- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4256
- نادىر
- 1
- يازما
- 241
ئۆسۈش
  75.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 18:24
دىرامما ئىشلەنگەندە يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى زۆھرە دەپ ئېلىنغان بولۇپ ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس ئىكەن، شۇنداق شەكىلدىكى نۇرغۇن تەكلىپ پىكىرلەر ئۆمەكنىڭ غوجىلىرىغا ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولغان.
قومۇللۇقلار زۆھرەنى زورەم دەپ ئىشلىتىدۇ، زورەم ئىسىملىكلەر ئۈرۈمچى دېگەندەك يۇرتلارغا چىقىپ قالسىلا ئاندىن ئىسمى زۆھرە بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئەجىبا يۈسۈپ ۋاڭنىڭ مەلىكىسى باشقا شەھەردە چوڭ بولغانمىدۇ؟!
قومۇل مۇقاملىرى قومۇلغا خاس بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەتىۋارلىقتۇر. قومۇل كىيىم-كېچەك، شىۋە-سۆزلىكلىرىمۇ ھەم شۇنداق. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاممىنىڭ پىكىرىنى چوقۇم ئاڭلىشى كېرەك. فىلىم چىقىپ بولغاندىن كېيىن تور، مۇنبەرلەردە ئۇر توقماققا چۈشۈپ كەتسە چاتاق بولىدۇ. |
|