(ئا) غۇلجا تەشنالىغى
******************
كىچىك چاغدا بوۋام ئاغزىدىن، ئاڭلار ئىدىم غۇلجا ھەققىدە. تەلپۈنەتتى كۆڭلى بوۋامنىڭ، تەلپۈنگەندەك گويا مەككىگە!
"ئىلىخو، ئۇ ئاجايىپ زېمىن، ئۆزى گۈزەل، ئادەملىرى ساز". بوۋام شۇنداق تەرىپ قىلاتتى، سۈپەتلىشى ئەمەس ئىدى ئاز!.
ياشلىغىدا ياشاپتىكەن ئۇ، بىر نەچچە يىل ئىتەكلىرىدە. مېھرى بىلەن سانا ئوقۇيتتى، تۇققانلار بار جېلىليۈزىگە.
مەنمۇ شۇنداق تەلپۈۇنگەن ساڭا، مۇھەببەتلىك ئانا يۇرت-غۇلجا. پالۋانلارنىڭ بۆشۈگى ئۆزۈڭ، سەن قەلبىمدە بىر گۈزەل دۇنيا.
ئېسىڭدىمۇ ساھىپجامال قىز، تەلپۈنىشى شۇڭقار يىگىتنىڭ. ئۈلگۈرەلمەي تەلەپ قويۇشقا، ئىقىپ كەتكەن تۇرمۇش-ئېقىننىڭ!.
سىنى شۇنداق ياخشى كۆرسەممۇ، سۆيگىنىمدەك شۇ سۇمبۇل چاچنى. بېرىش نىسىپ بولمىدى ماڭا، لىكىن سېھرىڭ قايدۇرار باشنى!
سەن يۈرىگى ئىشچان خەلقىمنىڭ، تىپچەكلەيدۇ شانلىق بىر ھايات!. سەندە ئۆسكەن دوست-ساۋاقداشلار، سەن -مەن ئۈچۈن بەرگەن مۇكاپات!
قەيسەر "مىنى بىلمەيدۇ" دىمە، "يۈرىگىدىن سۆويمەيدۇ" دىمە. مەن بىلىمەن، بىلىپ سۆيىمەن، قۇچاقلايمەن بىر قۇتلۇق كۈندە!
27-ماي
(ب) كۇچار مۇھەببىتى
*********************
ئۈرۈمچىگە تۇنجى چىققاندا، يول ئۈستىدە تۆت قونغان ئىدۇق. كۇچار سەندە قونۇپ بىر كىچە، بازىرىڭدا تاماقلار يىدۇق.
كاۋاپلىرىڭ شۇنچە مەززىلىك، تېتىپ كەتكەن ئىدى ماڭا بەك. ئادەملىرىڭ سېلىق-سىپايە، پىلىنىمۇ خىجىل قىلغۇدەك.
بەك ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى، كۇچاردىكى شىكەر خەلقىمگە. ئاي ئايلىنىپ يىللار چۆگىلەپ، "بالا" بولۇپ قالدىم "كۈسەنگە".
قېينىئانام تۇغۇلغان بۇ يۇرت، تامغىسىنىباسقان ئىكەن چىڭ. زەرەتلىدى كۇچار شىۋىسى، چىقىپ كىتەر بەزىدە "دىرىڭ".
مەندە يانار سېغىنىش ئوتى، شۇ سەپەرنى ئەسلىگەن چاغدا. كۈچىيىدۇ ھۆرمەت-مۇھەببەت، قېينىئانامغا دۇئا قىلغاندا.
سالام كەتتى ساڭا يىراقتىن، ئوغلۇم كۆرگەن جەننەتتەك ئۇز يۇرت. بىلىپ قالغىن پەرزەنتلىرىڭ بار، تىلەيدىغان ساڭا مەڭگۇ قۇت!
1-ئىيۇن |