەن ئېشىپ، بۇ نۆۋەت چىمۇدەن تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەش ئۈچۈن چىنمۇدەننىڭ يۇرتى باغداشقا چىققان ئىكەن. ئاپرىن! ئۇلارنىڭ بۇ كاتتا ئىش ئەمەللىرىگە پۈتۈن قومۇل خەلقى ئاپرىن ئېيتىشى كېرەك ئەلۋەتتە. بىر فىلىمنى ئىشلەش بىز ئويلىغاندىكىدەك ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە روھى ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن ياردەم كۈچىمىزنى ئايىماسلىقىمىز لازىم.
بىراق شۇ كۈنى مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇندا مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى، دەپ تېلېفۇن كەلگەنلىكتىن ھايالىشىمايلا ئارقىمىزغا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدۇق. قايتىشىمدا باغداشتا يېتىپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقان ۋە چىنمۇدەن بىلەن مەرداننىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇدۇم. كۆكنى سۆيگەن چوقىلارغا قاراپ شۇ دەۋىرلەرگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇلارغا جۆر بولۇپ كىتىۋاتسام، دوستۇمدىن بىرى:- ھوي، ئادىشىم دەملىرى ئىچىلىرگە چۈشۈپلا كەتتىغۇ؟ نىمە بولدىلا، بىرەر ئىشقا كايىپ قالمىغاندىلا؟ دەپ سوراپ قالدى. مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى ئۇلارغا دەپ بەردىم.-ئەرتىسلەر كىيىۋالغان دوپپىلار تىپىك غۇلجا دوپپىسى ئىكەن، قومۇل چاشما دوپپىلىرى ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالمىغىنىنى ھېساپقا ئالمىساق ھېچ بىر قومۇلچە پۇراق چىقماپتۇ. تەكلىپ قىلىنغان رىژىسسورلاردىن پەقەت مىرشاپنى تونۇيدىكەنمىز، باشقا كاكىراپ يۈرگەنلەرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلگىلى بولمىدى. كىيىم-كېچەك، فىلىمگە ئىشلىتىلگەن نەرسە-كېرەكلەردە قىلچىلىك قەدىمكى پۇراق يوق دىيەرلىك بولۇپ قاپتۇ، پۈتۈنلەي سەھنە دېكىراتسىيسىگە ئىشلىتىلگەن، سەھنىدە كىيىلگەن ياسالما، چىنلىقتىن يىراق بىر نىمىلەر بىلەن تولۇپتۇ. ئۆمەكنىڭ دىرامما ئىشلەش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى مۇشۇ فىلىمدا بولسىمۇ ئۆزگەرتىۋالاتتى. بىلمىدىم بۇ فىلىمدا يۇرت ئاتىسى بولغان يۈسۈپ ۋاڭ بىر چىمۇدەن ئۈچۈن ئۆز قىزىدىن كېچىدىغان ئىسلامغا، ئۇيغۇرغا يات كۆرۈنۈشنى يەنە ئىشلەمدىكىن؟...مەنغۇ ئۈرۈمچىدە دىراممىسىنى كۆرگەندە بىر نەچچە يېرىدە تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن، لېكىن، بۇ دىراممىدا نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خاتا ئېلىنغانلىقىنى چوڭلاردىن ئاڭلاپ دىرامما ئىشلىگەن مەسئولىيەتسىز كىشىلەرگە غەزەپلەنگەنتىم.دوستلىرىممۇ ئۇنى بۇنى دەپ غەيۋەت قىزىقچىلىقىدا قومۇلغىمۇ تېزلا كىرىپ كەتتۇق. كەلگىنىمدە ئىش ئورنۇمدىكى مۇھىم ئىشمۇ تۈگەپ بوپتۇ. كەچ بولدى، يالغۇز خانەمدە ئۇيقۇغا غەرق بولدۇم. شۇ كۈنى چۈشۈمگە مەردان بىلەن چىمۇدەننىڭ مەقبەرىسى كىرىۋېلىپ، سۈر بېسىپ زادىلا ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. كىچىكىمىزدە ئاشۇ مەقبەرە قويۇلغان ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى تاشلىقنىڭ يېنىغا يالغۇز-يېرىم بارالمايتتۇق، چوڭلارنىڭ دېيىشىچە بۇ يەر ئىگىلىك يەر ئىكەن. تاڭغا يېققىن ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈم يەنە داۋاملاشتى، بىر ئازاپلىق يىغا ئاۋازىدىن قاتتىق چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ كەتتىم. بۇ ئاۋاز چوقۇم يار ۋىسالى ئۈچۈن، ھۆرلۈك يولىدا كۆرەشكەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز چىمۇدەننىڭ ئاۋازى . چۈنكى ئۇ گۈمبەز تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. بۇ چۈشنى كۆرگىلى ھەپتە كۈن بولغان بولسىمۇ بۇ ئاۋاز ھېلىغىچە قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرىۋاتىدۇ.
2014.9.3 |
|