- تىزىملاتقان
- 2014-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 160
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  53.33%
|
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا، دېمىسىمۇ ھازىر ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيلەشتە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. مەن بالامغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەننىڭ پايدىسىنى كۆردۈم، بالام 2.5 ياشقا كىردى، تىلى پۈتۈن چىقىپ بولدى، بەزى جۈملىلەرنى دېسە ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ، ھازىر بالام كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، ساۋادىنى تېخى چىقارمىغان بولساممۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئۆزى ۋاراقلاپ ھىكايىسىنى دەپ بېرىدۇ، بەزىدە مېنى بىللە ئوقۇشقا چاقىرىدۇ. بالا بىلەن كىتاب ئوقۇپ بېرىش، بالا بىلەن بىرگە بولغاندا ئاتا ئانا ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئوقۇشمۇ، بالىنىڭ كىتابغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئاشۇرىدىكەن، بالا كىتاب ئوقۇشنى تەبىئى ياخشى كۆرىدىكەن. ھازىر كىتابخانلاردا بالىلارغا ئائىت ئەقلى قابىلىيىتىنى ئاچىدىغان 0 ياشتىن 7 ياشقىچە بالىلارنىڭ كىتابلىرى، بويايدىغان كىتابلىرى بار. ئاتا -ئانىلار شۇنىڭدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. ھەم شۇنداقلا سۇمەييە قوش تىل ئەنگۈشتەرى دېگەن ماتېرىيالنى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. 2.5 ياشقا كىرگەن بالام ئۆزى مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. ئىچىدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ، كىتابىنى چېكىپ ئوقۇيدۇ. بۇمۇ ياخشى ئىكەن. پايدىلانساڭلار بولغۇدەك. |
|