- تىزىملاتقان
- 2013-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1104
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
  10.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 18:26
كۆرۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن بولسا بۇ تېمىنى يوللىمىغان بولاتتى .
ئاڭلىشىمچە ، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش ئۈچۈن كونا ئىشخانىنى چېقىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، ئىشخانىنى باشقىلارغا كۆتۈرە بىرىپ چاقتۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما مەكتەپنىڭ ئىقتىسادىنى «تېجەش» ئۈچۈن چېقىش ھەققىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قالغان . بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان بىر ئوقۇتقۇچى «تام چاققان پۇلنى كىم تۆلەيدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ ، ۋىلايەت دەرىجىلىك گېزىتتە ئېلان قىلدۇرغان . ئەلۋەتتە ، مەكتەپمۇ بۇ گېزىتكە مۇشتىرى بولغاچقا ، مۇدىردىن بۇرۇن كۆرۈپ قالغان يەنە بىر ئوقۇتقۇچى شۇ ماقالە بار سىتوننى ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنىدىغان قىلىپ قاتلاپ مۇدىرنىڭ ئىش ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش مۇدىر بىلەن ئاپتۇر ئوتتۇرىسىدا بىر كۈن دەرس توختۇتۇپ دىگۈدەك ئېلىپ بېرىلغان «مارافۇنچە جىدەل» گە سەۋەپ بولغان . |
|