- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1690
- نادىر
- 2
- يازما
- 99
ئۆسۈش
  69%
|
otmuxum يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 13:40 
ئەگەر يېڭى ناۋا پىروەراممىسىدا شەمسىيە بولمىسا باشقا ...
بۇ پىكىرنى قوللايمەن، مېنىڭچىمۇ شەمسىيە ئەبەيدۇللا ناۋادىكى ئەڭ ياخشى رىياسەتچى. ئۇنىڭدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى باشقا رىياسەتچىلەردە يوق بولغان كەمتەرلىك، ساخاۋەتخۇمارلىق بار. بىز ئادەتتە تېلېۋىيە ئىستانسىسنىڭ رىياسەتچىلىرىنى ئاددىي ئاۋام ئارىسىدا ئانچە چېلىقتۇرالمايمىز، ئەمما شەمسىيە ئەبەيدۇللانى دائىم چېلىقتۇرالايمىز، ئۆتكەندە كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندە شەمسىيە ئاپەت نەق مەيدانىغا ئەڭ بۇرۇن بېرىپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ، دەردىگە دەرمان بولدى، تامچە سۇدىن قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىسلەتلىرى مەۋىج ئۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئىنكاسچىلار ئىشلارغا ئەتراپلىق قارايلى، بىر ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، زىغىرىغا تېگىش تولىمۇ نومۇسسىزلىق، ئاشۇ كىشى ناۋادا سىزنىڭ ئاچا - سىڭىلىڭىز بولۇپ قالسا ياكى ئۆزىڭىز بولۇپ قالسىڭىز قانچىلىك ئازابلىنار بولاتتىڭىز ھە. شۇڭا ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى كەمتۈك تەرەپلەر بولسا سەمىمىيلىك بىلەن تۈزىتىش پىكىرى بەرسەك ئۇنىڭ ئىلگىلىرىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، بولمىسا تولا پاساڭ باسمايدىغان ۋاششاڭ گەپلەرنى قىلماي، ئەل ھۆرمەتلىگەننى تەڭ ھۆرمەتلەيلى، مېنىڭچىمۇ، مۇبادا ناۋادا بىرلا رىياسەتچى قېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ دەل شەمسىيە ئەبەيدۇللا بولۇشى كېرەك! |
|