- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1690
- نادىر
- 2
- يازما
- 99
ئۆسۈش
  69%
|
XIRAQ يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 15:24 
ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز سەمرىپ كەتكىنىگە كۆڭلى يېرىم بۇ رىيا ...
سىز بىر پىروگراممىنى تەستىق ئېلىپ ئېچىش شۇنچە ئاسان دەپ قارامسىز؟ مەن بىر ئاخبارات خادىمى، بىر يېڭى پىروگراممىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جەريان كېتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەخسۇس پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىش تېخىمۇ قىيىن، ئاران تەستە تەسىس قىلىنغان پىروگراممىنى يوقىتىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشمەي، ئىسلاھ قىلسىلا بولدى ئەمەسمۇ، مەسلەن، ئاشۇ پىروگراممىنىمۇ تەلەي يۇلتۇزىدىكىگە ئوخشاش تاماشىبىنلارغا بىلىم ۋە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان، مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك قىلىپ ئىشلىسە بولىدۇ، جەنۇبى شىنجاڭلارغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز قىرىلىدا ئۆتكۈزسە بولىدۇ ياكى شۇ يەرلەردە كۆرۈنۈش ئېلىپ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتسە بولىدۇ، شۇڭا ئاران تەسىس قىلىنغان پىروگراممىنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستۇرۇشقا ئالدىرمايلى قېرىنداشلىرىم! |
|