- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4541
- نادىر
- 0
- يازما
- 152
ئۆسۈش
  84.7%
|
رەخمەت سىزگە.شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ، قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن نادىر تىمىلارنى سۇنۇپ بىرىۋاتىسىز.
دىمىسىمۇ كىتاپ ئوقۇش ھەقىقەتەن بىر ئىنساننىڭ ساپاسىنى،بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يىڭىلىنىشىنى ئىلگىرىسۈرىدۇ.بولۇپمۇ ئانا بولغۇچى بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بىرىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارىسا شۇ ئۇلۇق ئانىنىڭ بالىسى چوقۇم كەلگۈسىدە بىر كىتاپ خۇمار بولۇپ چىقىدۇ.
بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ باللار ئوقۇشلىقىغا ناھايىتى كۆپ چىقىملارنى قىلىپ ،رەسىملىك،قىزىقارلىق ،يۇمۇرلۇق،تەربىيە ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولغان نۇرغۇن بالىلار ئوقۇشلىقىنى بىسىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى بىيىتىۋاتىدۇ.لىكىن شۇ چوچەكلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىتاپلارنى قانچىلىك ئاتائانىلار باللىرى ئۈچۈن ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ؟ بالىلىرى بىلە بىرلىكتە ئوقۇۋاتىدۇ؟باللانى تەربىيەلەشكە كىچىكىدىن ئەچمىيەت بەرمەي ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ يۇقۇرى ئۆرلەش ئىمتىھانىدا بولسۇن،ياكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولسۇن ،ئىمتىھان مەيدانىغا كىلىۋىلىپ ، بالىلىرىغا ‹‹كۆڭۈل ›› بۆلىۋاتقانلىقىنى ‹‹كۆز كۆز››قىلىشقاندەك ‹‹گۈل››لەرنى ئىلىشىپ ،سوۋغا قىلىپ كىتىشىچۇ؟ھەيرانىمەن.ئاندىن نەتىجىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ، ئۆيدە بالىلىرىغا تاپا تەنە قىلىشى،سىرتتا بولسا ‹‹ئارقا ››ئىشىك ‹‹ئىزدەپ›› ،‹‹يالۋۇرۇپ ›،يۈرگىنى يۈرگەن.باللاغا ھەمرا بولۇپ ئۈگىنىش تۇرمۇش ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغاندا ،تۈگىمەس‹‹قاتار چاي››،‹‹كورىيە ››نىڭ ئايىغى چىقمايدىغان ‹‹مازغاپ››تىلۋىزىيەلىرى‹‹قىممەت››لىك ۋاختىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،‹‹ئالدىراش››قىلىۋىتىدۇ.ئاخىرىغا كەلگەندە ....
كىتاپقا كەلسەك ،مەملىكىتىمىزدا ‹‹قەغەز››چىلىك ‹‹بەك››تەرەققى قىلغانلىقى ئۈچۈن ، كىتاپنىڭ تەننەرقى ئىنتايىن تۆۋەن.ئەرزان.ناھايىتى قىممەت دىگەن كىتاپلارمۇ بىر كىلو گۆشنىڭ پۇلىدىن ئەرزان.
|
|