- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
  63.8%
|
YAVUZ يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 16:56 
توغرا دەيسىز ،شۇنداقلارنىڭ ھەممىسىلا جەنۇبىي شىنجاڭل ...
شۇنداقلارنىڭ ھەممىسىلا جەنۇبىي شىنجاڭلىق دەپلا كېسىپ ئېيتىۋىتىپسىز، تۇرۇپلا غۇلجىلىقلارنى چېچەن، پاكىز، مەدەنىيەتلىك دەپ غۇلجىلىق پوچى ئىكەنلىكىڭىزنى چىقىرىپسىز. سىزگە ئېيتىپ قوياي، چېچەن، پاكىزلىق بىر شەھەرگە ياكى بىر رايونغا تەئەللۇق نەرسە ئەمەس. ھەممە يۇرتلاردىن چېچەن پاكىزلارنىمۇ، تازىلىققا دېققەت قىلمايدىغان كىر-داسماقلارنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، غۇلجىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلارنىڭ %75 كۆپرەك نوپۇسى جەنۇبىي شىنجاڭدا بولغاچقا، بۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىن چەتئەلگە چىققانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، سىزگە بەلكىم شۇنداق تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر قەشقەرلىك، خوتەنلىك دەپ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كىشىلىرىنى چەتكە قاققىنىدا، ئۇلارنى كاززاپ، قويمىچى،جاھىل دەپ كەمسىتىگىنىدە ئاشۇ كىشىلەرگە غەزەپ نەپرىتىم تاشىدۇ، شۇنداق سۆزنى ئېيتقان نادان كىشىلىرىمىزگە قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن پۇچىلىنىپ كېتىمەن. |
|