- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2083
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  2.77%
|
بىر تونۇشۇمنىڭ سادىر پالۋاننىڭ نەۋرىسىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان بايانلىرى:
ئەينى ۋاقىتتا سادىر پالۋاننىڭ مەقبەرىسى تۇرغۇزۇلماقچى بولغاندا ھۆكۈمەت تەرەپ:بۇ كىشى ۋاپات بولغىنىغا يۈز يىللارچە بولدى،سۆڭەكلىرى چوقۇم تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى،تاپقىلى بولمايدۇ،شۇڭا مەقبەرىنى تىكلەپلا مۇشۇ قەبرىسى شۇ دەپ ئىلان قىلىۋىرەيلى دىگەندە ،بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلمىغان ۋە قەبرىنى ئاچقان،سۆڭىكىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ دىگەن زاتنىڭ جەسىدىنىڭ قىلچە ئۆزگەرمەي شۇ پىتى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ياقىسىنى تۇتۇپ قىلىشقانكەن،چاچ تىرناقلىرى شۇنچىلىك ئۆسۈپ كەتكەن بولسىمۇ جەسىدى ئازراقمۇ چىرىمىگەن ئىكەن،ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئوڭ قول كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا قاراشقان(سادىر پالۋان بىر قىتىم تۇتۇلۇپ قالغاندا ئۇنىڭ شۇ بارمىقىدىن ئىسىپ قويۇشقانكەن،لىكىن باتۇرىمىز بىر بارمىقىنى كىسىۋىتىپ يامۇلدىن قاچقانكەن)شۇ بىر بارمىقىنىڭ يوقلىقىغا ئاساسەن دەل سادىر پالۋاننىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشقان ئىكەن،ھەيرانۇ ھەس قىلىشقان ھالدا جەسەدنى ھازىرقى يىڭى مەقبەرىگە يۆتكەن ئابىدە تىكلىگەن ئىكەن.
گۈزەل ئىلى دىيارىغا بىرىپ سۇلتان ئۈۋەيسخان،بوۋىمىز سادىر پالۋان ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى،مىللىي ئارمىيە قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇيۇم تولىمۇ كۈچلۈك بولسىمۇ ھېچ بىر پۇرسىتى بولمايۋاتىدۇ،ئاللاھ نىسىپ قىلسا رامىزاننى سالامەت ئۆتكۈزىۋالغاندىن كىيىن چوڭلارنى ئىلىپ بىرىپ كىلىش خىيالىم بار |
|