- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1233
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
  23.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ABDILKERIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 19:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئېگىسى يۇقارقى بايانلىرىڭىزدىن سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنىڭ ناھايىتى توغرىلىغىنى چۇشۇنىۋالغىلى بولدۇ . بىراق چۇشەندۇرۇش ئۇسۇلىڭىز ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس . بىز ھازىرقى مائارىپ تۇزۇلمىسىنى مىڭ سوزلىسەكمۇ بۇ ھەممىمىزگە ئايان .بۇ خىل چۇشەندۇرۇش بەرىبىر ئاقمايدىغان قۇرۇق گەپ . گەرچە ئىككىمىزنىڭ مەقسىدى بىر بولسىمۇ ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىسىغا بولغان چۇشەنچىمىز ئوخشىمايدۇ .
مەن ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئازراق سوزلەي :-
بۇ سىياسەت بىز ئۇيغۇرلاغىلا ئەمەس پۇتۇن مەملىكەت خارەكتىرلىك سىياسەت. بىزگە ئېغىر كەلگىنى تىل مەسىلىسى . باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق مىللىتىدىن تېنىپ كەتكەنلەرنى تېخى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ يەردىكى مەسىلە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق باشقىلار تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ۋە باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى سىڭدۇرۇپ ئۇز مەدىنىيىتىنى ئۇنتۇپ قىلىش. مانجۇلا بىلەن ئىندىئانلانىلا كورمەي ھازىرقى تاتارلا بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىردىكى يەھۇدىلاغا ، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرمىزغا قارىساق بۇلدۇ. ئاۋۋال يېزىق ، تىل ، مەدىنىيەت، ئاندىن مىللەت يۇقۇلدۇ دىگەن سەپسەپە ماركىسنىڭ نەزىريىسى. بىزنىڭ تىلىمىز يېزىقىمىز مەڭگۇ يۇقالمايدۇ .چۇنكى بىزدە نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن ئىتىقات قىلدىغان دىنىمىز بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئانچە ئاز خەقمۇ ئەمەس. ھازىر مائارىپتىن ئۇمۇتسىزلىنىپ پۇتۇنلەي تاشلاپ بىردىغان ۋاقىت ئەمەس.مەيلى نىمىلا بولسۇن يەنىلا تىرشىدىغان ۋاقىت . مۇشۇنداق شارائىت ئىچىدىن ئۇزگىچە مائارىپ ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىت .يەنى ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىنىڭ ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان ۋاقتى.
مانا مۇشۇنداق دىگەندە ئۇقۇتقۇچىلانىڭ يۇكىمۇ سەل يىنىكلەيدۇ . ھازىرقى مائارىپ تۇزۇلمىسىگە بولغان نارازلىغىمىزمۇ سەلپەل پەسىيىدۇ .
|
|