- تىزىملاتقان
- 2013-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 502
- نادىر
- 1
- يازما
- 29
ئۆسۈش
  0.4%
|
umudwar520 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 15:53 
«ھېچ بولمىسا كەلگۈسىدە ئالىي مەلۇماتلىق لاياقەتلىك ئا ...
ئۈمىدۋار ھەممە دىققەت قىلمىغان كىچىك نۇقتىنى ياخشى بايقاپتۇ . تورداشلار كۆپىنچىمىز ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيسى ئاسپىرانت قىزلارنىڭ قېرىپ كېتىش كەتمەسلىك مەسىلسىگىلا دىققەت قىلىپ بۇ نۇقتىنى بايقىماپتىمىز .
بەك توغرا دېدىڭىز ئۈمىدۋار :‹ھېچ بولمىسا لاياقەتلىك ئانا بولارمەن › بۇ نىمىدىگەن مەسئولىيەتسىزلىك ،تېتىقسىزلىق بىلەن ئېيتىلغان گەپ .
ئاسپىرانت قىز سىزگە دەپ قوياي : يېقىنقى زامان تارىخىدىكى داڭلىق ئالىم ،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشكۈر مۇھەممىتىمندىن بۈگۈنكى كۈندىكى مىرسۇلتان ئوسمانغىچە ، موسابايوفلاردىن رادىل ئابلاغىچە بولغان مۇنەۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيلىگەن .يەنە تالاي -تالاي دوكتۇر ئالىملارنى تەربىيلىگەن ئانىلىرىمىز سىزگە ئوخشاش ئاسپىرانتلىقتا ئوقىمىغان ، ئەنە ئۇلار ھەقىقىي لاياقەتلىك ئانىلاردىن ئىدى ، ھەتتاكى مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان تالاي لاياقەتلىك ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆتكەن .
ئۇلار سىزگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە تۇرمىغان ، ھەتتا بېرىپمۇ باقمىغان ، ئۇلارنىڭ كۈنى تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش ، دېھقانچىلىق بىلەن ئۆتكەن ئاددى لېكىن تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى . ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتكەن لاياقەتلىىك ئانىلاردىن ئىدى .
ئاسپىرانتلىق دىگەن ئۇ پەقەت ۋە پەقەت مەلۇم كەسپتىكى ئۇنۋان ، ئۇنداق ئۇنۋانىڭىزنى ئاپىرىپ چېكىڭىزگە تېقىڭ ، بۇ يەردە سىز مەلۇم تار دەئىردىكى كەسپتىن ئۇنۋان ئېلىپ لاياقەتلىك ئانا بولىمەن دەپ بىلجىرلىماڭ .
ئاسپىرانتلىق دىگەن نىمە ئۇ ، بايا دەپ ئۆتكەندەك بىر كەسپتىكى ئۇنۋان خالاس ، خىمىيە كەسپىدە دوكتۇر ، دوكتۇر ئاشتى بوپ كەتسىڭىزمۇ ،ئۆگەنگەن خىمىيە بىلەن ئانا بولالمايسىز ، ئانا بولۇشقا ئۇنۋېرسال ساپا ، روھ كېتىدۇ ،
سىزگە دەپ قوياي ئۇيغۇرنىڭ لاياقەتلىك ئانىسى بولۇش ئۈچۈن ئۇنۋان دىپلۇم كەتمەيدۇ ، روھ كېتىدۇ .
خەير خوش ئاسپىرانت سىڭلىم ! |
|