- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51393
- نادىر
- 0
- يازما
- 5390
ئۆسۈش
  0%
|
ھاۋالىق شارائىتتا بىر مىتىر 36سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىن مىنۇتىغا 6000قېتىم ئوز ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ ئەركىن تاشلىغاندا يەتتە يېرىم مىللى ئاغىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردۇق. ۋە 4-ئاينىڭ 29- كۈنى ھاۋالىق شارائىتتىكى سىناقنى رەسمى توختاتتۇق. ۋاكئوم تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كىيىن 30-چىسلادىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ۋاكىومدا سىناپ كۆردۇق. نەتىجىدە ئۆز ئوقىدا پىقىرىتىپ ئەركىن تاشلانغان پولات ساقىنىڭ ۋاكىومدىمۇ ئاغىدىقانلىقى تولۇق ئىسپاتلىنىپ چىقتى. يەنى ھاۋالىق شارائىت بىلەن ئوخشاش بولغان شەرت ئاستىدا ۋاكىئومدا بەش مىللىمىتىر ئەتراپىدا ئېغىپ چۈشتى. دىمەك ھاۋانىڭ تەسىرى تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە يەكۈنلەندى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مېنىڭچە يۇقۇرقى 5مىللىمىتىر قىممەت ئەڭ كىچىك قىممەت بولۇپ قېلىشى ،ئوخشاش شەرىت ئاستىدا ۋاكىئومدىكى ئېغىشنىڭ قىممىتى بۇنىڭدىن كىچىك بولماسلىغى مۆمكىن.بۇنداق دەپ قاراشتىكى ئاساسىم،شارچە تۇۋەنگە ئۇلچەملىك تاشلاندى دەپ قارالغان ئەھۋالدىمۇ ئەركىن چۈشمەي تۇۋەنگە ئېتىلغان ھالەتتە چۈشىدۇ.بۇ ھالدىكى تىزلىك ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ تىزلىكىدىن چوڭ بۇلۇشى،سىزىقلىق تىزلىك ئېشىپ كېتىشى تەبىئى.قارىغاندا مۇشۇ 5مىللىمىتىر ئاساسىدا سىناق تەرىقىسىدە ماتىماتىكىلىق ھېساپلاش ئېلىپ بېرىلسا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.كىيىن بۇ سانلىق قىممەتتە ئۆزگىرىش كۇرۇنسە يېڭىسىنى ئورنىغا قويسىلا بولىدۇ.چۈشۈش ئارىلىغى 1مىتىر 36سانتىمىتىر.شارچە مىنۇتىغا 6000قېتىم ئايلاندۇرۇلغان.ئېغىش قىممىتى 5مىللىمىتىر.شارچىنىڭ ئېغىرلىقى 295 گىرام. دىامىتىرى 52.16 مىللىمىتىر.
|
|