- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
  94.5%
|
بۇ يازمىنى يازغان ئادەم بەك كەمبىغەل بولۇپ كىچىككىنە قەلەم ھەققى ئۈچۈن ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان.ياكى بولمىسا ئەڭ چوڭ كاتتا مۇئاۋىنلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىچە ئۇيغۇرنى كەمسىتىپ سۇندۇرغان. بىرقانچە يىل بۇرۇن مەنمۇ شۇ زەيتۇن بۇرنۇغا بارغان ئىددىم .ئۇ يەردە مىنىڭ كۆرگىنىم تۈپتىن پەرىقلىق بولۇپ چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى يوغان ئىسىلغان، شۇنداق بىر ئاشپۇزۇللار باركى بۇ يەرگە جۇڭگولۇقلار ۋە ئىتلار كىرىشكە بولمايدۇ دەپ ئىنىق ھالدا ئۇيغۇرچە يىزىپ قوتۇلغان ئىددى.مەنچە بۇ ماقالىنى يازغان جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ غورۇرىغا مۇشۇلار بەك تەگكەندەك قىلىدۇ. يەنە بىرى زەيتۇن بۇرنۇ ،ئاپتۇر دىگەندەك مەينەت يەر بولماستىن دىڭىز ياقىسىغان يىقىن ،مۇھىتى پاكىز يەر،ئۇ يەردە ئۇيغۇر قازاقلار كۆپ بولغىنى بىلەن ئاساسى نۇپۇسى يەنىلا تۈرۈك خەلىقى .ئۇيغۇرلار كىلىپ قالسا ئۆزىنى مىھمان ھىس قىلمايدىغان بىر يەر.ئەلۋەتتە بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك بەزەن ناكەسلەرمۇ يوقمۇ ئەمەس. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نۇپۇسىدىن بىرقانچە قات كۆپ جۇڭگولۇق يانجۇقچىلارغا قاراپ پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى يانجۇقچى دىگۈلى بولمىغاندەك،بىرقانچە ناكەسكە قاراپ بۇنداق مۇتلەقلەشتۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش پەقەت ۋە پەقەت ئەڭ چوڭ مۇئاۋىنلىق ھوقۇقىغا ئىشتىياق باغلىغانلارنىڭلا ئاغزىدىن چىقىدۇ خالاس. بۇ ماقالىنى سىياسى ئۈگۈنۈش ماتىريالى قىلىپ پايدىلانسا بولغۇدەك. |
|