- تىزىملاتقان
- 2014-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 553
- نادىر
- 1
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  10.6%
|
قەيسەر مىجىتنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىغا ئاپىرىن . ئۆزى خارۋاردتا بولسىمۇ ، يۈرىكى يەنە شۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ . « ئەرنىڭ غېمى ئەلدە » دېگەن شۇ دە! يۇرت سېغىنىشغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ . ئەمما ، يۇرتىمىزدا «ئۇيغۇر»غا ئوخشايدىغان ئۇيغۇرنى تاپماق بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى. كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمز شان -شۆھرەت ۋە بىر -بىرىگە ئورا كولاش ھەلەكچىلىكىدە ؛ پېشقەدەملىرىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەلەكچىلىكىدە ؛ «رەھبەر»لىرىمىز داۋاملىق ئۆسۈش ھەلەكچىلىكىدە؛ بالىلىرىمىز ساپا مائارىپى ئەمەس ، « جاپا مائارىپى»نىڭ بېسىمىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىش ھەلەكچىلىكىدە ؛ مەن مۇشۇنداق ئانچە - مۇنچە ئىنكاس يېزىپ ، پىغانىمنى بېسىش ھەلەكچىلىكىدە ......
ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەڭ چەت يېزىلىرمىزدا ، كىتابخانىلاردا ، ئېتىز -قىرلاردا ، تونۇر بېشىدا ، جاڭگاللاردا ، خامانلاردا ......
سەل - پەل قايناپ قالدىم قېرىنداشلار ، جۆيلۈپ سالغان بولسام ، ئەيىپكە بۇيرىمايسىلەر !
|
|