- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11410
- نادىر
- 0
- يازما
- 594
ئۆسۈش
  3.53%
|
تەنتەربىيە دەرسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاللىقاچان خۇلاسىلاپ بولغانسىلەر ؟ تارىخ ،جۇغراپىيە دەرسلىرىدىن كەينىدىرەك ئىمتىھان ئالغاچقا شۇ گۇرۇپا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تېزراق ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەكشۇرۇپ تۇگۇتۇپ، تەتىلگە تېزراق چىقايلى دەپ سىزنى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۇرۇشكە ياردەمگە چاقىرسا بويۇنتاۋلىق قىلغىنىڭىز قاملاشماپتۇ . دەرس مەزمۇنىنى بىلمەيمەن دېسىڭىز سىزنى جاۋاپ تاللاش ،ھۆكۈم قىلىش ، تۇتاشتۇرۇش دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تەكشۇرۇشكە سېلىپ قويار ئىدى . چۈنكى ئۇنداق سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئۆلۈك بولىدۇ ،ئۆلچەملىك جاۋابىنى كۆرۇۋالسىڭىزلا ئاپتۇماتىك تەكشۇرۇپ كېتەلەيتتىڭىز ئەمەسمۇ ؟ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بولغاچقا مەنمۇ ئوخشاشمىكىن دەپ يېزىپ قويدۇمغۇا ئەمدى .بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ، گۈزەل -سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى دېگەنلەرنى ياردەمگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا سىزگە ئوخشاش قىلمايمەن دېمىدى ،بەلكى قىلىمەن دەپ قويۇپ ،قېچىپ كېتىپ ،ھېچبىر ياردەم قىلمىدى . چۈشلۈك دەم ئېلىش ،كەچلىك ئارام دېگەنلەرنى تەرك ئېتىپ مىڭ تەستە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەكشۇرۇپ تۈگەتتۇق .مۇاۋىن مۇدىرغا دېسەم مەن چاقىراي دەپ تېلىفۇن قىلسا ئالماپتۇ . كەلمىدى. لېكىن بىزگە ئىككى ئېغىز ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى ، ھېلىقى تۇتۇق بەرمىگەن ئوقۇتقۇچىلارغا تەنقىد دېگەن يوق . خىزمەتلەرنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇش بولمىسىمۇ بىزغۇ مۇشۇنداق ئىشلەيدىكەنمىز ،لىكىن كېيىنكى تەسىرى ياخشى بولماي خىزمەتلەر ئاقساپ قالغاندا جىدەلنىڭ چوڭى چىقىدۇغۇ . |
|