- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4052
- نادىر
- 0
- يازما
- 383
ئۆسۈش
  68.4%
|
شۇنى دەيمەن ! چوقۇم ئوقۇشنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن توي قىلىدۇ دەيدىغان گەپ بارمىكەن بىر يەردە؟ توينى قىلىۋىلىپ ئاندىن نەكىچە ئوقۇسا بولىۋېرىدىغۇ؟مەنچە ئاۋۋال توينى قىلىۋالسا، نۇرغۇن گۇناھلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ئىنشائاللاھ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ ئوقۇشنى دەپ شۇنچە يىراق يەردە ئۆزى يالغۇز يۈرىشىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇياكى خالىمايدۇ،(خالىماسلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇيالمايۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەتراپىمىزدا ) ئولتۇرسا قوپسا قىزىم نىمە يەۋاتقاندۇ ؟ نىمە كىيىۋاتقاندۇ؟ كىملەر بىلەن دوست بولۇپ قانداق ئادەملەر بىلەن يۈرىۋاتقاندۇ دەپ تاكى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ يىنىغا قايتىپ بارمىغۇچە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ يىگىنى يىگەن ئەمەس، ئۇيقۇسى ئۇيقۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە قىزلارنىڭمۇ بۇ جەرياندىكى چېكىدىغان جاپالىرى ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇنداق ئۆزىمۇ قىينىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىمۇ قىيناپ يۈرگەندىن ، ۋاقتىدا پەرزنى ئادا قىلىۋاتسە، ئاتا-ئانىمۇ بوينىدىى بىر قەرزدىن قۇتۇلىدۇ بىر، يىنىدا يولدىشى بار ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ ئىككى، قىز-ئوغۇل نۇرغۇن گۇناھلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ ئۈچ.........
ئاۋال توي قىلىۋىتىپ ئاندىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا نەرى يامان؟ بىراق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىدىن قەتئىي ئۆتمەيدىكەن، قىز-ئوغۇللىرىنىڭ سىرتتا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىگە ۋە ئاتا-ئانىسىغا گۇناھ يۈكلەپ ئۆتۈشىگە رازىكەنۇ، بىراق......... |
|