- تىزىملاتقان
- 2011-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1121
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
  12.1%
|
ھەي، قىرىنداشلىرىم ،بۈگۈنكى كۈنلىكتىمۇ يەنىلا يۇرتۋازلىق قىلساق قازاق ۋە باشقىلار بىزنىڭ نادانلىغىمىزدىن مەسخىرە قىلىپ كۈلمىسۇن! ھىلىمۇ بىز يۇرتۋازلىقىنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەردە يۇرتۋازلىق مەۋجۇت ئەمەس، بۇ بىزدىكى ئەڭ- ئەڭ ناچار ئىللەت تۈگتمىسەكلا بۇلمايدىغان ناچار ئىللەت. بىر مىللەت ئۈز ئارا ئۈم- ئىناق بۇلۇپ بىرلىكتە يىتەرسىزلىكلەرنى چۈرۈپ تاشلاپ، ئىلىم بىلەن قۇراللانغاندا ئاندىن شۇ مىللەت رۇناق تاپالايدۇ، گۈلىنەلەيدۇ. ئىلگىرى مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان چېغىمدا،شۇنداقلا يۇرتۇمدىكى كىشلەر قەشقەر، خۇتەننىڭ ئادەملىرىن ئۈچ كۈردىغان ئادەت بار ئىدى ،ئۇيلىسام مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلىپتىمەن، نادانلىق قىلىپتىمەن، ئۇلۇق ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەزالىرىنى، ئۈز مىلىتىمنىڭ ئەزالىرىنى ، قېرىنداشلىرىمنى ئۈچ كۈرۈپتىمەن، ئەتراپقا قارىساق، مەن ئۈرۈمچىدە مەكتەپتە ئۇقىۋاتقاندا قازاقلارنىڭ ئۈز- ئارا ئۇرۇشۋاتقان، يۇرتۋازلىق قىلۋاتقان ئىشلارنى پەقەتلا ئۇچراتمىدىم. دۇنيادىكى كۇپلىگەن مىللەتلەردە يۇرتۋازلىق مەۋجۇت ئەمەس. بۇ نادانلىقىنى بىز داۋاملاشتۇرساق قەتئىي بۇلمايدۇ، ئاتا- بۇۋىلىرىمىزغىمۇ يۈز كىلەلمەيمىز. بىز تارىختا ياشىغان داڭلىق كىشلىرىمىزنى قانداقتۇر ئۈز يۇرتلىرىمىغا تەۋە قىلىشىنى ئەمەس، قانداق قىلسام ئۇيغۇرۇمنىڭ ساپاسىنى ئۈستۈرمەن، پەن - تېخنىكا بىلەن قۇراللىنىپ ئۇيغۇرۇمنى گۈللەندۈرمەن، ئۇيغۇرمدىكى ناچار ئادەت ۋە ئۈرۈپ -ئادەتلەرنى قانداق قىلىپ تۈگىتىش كېرەك؟ دىگەنلەرنى ئۇيلىشىمىز كېرەك. بىز پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك كىشلىرىمىز قايسىلا يۇرتتىن چىقمىسۇن ئۇلار بارچە ئۇيغۇرمنىڭ پەخرى، شىنجاڭدىكى قايسىلا يۇرت بۇلمىسۇن بارچە ئۇيغۇرۇمنىڭ ئانا يۇرتى. مەن گەرچە ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى قەشقەرلىك بۇلمىغان بۇلساممۇ قەشقەرنى، شىنجاڭدىكى بارچە يۇرتلارنى ئانا يۇرتۇم دەپ قارايمەن. |
|