- تىزىملاتقان
- 2011-6-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8126
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
  62.52%
|
گەرچە قومۇللۇق بولساممۇ موشۇ توخو تۇر نامى ئاستىدىكى يازمىلارغا بىردەك قارشى پىكرىمنى بىلدۇرىمەن . نىمىشقا دەمسىلەر ؟ قايسىلا تېمىسى بولمىسۇن قومۇللۇق ، بىزنىڭ قومۇل دىگەندەك پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋېلىش خاھىشى كۈچلۈك . بۇخىل خاھىش باشقىلارنى تېزلا كىشىنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئۇقۇشماي كىرىپ قالغاندەك ياكى بولمىسا مەن ئوشۇقچىكەنمەن دىگەندەك ئويغا باشلايدۇ . ھەممىمىزگە شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى باغداشنىڭ بۇگۈنكىدەك شۆھرىتى قانداقتۇ ‹‹ باغداش تۇر بېكىتى ››نى قۇرغۇچىسىنىڭ قومۇللۇق بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ( مەيلى قايسى يۇرتتىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر ) ئادىللىقى ، دادىللىقىدىن شۇ ئارقىسىدا بىلىمخۇمار ، ھەق ياقلىغۇچى تور ئەھلىنىڭ تەدرىجى ئاساستا ‹‹ باغداش ›› نامى ئاستىدىكى بۇ مەۋھۇم بوشلۇققا يىغىلىپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا كەلگەن . ناۋادا داۋاملىق تۈردە مانا موشۇنداق ئۆزىنىڭ يۇرتىنىلا مەركەز قىلىۋالىدىغان تېمىلار داۋاملىق يېزىلىۋېرىدىكەن كېسىپلا ئېيتىشقا بولىدىكى باغداش ناھايىتى تېزلا كۆپ قىسىم قوللىغۇچىلىرى ، ئەزالىرى ، يىغىپ ئېيتقاندا خېرىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن . مەيلى قايسى يۇرتتىن بولمايلى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئومومەن ئوخشاش . ئومومىلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىش مەنچە دوسلار ئارا پىكىرلىشىش يولىمىزنى تېخىمۇ بەك كېڭەيتكۈسى دەپ قارايمەن . |
|