- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1.ئادىرىس بولسا بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ بىر قىسمى . بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسا ۋاي شەھەرلەشتۇقيەي دەپ پەخىرلىنىپ كەتكەن بىلەن شەھرىمىزدە ئاھالىلەر ئادىرسىمىزنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسەلىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . ئادرىسىنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقى دىگىنىمىزدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت . مەھەللىنىڭ ،ياكى كىچىك رايۇنچاقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولماسلىقى بولسىمۇ داۋۇزلارغا ئۇيغۇرچە يېزىلماي تاق ھالدا خەنسوچە يېزىلىشى ، گەرچە قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەت ياقا مەھەللسى ۋە دورىلۇق قاتارلىق بىر قانچە مەھەللىلەرگە ئۇيغۇرچە خەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ ، (ئەمىليەتتە ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇنچىلىك قىلغانغىمۇ بۆكۇمنى ئاسمانغا ئاتقان ئىدىم ) ئەمما قېلىپلىشىش دىگەنلىك تازنىڭ بىېشىدىكى تۇكتەك نەچچە يەرگە ئۇنى بۇنى قىلىپ قويۇش دىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئۆلچەملىك قانۇن نىزاملارغا ئۇيغۇن ھالەتتە پۇتكۇل قومۇل شەھرىنى قاپلاش دىگەنلىكتۇر .
2.ئەمدى خېلى كۆپ مەھەللىلەردە ئۇيغۇرچە مەھەللە نامى يېزىلغان بولسىمۇ بىراق ئا بىنا ما بىنا دىگەن يەرگە كەلگەندە خىلمۇ خىل بىنا بەلگىلەرنى چاپلاش بەزىلىرى ئالتە يەتتە مىتىر ئىگىزلىككە چاپلىسا بەزىلىرى پەسرەك چاپلاۋاتقان ، مۇتلەق كۆپ بىنالارنىڭ بىنا بەلگۇسىدە ئۇيغۇرچە خەت چورت يوق . ئەمما بۇ بىنالاردا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ، ياكى ئۇيغۇر خەنسو ئورتاق ياشاپ كىلۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بىنالاردىكى مەۋجۇتلىقى ئاشۇ بىنا بەلگىلىرىدە ئىپادىلەنمەيۋاتىدۇ . بۇنىڭدا يۇغان گەپ قىلساق ئاپتۇنىمىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن بولمىسا ،كىچىك گەپ قىلساق ئاشۇ بىنادىكى ئۇيغۇرلارغا قۇلايسىزلىق ھەم مەلۇم دەرىجىدە كەمسىتىش ئېلىپ كەلمەكتە .
3.ئەمدى دەنيۇن يەنى بىنا ئۆينىڭ قوۋۇق لارغا كىلەيلى ، بۇنىڭدا قومۇلدا يۇز پىرسەنىت خەنسوچە يېزىلغان دەپ ئېيتالايمەن .
4. دىمەك قومۇلدا مەھەللە نامى داۋۇز ----- بىنا نامى بىنا بەلگۇسى ---------دەنيۇەن نامى قوۋۇق -------------ئىشىك مانا بۇ يەرگە كەلگۇچە قومۇلدا ئادىرس قېلىپلاشماسلىق ، مالماتاڭچىلىق ئۇيغۇرچە خەت يېزىق چەتكە قېلىقلىشى سىلىق دىسەك ئېتۋارغا ئېلىنماسلىق مەۋجۇت .
5. يەنە دىسەك يەنە شۇ گەپ بۇ ئادىرىس دىگەنلىك ئاشۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنىڭ بىر قىسمى ، شۇڭا قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ قومۇلدىكى ئاھەللە ئادرىس قېلىپلاشتۇرۇش ئىشىغا كۆڭۇل بۆلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن . ئەلۋەتتە قېلىپلاشقاندا يەنە ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى تاختا بېىشغا ئەپ قويۇپ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار قايتا سادىر بولۇپ قالمىسا دەيمەنغۇ ...........................
|
-
-
|