- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18789
- نادىر
- 0
- يازما
- 870
ئۆسۈش
  21.97%
|
بۇ ئىش ئەسلىدە ئۇنچە چىگىشمۇ ئەمەس. پەقەت ھەر-كىم دېگىنىگە ئېگە چىقسا ۋە مەردانە يۈزلىنەلىسىلا..!
ئەسلىدە قاسىمكامنىڭ مۇنبەرلەرگە تېما يوللاپ ئۆز ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە جەمىيەتكە ئۇچۇر بېرىشى، ئېدىيىسىنى جامائەتكە تونۇشتۇرىشى، ھەتتا ئىلمىي بىر ھەمكارلىق قۇرۇپ ئاممىۋى پەن-تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش تەشەببۇسلىرى پۈتۈنلەي نورمال، قانۇنلۇق ھادىسە ئېدى. بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئېلىم ساھەسىىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن ئېدى. بۇ تەرىپىنى ھوشۇر ئىسلام، تاشپولات روزى ، قاتارلىق نۇرغۇن جامائەت ئەرباپلىرى، مۇتەخەسىس-ئاكادېمىكلار ئېتراپ قىلغان، مەركىزى خەلىق رادىئوسى ،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيىسى قاتارلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىمۇ جامائەتكە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ئېدى.
دېمەك قاسىم سىدىق ھادىسىسىگە قارىتا ئاللىبۇرۇن ئاساسى جامائەت پىكىرى شەكىللىنىپ بولغان ئېدى.
لېكىن دوكتۇر ئاسپىرانت جېك ۋە بىلىمخۇمار ئاكىدەك جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى بار ئاكادېمىك شەخىسلەر ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردىكى ئالىم-مۇتەخەسسىلەر ۋە ۋە كۆپچىلىك جامائەتنىڭ پىكىر-تونۇشى بىلەن ھېسابلاشماي ناھايىتىمۇ يەڭگىللىك ۋە ئۇچىغا چىققان تومپايلارچە پوزىتسىيە بىلەن جەمىيەتتە كەڭتەسىر قوزغىغان قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئېنكار قىلدى. بۇ دەل مەسىلىنىڭ تۈگۈنى.
جەمىيەتتە تۈرلۈك ھادىسىلەر پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلۇپمۇ « قاسىم سىدىق ھادىسىسى» دەك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا جېك ۋەبىلىمخۇماردەك دەۋىر ئاۋانگىراتلىرى سانىلىدىغان شەخىسلەر چوقۇم ئاساسى جامائەتنىڭ رايى ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردىكى ئالىم-مۇتەخەسىسلەر بىلەن ماھىيەتلىك پوزىتسىيە -تونۇش بىردەكلىگىنى ساقلىشى كېرەك ئېدى. ئۇنداق بولمىغاندا «قاسىم سىدىق ھادىسىسى» دەك ئەھۋاللار تەرەققى قىلىپ ئېلىم ساھەسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشلىرىغىچە راۋاجلىنىشى مۈمكىن. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ زېيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىلىرى ئەلبەتتە يەنىلا ياشلار بولۇپ قالىدۇ. |
|