- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16407
- نادىر
- 2
- يازما
- 712
ئۆسۈش
  16.02%
|
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى yuzbexiدە2011-07-12 04:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئىلى دىيارىدا مەشھور كىشىلەردىن ئاتىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدا يوقۇرى مەرتىۋىسى بىلەن ئاتىلىشى بىزنىڭلا ئەمەس پۇتكۇل ئۈيغۇرنىڭ شان-شەرىپىدۇر . يۇرتۋازلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېلىپ ئېيتقاندا يوقىرىدا ئىسمى ئاتىلىپ ئۆتكەن ئۈچ كىشىنىڭ مەشھور ئاتىلىشىدا <<يىلتىز يۇرتىغا >>قارىغاندا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆسۇپ چوڭ بولغان ،شۇكىشىلەرنىڭ ياشاپ ئۆتكەن مۇھىت شارائىتىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمەن ، ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ئۇلارنىڭ ئەجدادىنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقچى ئەمەسمەن . يېتۇك ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ : ئەگەر ئىت يولۋاسلار بىلەن بىللە چوڭ بولسا ئۇ ھالدا ئۇ يولۋاستەك بولىدۇ . ئەگەر يولۋاس ئىتلار بىلەن بىللە چوڭ بولسا ئۇ ھالدا ئۇ ئىتتەك لالما چوڭ بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان ھەقىقەتنى قالدۇرغان .ئىلى دىيارى قەدىمدىن بېرى ھەق ياقلىغۇچى يۇرت سۆيەر باتۇرلارنىڭ ماكانى . شۇنداق بولغاچ بو ماكان بىزنىڭ يوقارقى كىشىلىرىمىزگە خۇددى << ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز >>دىگەندەك يارىشىپ ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرالىغان دەپ قارايمەن .
ئەسكەرتىش : گەپ -سۆزلىرىمدىن يۇرتۋازلىق پۇرىقى چىقىپ قالغان بولسا << پۇھ >> دەۋېتىپ ئۆتۇپ كېتەرسىزلەر . يۇتۋازلىق ئىتپاقسىزلىقنىڭ ئاشنىسى .
گەپنى باشلاپ قويۇپ كەينىدىن ئەسكەرتكەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆزى باشقىلارنىڭ يۇرتۋازلىق تۈسىنى ئالغان ئىنكاس يېزىشىڭىزغا سەۋەپ بولغاندەك تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز، ۋايىم يەيمىز. لېكىن تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا بىز يەنىلا بىر پەلەكنىڭ خەمەكلىرى. ئاپتورمۇ بۇ تېمىنى ھەرگىز يۇرتۋازلىق قىلىپ يازمىغان، شۇڭا ھەممەيلەن توغرا پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرايلى! |
|