- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
مەن غۇلجىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تۇپراققا قەدەم بېسىشنى خېلىدىن بېرى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ ھازىرغا قەدەر بېرىش پۇرسىتى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ماڭا نېسىپ بولمايۋاتىدۇ. بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئەشۇ ئۇلۇغ قەھرىمان بوۋىمىز ياشىغان ئەشۇ يالقۇنلۇق تۇپراققا قەدەم باسقاندەك بولدۇم، تېما ئىگىسى «ئەركىم» ئەپەندىنىڭ بۇ مېھنەتلىك- ئەھمىيەتلىك تېمىسىغا مىڭلاپ تەشەككۈر!
«سادىر مەنۇ سادىر مەن، سادىر بولماي كېمىڭمەن؟ تاغ يولىنى سورىساڭ، ھەممە جاينى بىلۇرمەن»... مانا بۇ مىسرالار بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىغا كىرگەندە «ئېلىپبە» دەرسلىكىدە تۇنجى يادلىغان شېئىرلارنىڭ بېرى، شۇندىن بېرى بۇ ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمانىمىز توغرىسىدىكى ھەر بىر جۈملە سۆز، ھەر بىر پارچە ماقالە- ئەسەرلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ كەلمەكتىمەن، بۈگۈنمۇ بۇ تېمىدىن تولىمۇ چەكسىز روھىي ئوزۇق ئالدىم. |
|